دونالد ترامپنىڭ ئىچكى كابېنتى خىتايغا نىسبەتەن كەسكىن پوزىتسىيەدىكى سىياسىيونلاردىن تەشكىللەنمەكتە (2)

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.11.27
trump-xitayni-cheklesh دونالد ترامپ خىتاينىڭ فېنتانىل ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئېقىنىغا قارشى خىتاي ماللىرىغا قوشۇمچە 10 پىرسەنت باج قويىدىغان بولدى.
Photo: RFA

پىروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا، ئامېرىكانىڭ 47-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان دونالد ترامپنىڭ خىتاي بىلەن داۋاملىق رىقابەتلىشىشنى ئەمەس، بەلكى بۇ رىقابەتتە خىتاينى مەغلۇپ قىلىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقى، شۇڭا ئۇ كۆرسەتكەن يېڭى كابېنت ئەزالىرىنىڭ خىتايغا مۇرەسسە قىلمايدىغان، قاتتىق قول سىياسەتچىلەردىن تەشكىل تېپىۋاتقانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بارغان ئىدۇق. بۇ قىسمىدا بولسا، دونالد ترامپنىڭ خىتايغا سودا جەھەتتە پۇرسەتپەرەسلىك قىلىشىغا، تېخنىكا جەھەتتە ئوغرىلىق قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقى، خىتاينىڭ بۇنىڭغا قانداق جاۋاب بېرىدىغانلىقى، ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ خىل جىددىي توقۇنۇشلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە توختىلىمىز.

14-نويابىر، «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە خىتاي بىلەن يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىدە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى باشلايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. پىرېزىدېنت دونالد ترامپ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى قىلىپ تاللىغان پېت ھېگسېت (Pete Hegseth) خىتاينىڭ مىكرو ئۆزەك (چىپ) نى ئىگىلەش ئۈچۈن تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى، ئەگەر يۇقىرى ھەربىي تېخنىكىلارنى ئىگىلىۋالسا دۇنياغا ھۆكۈمران بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان شەخس ئىكەن. پىرېزىدېنت ترامپ ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى قىلىپ تاللىغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرستى نوئىم (Kristi Noem) جەنۇبى داكوتا ئىشتاتىدا تۇنجى بولۇپ تىكتوك ئىشلىتىشنى چەكلىگەن ۋە مەزكۇر ئىشتاتتا خىتاي شىركەتلىرى بىلەن چېتىشلىقى بولغان شىركەتلەرنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان سىياسەتچى ئىكەن. پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ب د ت تىكى باش ئەلچىسى قىلىپ تاللىغان ئەلىس ستېفانىك (Elise Stefanik) بولسا، ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى تېخنىكا ئۈستۈنلۈكىنى ساقلىشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغان، خىتايدىن تارىغان كوۋىد ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈشى ھەم خىتايدىن تۆلەم تەلەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان سىياسەتچى ئىكەن. 25-نويابىر، ئامېرىكا ئىقتىساد خەۋەرلىرى قانىلى (CNBC) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ مالىيە مىنىستىرى قىلىپ تاللىغان سكوت بېسسېنت (Scott Bessent) كاپالەت مەبلىغى فوندى شىركىتىنىڭ دىرېكتورى بولۇپ، خىتايدىن يۇقىرى تاموژنا بېجى ئېلىشنى، شۇنداقلا خىتاي پۇلىنىڭ دوللارغا قارشى ئۈستۈنلۈك قازىنىشىغا يول قويماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدىكەن. ئۇنىڭ يەنە ئامېرىكانى دۇنيانىڭ رەقەملىك پۇل مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش پىلانى بار ئىكەن.

15-نويابىر كۈنى، «ۋال سترېت ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، خىتاينىڭ ئامېرىكا باشلىغان بىرىنچى قېتىملىق سودا ئۇرۇشىغا چىداپ ھالى قالمىغانلىقىنى، ئىككىنچى قېتىملىق سودا ئۇرۇشىنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ قاتتىق بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «شى جىنپىڭنىڭ نۆۋەتتە قىلىدىغان بىرىنچى چوڭ ئىشى دونالد ترامپ بىلەن سودا جەھەتتە ئوبدان ھېساب-كىتاب قىلىش. چۈنكى خىتاي ئىقتىسادى چۆكمەكتە، خىتاينىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلىرى نەچچە تىرىللىيون دوللار قەرزگە بوغۇلۇپ قالدى».

