«تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە تۈرك دۇنياسى» يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى ئوتتۇرىغا قويۇلدى
2023.10.25

تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە 10-ئاينىڭ 21-كۈنى ئېچىلغان «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە تۈرك دۇنياسى» ماۋزۇلۇق يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىردە ئېلىپ بارغان مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ يىغىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى رەئىسى مەھمەت ئۆز ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى، پىروفېسسور دوكتور مەھمەت شاھىنگۆز ئەپەندى «تۈركىي خەلقلەرنىڭ مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى» تېمىسىدا، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پەنلىرى پىروفېسسورى ئۈچلەر بۇلدۇق ئەپەندى «تۈركىيەنىڭ تۈرك دۇنياسىغا بولغان كۆز قارىشى»، پىروفېسسور دوكتور ئىبراھىم ئەتھەم ئاتنۇر ئەپەندى «تۈرك دۇنياسىنىڭ 21-ئەسىردىكى يۈزلىنىشى» تېمىسىدا دوكلات بەردى.
مەزكۇر يىغىننى 1912-يىلى قۇرۇلغان تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى ھېسابلىنىدىغان تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئىدارە-جەمئىيەت رەھبەرلىرى ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ 500 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلدى. پىروفېسسور دوكتور مەھمەت ئۆز ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن دەرد-ئەلەملەرنى ھەرگىز سېلىشتۇرمايمەن. ئەگەر غەززەدىكى ۋەقەگە بولغان كۆز قارىشىمىزنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان بولساق، 2018-يىلىدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر مىللىتى ئۆلۈمگە تاشلاپ قويۇلدى. شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا تۈركىيە ئاۋازىنى چىقاردىمۇ؟ دۇنياۋى كۈچ بولۇش كۆرۈشى داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇ كۈرەشتە قايسى دۆلەت كىمدىن پايدىلىنىۋاتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مېنىڭ كارىم يوق. مەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىمەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئەنگلىيە ۋەكىلىنىڭ باشچىلىقىدا تەكلىپ تەييارلانغان، بۇ ياخشى ئىش. بەزى دۆلەتلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىن. لېكىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىدىن ئىبارەت قىلمىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز خىتاينىڭ ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ مېڭىسىنى قانداق يۇيۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايسىز. ھازىر شەرقىي تۈركىستانلىق ياش-ئۆسمۈرلەر مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇلدى. بىز دۇنيادىكى مەسىلىلەرگە مىللىي ۋە ئىنسانىي نۇقتىدىن قارىيالىساق توغرا قارىغان بولىمىز» .
ئارقىدىن ئەنقەرەدىكى غازى ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى، تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى مەھمەت شاھىنگۆز ئەپەندى بەرگەن دوكلاتىدا، ئۇيغۇرلار ئۆتكەن ئەسىردە قۇرغان ئىككى جۇمھۇرىيىتى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «1931-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن قوزغىلاڭلار نەتىجىسىدە، 1933-يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ غەربىي تۈركىستاندىكى تۈركىي خەلقلەرگە يامان نەمۇنە بولۇشىدىن قورققان سوۋېت ئىتتىپاقى، خىتاي بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ مەزكۇر جۇمھۇرىيەتنى يوق قىلىۋەتكەن. 1944-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىدىكى غۇلجىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئېلان قىلىنغان. 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان كوممۇنىست خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغاندىن كېيىن مىللىي ئارمىيە يوق قىلىنغان. ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقىي تۈركىستان رەھبەرلىرىنىڭ بەزىلىرى سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن. بەزىلىرى بولسا چەت ئەلگە قېچىشقا مەجبۇر بولغان. شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مۇستەقىللىق كۆرۈشى 74 يىلدىن بۇيان داۋام قىلماقتا. »
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن «شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىنىڭ نېمە دەرد-ئەلەملەرنى تارتىۋاتقانلىقىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى، تۈركىيەدە، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى داۋاملىق كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، پەقەتلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىلا ئەمەس قىرىم تاتارلىرى، ئىراق كەركۈك ۋە مۇسۇلدىكى تۈركمەنلەر، ياۋروپادىكى تۈركلەرنىڭ مەسىلىلىرىنىمۇ كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىپ، ھەل قىلىش يوللىرى ئىزدەشنى داۋام قىلىدىغانلىقى» نى تەكىتلىدى.
«تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە تۈرك دۇنياسى» ماۋزۇلۇق يىغىن ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش كاتىپى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى يىغىننىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى ۋە بۈگۈن دۇچار بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى 1923-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى رەسمىي جاكارلانغان بولۇپ، قۇرۇلۇشىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلمەكتە.