«تۇراندا يالغۇز بىر ۋەتەن - شەرقىي تۈركىستان» نامىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

19-مارت كۈنى ئىستانبۇلدىكى مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىدا «تۇراندا يالغۇز بىر ۋەتەن - شەرقىي تۈركىستان» ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي ئىلىم فاكۇلتېتى تۈرك مەدەنىيىتى كۇلۇبىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىندا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىپى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى بىلەن ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات تورىنىڭ مەسئۇلى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندىلەر تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتتى.

ئۇنداقتا بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قايسى مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى؟ يىغىن قاتناشقۇچىلىرىدىن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قانداق پىكىر ۋە سوئاللار ئوتتۇرىغا قويۇلدى؟

بىز بۇ ھەقتە مەزكۇر يىغىندا سۆز قىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىپى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ۋە ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات تورىنىڭ مەسئۇلى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى بۇ يىغىندا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتكەنلىكىنى، ئاندىن خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى، ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك باستۇرۇلۇش نىشانى قىلىنىۋاتقانلىقى ھەمدە خىتاينىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرى ھەققىدە توختالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ھەر ساھەنىڭ قولىدىن كېلىدىغان بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى ئىشقا سېلىشىنى، خەلقئارالىق چوڭ تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىشىپ خىتايغا بېسىم قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى ئېغىر زۇلۇملارنى تۈركىيە خەلقىگە داۋاملىق ئاڭلىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، بۇ مەسىلىسىنى خەلققە ئاڭلىتىشنىڭ دىنى ۋە مىللىي مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېچىلغان مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقۇچى تۈركلەر ئاساسلىقى «بىز نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيمىز؟ زادى نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟» دېگەندەك سوئاللارنى كۆپرەك سورىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆز سۆزىدە ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلگۈچى بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا كۆپلەپ ئاڭلىتىشقا ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.