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئەسلىدە تاشقى سودىدا خىتايغا تېگىشلىك جاجىسىنى بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دەيدۇ: «پىرېزىدېنت دونالد ترامپ 2018-يىلدا خىتايغا تاموژنا بېجى قويۇش بىلەن سودا جېڭىنى باشلىغىنى يوق، بەلكى خىتاي نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئامېرىكا بىلەن سودا جېڭى قىلىۋاتىدۇ، ترامپ پەقەت ئۇنىڭغا تېگىشلىك جاۋاب بەردى. ھازىر خىتاي بىلەن بولۇۋاتقان كۈرەش كۈندىلىك ئىستېمال ماللىرىدىن ھالقىپ، يۇقىرى تېخنىكا ساھەلىرىگە كېڭەيمەكتە. شى جىنپىڭ ئامېرىكانىڭ تېخنىكىسىنى تىلەپمۇ، ئارىيەت ئېلىپمۇ، ئوغرىلاپمۇ ئالالايمىز دەپ ئويلىغانىدى، ترامپ ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىغا يول قويماي كېلىۋاتىدۇ. كىم بۇ رىقابەتتە ئۇتۇپ چىقسا، بۇ ئەسىرگە شۇ ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ياخشى يېرى، ھازىر ئامېرىكادىمۇ خىتاي رەھبىرىگە ئوخشاش قەتئىي ئىرادىلىك بىر رەھبەر بار».

ئامېرىكا ئىقتىساد خەۋەرلىرى قانىلى (CNBC)نىڭ 25-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ فېنتانىل قاتارلىق زەھەرلىك بۇيۇملارنى ئامېرىكاغا داۋاملىق كىرگۈزۈشىدىن نارازى بولغان دونالد ترامپ، خىتاي ماللىرىدىن ئالىدىغان تاموژنا بېجىنى يەنە 10 پىرسەنت ئۆستۈرىدىغانلىقىنى، كانادا بىلەن مېكسىكادىن 25 پىرسەنت باج ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى ئەلچىخانىسى بۇنىڭغا ئىپادە بىلدۈرۈپ، «سودا ئۇرۇشى ياكى تاموژنا بېجى ئۇرۇشىدا ھېچكىم غەلىبە قىلالمايدۇ» دېگەن.

ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزى خەلقئارا تەرتىپ ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى دوكتور رايموند كو نۆۋەتتىكى يەر شارى ئىقتىسادىغا ئوبيېكتىپ قاراش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئامېرىكانىڭ خىتايغا سودا ۋە تېخنىكا جەھەتتە جازا يۈرگۈزۈشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، ئامېرىكا خىتاينى جازالايدۇ. ترامپ خىتاي بىلەن سودا جېڭى قىلماقچى. بىراق ئۇ خىتاي بىلەنلا ئەمەس، باشقا دۆلەتلەر بىلەن سودا جېڭى قىلماقچى بولسا، بۇنىڭ پايدىسىز تەرەپلىرىمۇ بار. ئەگەر ئامېرىكا خىتايدىن باشقا دۆلەتلەر ۋە ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن سودا جېڭى قىلسا، ئۇ دۆلەتلەر خىتاي بىلەن ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ بارىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا خىتاي ماللىرىنى چەكلەيدىغان خەلقئارا بىرلىك سەپ قۇرۇپ ئاندىن خىتاينى چەكلىسە، خىتايغا يۇقىرى تاموژنا بېجى قويۇشنىڭ رولى ۋە ئۈنۈمى بولىدۇ. چۈنكى خىتاي ئۆزىنىڭ ماللىرىنى ھېچنەدە ساتالماي، خىتايغا ياندۇرۇپ كېلىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا ھەممە دۆلەتتىن تاموژنا بېجى ئېلىۋەرسە، ئۇ ھالدا ئامېرىكا بازىرى مال كىرگۈزۈشتىكى جەلپ قىلىش كۈچىنى يوقىتىپ قويىدۇ، ئۇ ھالدا باشقا دۆلەت بازارلىرى جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ».

