تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى 2025-يىلى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تۈركىيە پارلامېنتىدا قوبۇل قىلدۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2024.12.31

پىرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 22 يىلدىن بۇيان تۈركىيەنى ئىدارە قىلىپ كېلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتەپ كەلمەكتە. 2015-يىلىغىچە پىرېزىدېنت ئەردوغان كۆپ قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان، ھەتتا 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەندە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن، شۇنداقلا خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.
2015-يىلىدىن كېيىن، بولۇپمۇ 2017-يىلىدىن كېيىن، پىرېزىدېنت ئەردوغان ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېزىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىسىنى تىلغا ئالغاندا، ئاندا-ساندا بولسىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىنى تىلغا ئالغان ئىدى. ھالبۇكى، 2024-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى «سائادەت» ۋە «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى مەسئۇلى سەلجۇق ئۆزداغ ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ لايىھەسى سۇنغان، مەزكۇر تەكلىپ باشقا پارتىيەلەرنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ قارشى ئاۋاز بېرىشى بىلەن رەت قىلىندى. تۈركىيە پارلامېنتىغا سۇنۇلغان مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىشىنى ۋە بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئېلىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىنغان ئىدى.
پارلامېنت ئەزاسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا تېلېفون ئۇچۇرى ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «2024-يىلىدا بىر قېتىم شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا تەكلىپ لايىھەسى سۇندۇم، 5 قېتىم تۈركىيە پارلامېنتى ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويدۇم. تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا 3 قېتىم مەخسۇس مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدۈم. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا داۋاملىق شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا مەلۇماتلار تارقاتتىم. 2025-يىلىدا تېخىمۇ ئاكتىپ ھالدا پائالىيىتىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز».
تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپپا ۋەكىلى، پارلامېنت ئەزاسى ساتۇق بۇغرا قاۋۇنجۇ ئەپەندى، سەلچۇق تۈركئوغلۇ ئەپەندى، ئاييۈجە تۈركەش خانىم قاتارلىقلار كۆپ قېتىم سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلاتقاندىن سىرت، مەخسۇس مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد ئەپەندى 2024-يىلى تۈركىيەدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا، كانادا ۋە گوللاندىيە پارلامېنتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ بېكىتكەندىن كېيىن، تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرۇشى، تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. تۈركىيەنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ 2021-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بىرى بولغان ‹خابەر تۈرك› تە مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغداۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قوغدايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلمىدى. شۇڭا بىز تۈركىيە پارلامېنتىغا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن جامائەت پىكرى توپلاش ۋە تۈركىيە پارلامېنتىغا دوكلات سۇنۇش قاتارلىق ئىشلارغا ئەھمىيەت بەردۇق. 2025-يىلىدىمۇ نۇقتىلىق ھالدا بۇ خىزمەتكە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرلىكتە، دەۋايىمىزنى تۈركىيەدە يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىمىز».
تۈركىيە ھۆكۈمىتى 2015-يىلى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغاندىن كېيىن، پىرېزىدېنت ئەردوغان 2021-يىلىدا سۈكۈتنى بىر قېتىم بۇزدى. ئۇ ب د ت دىكى ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقان دۆلەتلەر قاتارىغىمۇ قوشۇلغان بولدى. پىرېزىدېنت ئەردوغان ب د ت دىكى ئومۇمىي يىغىندا جەمئىي 3 قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، تېخىچە ئۇنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قوبۇل قىلمىدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى 2024-يىلى نۇقتىلىق ھالدا تۈركىيە پارلامېنتىغا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى، 2025-يىلىدىمۇ بۇ خىزمەتنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مۇتەخەسسىسلەر، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا 2017-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە ئۇزۇن يىل سۈكۈتتە تۇرۇۋالغان بولسىمۇ، 2021-يىلىدا بۇ سۈكۈتنى بۇزغانلىقىنى، 2025-يىلىدا تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يىرىكلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.