لۈتفۈ تۈركقان: «بىز تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ياقتۇرمايمىز»
2023.06.16

پارلامېنت سايلىمى ئاخىرلىشىپ، تۈركىيەنىڭ يېڭى پارلامېنت ئەزالىرى ئىشقا چۈشكەن بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دىلشات بارىشچى ئەپەندى، قۇرۇلتاي ۋەكىلى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ھەيئەت تۈركىيە پارلامېنتىغا يېڭىدىن سايلىنىپ كىرگەن «ئىيى» (ياخشى) پارتىيەسىنىڭ 4 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بىلەن ئۇچراشتى. ئۇچرىشىشتا «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى لۈتفۈ تۈركقان ئەپەندى بۇندىن كېيىنمۇ تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، لېكىن تۈركىيەنىڭ ھازىرغىچە بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقىنىڭ نومۇس ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
د ئۇ ق ۋەكىللىرى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى، ئەلىي ئەكبەر نۇرلۇق ئەپەندى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەدىكى ۋەكىلى مەھمەت ئەلىي ھافىز ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش كاتىپى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندىلەرمۇ ئورۇن ئالغان بۇ ھەيئەت «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ ئۆتكەن 5 يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىگە رەھمەت ئېيتتى. شۇنداقلا بۇ پارتىيەنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلدى.
مەزكۇر ھەيئەت «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ تۈركىي مىللەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى پارلامېنت ئەزاسى رىدۋان ئۇز ئەپەندى، پېشقەدەم سىياسەتچى پارلامېنت ئەزاسى لۈتفۈ تۈركقان ئەپەندى، يېڭى سايلانغان پارلامېنت ئەزاسى ئەرسىن بېياز ئەپەندى ۋە كۈرشات زورلۇ ئەپەندىلەر بىلەن ئايرىم ئايرىم ئۇچرىشىپ ئۇلارغا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ سالامىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
ئۇچرىشىشتا دىلشات بارىشچى ئەپەندى ئالدى بىلەن ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسى، كانادا، ئەنگلىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، فىرانسىيە، چېخىيە، لىتۋا قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ياكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، دەپ بېكىتكەنلىكىنى، شۇڭا تۈركىيە ھۆكۈمىتى، باشقا قېرىنداش دۆلەتلەرنىڭ ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇنداق ئېغىر ۋەزىيىتىگە قاراپ تۇرماستىن پارلامېنتلىرىدا قارارلار ماقۇللىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.
2017-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا جازا لاگېرلىرى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن بىر قانچە قېتىم بۇ ھەقتە تەكلىپ لايىھەسى سۇنغان «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى لۈتفۈ تۈركقان ئەپەندى بۇندىن كېيىنمۇ تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، لېكىن تۈركىيەنىڭ ھازىرغىچە بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقىنىڭ نومۇس ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قاراتقان سىياسىتىنى بىز ئىيى پارتىيەسىدىكىلەر ياقتۇرمايمىز. بۇ ھەقتە ئىزچىل ھالدا ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتىمىز. ئۇيغۇرلار بىلەن قېرىنداش بولغان تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرۇشى نومۇس ئىش. بىز بۇندىن كېيىنمۇ سىلەرنىڭ قوللىشىڭلار بىلەن تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇمىز ۋە چارە يوللىرىنى ئىزدەيمىز».
بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ كەلگەن ئىيى پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى رىدۋان ئۇز ئەپەندى ئۆز پارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئاڭلىتىش، قانۇن لايىھەلىرى سۇنۇش ئارقىلىق تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دىلشات بارىشچى، ئەپەندى6-ئاينىڭ 14-15-كۈنلىرى ئىيى پارتىيەسىدىن بولغان 4 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى، مەزكۇر پارتىيەنىڭ بۇرۇن 4 تىلدا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى» تەييارلاپ تارقاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ خىزمەتلەرنى قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ھالدا تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىپ كەلمەكتە. بۇلارنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قانداق پايدىسى بولدى؟ د ئۇ ق نىڭ ۋەكىلى خايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇچرىشىش ئاخىرىدا ھەيئەت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا ئاممىۋى تەشكىلاتلار تەييارلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى دوكلات ۋە كىتابلارنى تەقدىم قىلدى.
«ئىيى» يەنى «ياخشى» پارتىيەسى 2018-يىلى تۈركىيە پارلامېنتىغا كىرگەن بولۇپ، ئۆتكەندە 2 قېتىم ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قانۇن لايىھەسى سۇنغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ لايىھە ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇلارنى قوللاۋاتقان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قارشى چىقىشى بىلەن رەت قىلىنغانىدى.