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان، «دونالد ترامپ خىتاي بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىقىشى مۇمكىن» ناملىق ماقالىدە دېيىلىشىچە، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك شەكىلدە سىياسىي سەھنىگە چىقىشى خىتاينى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان بولۇپ، پىرېزىدېنت بايدىن مەزگىلىدە ئامېرىكاغا قاتتىق تېگىپ، ئىغۋاگەرلىك تۈسىنى ئالغان سۆزلەرنى قىلىپ كەلگەن خىتاي، ترامپنىڭ يېڭى كابېنتى ئالدىدا نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى خۇ پىڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ترامپنىڭ قايتا سايلىنىپ، خىتاينى بىئارام قىلىدىغان شەخسلەردىن ھۆكۈمەت تەشكىللەيدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇنىڭغا خىتاينىڭ ئىنكاسى بوش، كىمنى قوللاپ، كىمگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنىمۇ ئاشكارىلىمىدى. خىتاي ماركو رۇبىيوغا ئىككى قېتىم جازا يۈرگۈزگەن، كەلگۈسىدە ئۇ ئامېرىكانىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولسا، خىتاي قانداق قىلىدۇ؟ شۇڭا خىتاي ھازىر ناھايىتى ئوسال ئەھۋالدا. ئەمەلىيەتتە ترامپ قايتا چىقىشتىن ئىلگىرىلا، خىتاي ئامېرىكاغا قاراتقان پوزىتسىيەسىنى يۇمشىتىشقا باشلىغان، چۈنكى خىتاي ئىقتىسادى چۆكۈشكە قاراپ ماڭغان. ئەلۋەتتە، خىتاينىڭ بۇنداق پەسكويغا چۈشكەندەك كۆرۈنۈشى كارغا يارىمايدۇ، شۇڭا خىتاي يەنە باشقا چارىلەرنىمۇ قوللىنىپ بۇ ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. خىتاي بەلكىم يەنە رۇسىيە، ئىران، شىمالىي كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن تېخىمۇ كۈچلۈك ھەمكارلىشىش، باشقا غەرب دۆلەتلىرى بىلەن ئامېرىكا ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىشى ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ بۇ يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىن. ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، خىتاي ھازىر ناھايىتى كۈچلۈك بىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە دۇچ كەلدى، بۇنى خىتاي ئىلگىرى ئويلاپ باقمىغان، خىتاي ئۈچۈن بۇ ناھايىتى چوڭ ئاۋارىچىلىك».

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ ئەندىشىلىرى ھەققىدە توختىلىپ: «خىتاي ھازىر پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ خىتاينى مەغلۇپ قىلىش ئۈچۈن قانداق تاكتىكا قوللىنىدىغانلىقىنى بىلمىگەچكە بىئارام بولغان ۋە بەلكىم رۇسىيەنى خىتايدىن ئايرىۋېتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن» دېدى.

دونالد ترامپ يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللىگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئامېرىكا تەلەپ قىلغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئۆزگىرىش بولامدۇ دېگەن مەسىلىدە، خۇ پىڭ ئەپەندى كۆز قارىشى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مەنچە، ئۆزگىرىش بولمايدۇ. خىتاي كۆز بويامچىلىق تەشۋىقاتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئىلگىرىمۇ بۇنداق تەشۋىقاتنى خېلى قىلدى. خەلقئارا يىغىنلارنى ئېچىپ، ئۆزىنى ماختاپ، كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا كۈچەپ كەلدى. ترامپ ھۆكۈمىتى خىتايغا قاتتىق بېسىم قىلمىغۇچە، خىتاي ‹شىنجاڭ سىياسىتى›نى ھەقىقىي ئۆزگەرتمەيدۇ. شۇڭا بۇ، ئامېرىكادىكى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ قانداق رول ئوينىشىغا باغلىق».

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ترامپنىڭ دادىل خاراكتېرى قورقۇنچاقلىق بىلەن سىغىشمايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇنداق كەسكىن رىقابەت دەۋرىدە رەقىب بىلەن تەڭلىشىپ قېلىش ئاجىزلىقتۇر، تىنچلىقتا بىللە ياشاش بولسا تەسلىمىيەتچىلىكتۇر. ئەگەر ئۇ ئۆتمۈشتىن ساۋاق ئېلىپ، ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ، پىرىنسىپ ۋە ئىنتىزامنى چىڭ ساقلىسا، خىتاي ئۈستىدىن غالىب كېلىشى مۇمكىن».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.