بۇنىڭدىن 5 ئاي بۇرۇن خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىنكى 5 ئاي ئىچىدە پۈتۈن دۇنياغا تېزلا يامرىغان كورونا ۋىرۇسى تۈركىيەدە غوجا ئابدۇللا ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنىڭ جېنىغا زامىن بولغاندىن سىرت، كۆپ ساندا ئۇيغۇرنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىككى ئۇيغۇر ئېغىر يۇقۇملىنىپ، ئۆلۈم گىردابىدىن قايتقان.
بىز كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ داۋالىنىپ ساقايغان شىركەت خوجايىنى ھەبىبۇللا ئۇيغۇر ۋە ئىستانبۇل كۈچۈكچەكمەچە رايونلۇق ھۆكۈمەتتە ئىشلەيدىغان ئابدۇراخمان قارى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق
ھەبىبۇللا ئۇيغۇر ئەپەندى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى خىزمەت بىلەن تۈركىيەنىڭ توكات ۋىلايىتىگە، ئۇ يەردىن ئوغلىنى يوقلاش ئۈچۈن كاستامونۇ ۋىلايىتىگە، 16-كۈنى بالىقكەسىر ۋىلايىتىگە بېرىپ ئۇ يەردە 4 كۈن تۇرۇپ، 20-مارت كۈنى ساق-سالامەت ئىستانبۇلغا قايتىپ كەلگەن. بىراق، 21-چېسلا ئەتىگەن ئۇنىڭ سالامەتلىكىدە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولۇشقا باشلىغان. ھەبىبۇللا ئۇيغۇر ئەپەندى بۇ جەريان توغرىسىدا بىزگە مەلۇمات بەردى.
ھەبىبۇللا ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە 21-مارت كۈنى تۇيۇقسىز قىزىتمىسى ئۆرلەپ، كۆڭلى ئېلىشىپ، بەلغەم تۈكۈرۈپ، بېشى قېيىپ قاتتىق يۆتىلىپ بولالماي، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتسە كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغىنى مەلۇم بولغان.
مەلۇم بولغىنىدەك كورونا ۋىرۇسى يېڭى پەيدا بولغان بولغاچقا تېخى دورىسى ئىشلەپ چىقىرىلمىغان. ھەبىبۇللا ئۇيغۇر ئەپەندى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى دوختۇرخانىدا ياتقان بولۇپ، 5-6 كۈن قاتتىق قىينالغان. دوختۇرلارمۇ ئۈمىدىنى ئۈزگەن بولسىمۇ 7-كۈنىدىن تارتىپ ياخشىلىنىشقا باشلىغان.
ھەبىبۇللا ئۇيغۇر ئەپەندى يەنە ئايالى ۋە بالىسىنىڭمۇ يۇقۇملىنىپ ساقايغانلىقىنى، سىڭلىسىنىڭ دوختۇرخانىغا تاماق ئاپىرىپ بېرىمەن دەپ كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى، سىڭلىسىنىڭ تېخىگىچە دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇنداقتا يۇقۇملانغانلىقىنى بايقىغان كىشىلەر قانداق قىلىشى كېرەك؟ ھەبىبۇللا ئۇيغۇر ئەپەندى يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگەن ھامان سوغۇق قانلىق بىلەن دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىشى، ياخشى تاماق يەپ روھى-كەيپىياتىنى يۇقىرى تۇتۇشى كېرەكلىكىنى، شۇنداق قىلغاندىلا كورونا ۋىرۇسىنى يەڭگىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ھەبىبۇللا ئۇيغۇر ئەپەندى يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھازىرچە ئۆيدىن تالاغا چىقماي ئولتۇرۇش، باشقىلار بىلەن بولغان ئارىلىقنى ئۇزاق قويۇش كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.
كورونا ۋىرۇسىنى يەڭگەن ئۇيغۇرلاردىن يەنە بىرى بولسا ئابدۇراخمان قارىمدۇر. ئىستانبۇل كۈچۈكچەكمەچە رايونلۇق ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ئىجتىمائىي ھەمكارلىق فوندىدا ئەرەبچە تەرجىمان بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئابدۇراخمان قارىم چەتئەللىك مۇساپىرلارغا ياردەم بۇيۇملىرى تارقىتىش جەريانىدا ماسكا تاقاپ ئىشلىگەن بولسىمۇ تۇيۇقسىز زۇكام بولغانلىقىنى، دەسلەپتە سەل قاراپ دوختۇرخانىغا بارماي ئۆيىدە دەم ئالغانلىقىنى، دوختۇرخانىغا بارغىنىدا كورونا ۋىرۇستىن يۇقۇملانغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئابدۇراخمان قارىم ئىستانبۇلدىكى باقىركۆي دۆلەت دوختۇرخانىسىدا 8 كۈن داۋالىنىپ ساقايغانلىقىنى، ھەر كۈنى 15 تالدىن دورا ئىچكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۇ، دەسلەپتە كورونا ۋىرۇسىدىن گۇمانلىنىپ بالا-چاقىلىرىدىن يىراق تۇرغان بولغاچقا، ئائىلىسىدىن ھېچكىم يۇقۇملانمىغان.
تۈركىيە-11، مارتتىن باشلاپ چېگرالارنى تاقاپ، بۇ دۆلەتكە كىرىپ-چىققۇچىلارنى تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشكە باشلىغانىدى. تۈركىيە مەكتەپلەرنى، تۈرلۈك ئىجتىمائىي، مەدەنىي، تەنتەربىيە كۇلۇبلىرىنى، ئاشخانا، ماگىزىن ۋە تىجارەت مەركەزلىرىنى بىردەك تاقىدى. ئارقىدىنلا 65 ياشتىن يۇقىرىلار بىلەن 20 ياشتىن كىچىك بولغانلارنىڭ كوچىغا چىقىشىنىمۇ چەكلىدى. ھازىر بولسا ھەر ھەپتە ئاخىرىدا بارلىق ئادەملەرنىڭ سىرتقا چىقىشىنى چەكلىمەكتە. تۈركىيەدە كورونا ۋىرۇسىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى2376گە، كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 92 مىڭغا يەتكەن. بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا 1 ئۇيغۇر ئۆلگەن، 18 ئۇيغۇر يۇقۇملانغان بولۇپ، 8 ئۇيغۇر دوختۇرخانىلاردا يېتىپ ساقايغان، 10 ئۇيغۇر ئۆز ئۆيلىرىدە كارانتىن ئاستىدا ئىكەن.
0:00 / 0:00