تۈركىيە يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن ياشىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

0:00 / 0:00

تۈركىيە يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ رەئىسى، ئەنقەرە ئىجتىمائىي بىلىملەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، دىنىي ئىلىملەر كەسپىنىڭ پروفېسسورى، يازغۇچى مۇسا قازىم ئارىجان ئەپەندى 10-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى، خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇنى دەرھال توختىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

خەت مۇنداق باشلانغان: «قىممەتلىك خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتالغان تۈركلەرنىڭ قەدىمىي يۇرتى شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن خەۋەرلەر بىلەن تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان جازا لاگېرلىرى شاھىتلىرىنىڭ ئاڭلاتقانلىرىدىن رايوندىكى مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكى تۈپەيلى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، مىليونلىغان ئادەمنىڭ لاگېرغا تاشلانغانلىقىنى، بۇنىڭ سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ ۋەيران بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىشلەش ۋە ئوقۇش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالغانلىقىنى بىلدۇق. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئېغىر ۋەزىيىتى خەلقئارا ئاخباراتلاردا ۋە خەلقئارا سىياسەتتە كۈنتەرتىپكە كېلىشكە داۋاملاشماقتا. بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا 2021-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرى، يازغۇچىلار، تارىخچىلار، ژۇرنالىستلار ۋە شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشقان مۇزاكىرە يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، بۇ ھەقتە دوكلات تەييارلىدۇق».

تۈركىيە يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ رەئىسى يازغان بۇ خەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل بېسىم سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىسە تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى بايان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: «قىممەتلىك دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، دۇنيادا ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولغان دۆلىتىڭىز بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بۈگۈنمۇ داۋاملاشماقتا. ھازىر خىتاي پۇقراسى بولۇپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن بىز تۈركلەر قان-قېرىنداش. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىدا ئەركىن، بارلىق ھەق ۋە ھوقۇقلىرىغا ئىگە ياشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئۇيغۇرلار زۇلۇم ئاستىدا ياشىسا، مىليونلىغان تۈرك خەلقى بىئارام بولۇش بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ھۆكۈمىتىڭىز ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلسا، دۆلىتىڭىزنىڭ خەلقئارادىكى ئابرويى ئۆسىدۇ.»

تۈركىيە يازغۇچىلار جەمئىيىتى 2020-يىلى 7-ئايدا «شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» تېمىسىدا دوكلات تەييارلاپ، ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوتىنىۇڭ رەئىسى روبېرت سپانو ئەپەندىگە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس ئەپەندىگە ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھلى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى جېنس ستولتەنبېرگ ئەپەندىلەرگە ئەۋەتىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇشقا چاقىرغان.

بۇنداق خەتلەرنىڭ يېزىلىشى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە قانداق تەسىرلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن؟ تۈركىيە دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزيە ئىدارىسىنىڭ مۇخبىرى، تەتقىقاتچى مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى تۈركىيە يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ نۇرغۇن داڭلىق يازغۇچىلار ئەزا بولغان تەسىرى كۈچلۈك ئاممىۋىي تەشكىلات ئىكەنلىكىنى، ئۇلار يازغان خەت ۋە دوكلاتلارنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ تۈركىيەدە ۋە چەت ئەلدە تونۇلۇشىغا زور پايدىسى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى خىتاي مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە قارىتا تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى يوشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ خىل خەتلەرنىڭ يېزىلىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مەركىزى ئەنقەرە شەھرىدە تۇرۇشلۇق تۈركىيە يازغۇچىلار جەمئىيىتى 1978-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ جەمئىيەتكە كۆپ ساندا داڭلىق يازغۇچىلار ۋە ئەدىبلەر ئەزا ئىكەن.