خىتايلارنىڭ 250 مىڭ دوللارلىق ئۆي-مۈلۈك سېتىۋېلىپ تۈركىيە پۇقرالىقىنى ئېلىشى، ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىماقتا

0:00 / 0:00

تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 250 مىڭ دوللارلىق ئۆي-مۈلۈك سېتىۋالغان چەت ئەللىكلەرگە تۈركىيە پۇقرالىقىنى بېرىش توغرىسىدىكى «ۋەتەنداشلىق قانۇنى» دىن خىتايلارنىڭ ناھايىتى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ قانۇندىن پايدىللىنىپ، تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈۋاتقان خىتايلارنىڭ تېز كۆپىيىشى، تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.

تۈركىيە «زافەر» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئۈمىت ئۆزداغ ئەپەندى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق تارقاتقان خەۋىرىدە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايلار تۈركىيەگە كەلمەي تۇرۇپ، 250 دوللارلىق ئۆي-مۈلۈك سېتىۋالسا، 90 كۈندىلا تۈركىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئۇ، بۇنىڭ خىتايلارغا پۇقرالىق ئەمەس، بەلكى تۈرك زېمىنىنى ساتقانلىق بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پروفېسسور دوكتور ئۈمىت ئۆزداغ ئەپەندى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقاتقان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا خىتاي ئاخباراتىدا تارقىتىلغان بۇ ھەقتىكى بىر خەۋەرگىمۇ ئورۇن بەرگەن. خىتاي تېلېۋىزىيەسىدە تارقىتىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە مۇنۇلار دېيىلگەن: «تۈركىيەدە يېڭى قوبۇل قىلىنغان قانۇنغا كۆرە، تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈش ناھايىتى ئاسانلاشقان. تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈشنى خالايدىغان كىشىلەر تۈركىيەدە 250 مىڭ دوللارلىق ئۆي-مۈلۈك سېتىۋالسا، تۈرك پۇقراسى بولالايدۇ. تۈركىيە پۇقرالىقىنىڭ نۇرغۇن ئەۋزەللىكلىرى بار. سىز ئۆي-مۈلۈك سېتىۋالسىڭىز، 60 كۈندىن 90 كۈنگىچە بولغان مۈددەتتە تۈركىيە پاسپورتى ئالالايسىز. بۇ ئارقىلىق ئائىلە تاۋاباتلىرىڭىزمۇ تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتەلەيدۇ. سىز تۈركىيەدە تۇرمىسىڭىزمۇ، تۈركچە بىلمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. تۈركىيە پاسپورتىڭىز بولسا، 115 دۆلەتكە ۋىزا ئالماي بارالايسىز. شۇنداقلا ئامېرىكا بىلەن كاناداغا جايلىشىش ھوقۇقىغىمۇ ئىگە بولالايسىز.»

بىز بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن «ئىيى»، «بۈيۈك بىرلىك» ۋە «كېلەچەك» پارتىيەلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

«ئىيى» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتىگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بىز تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتىگە قارشى تۇرىۋاتىمىز. تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەسى بولغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىمۇ بۇنىڭغا قارشى تۇرۇۋاتىدۇ، بىزمۇ قارشى تۇرۇۋاتىمىز. بىز تۈركىيە پارلامېنتىدا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ قانۇننى بىكار قىلىشقا تىرىشىمىز.»

«كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى پارتىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز-قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بۇ ھۆكۈمەتنىڭ تۈركىيەنىڭ ئابرويىنى چۈشۈرۈش سىياسىتىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. 250 مىڭ دوللارلىق ئۆي-مۈلۈك سېتىۋالغانلارنى تۈركىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىمىز دېگەنلىك، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەنى ياخشى ئىدارە قىلالمايۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىز ‹كېلەچەك› پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇنى قوبۇل قىلالمايمىز. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ سىياسىتى توغرا ئەمەس، شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى مىڭ تەسلىكتە پۇقرالىققا قوبۇل قىلىۋاتقان ھۆكۈمەتنىڭ ئۆي-مۈلۈك سېتىۋالغان خىتايلارغا 90 كۈن ئىچىدە پۇقرالىق بېرىشى پەقەت توغرا ئەمەس. ھەتتا بەزى خىتايلارنىڭ 100 مىڭ دوللارلىق ئۆي-مۈلۈك سېتىۋېلىپ، بۇنى تالوندا 250 مىڭ دوللار دەپ كۆرسىتىپ تۈرك پۇقراسى بولغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەرنى ئاڭلىدىم. خىتايلار تۈركىيەدە كۆپەيسە بۇلارنىڭ ئىچىدىن خىتاي ئۈچۈن ئىشپىيونلۇق قىلىدىغانلارمۇ چىقىشى مۇمكىن. شۇڭا بىز تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ قانۇننى دەرھال بىكار قىلىشقا چاقىرىمىز.»

«بۈيۈك بىرلىك» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالى كەسەر ئەپەندى پارتىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز-قارىشىنى ئىزاھلاپ، مۇنۇلارنى دېدى: «مەن خىتاينىڭ ھېچقانداق سۆزىگە ئىشەنمەيمەن. خىتاي ئۆزىنىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى ئۈچۈن ئىستىراتېگىيە تۈزۈپ، ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ. خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى قانداق بېسىۋالدى؟ ئالدى بىلەن خىتايلارنىڭ سانىنى كۆپەيتتى، ئەمدىلىكتە بولسا شەرقىي تۈركىستاننى خىتاينىڭ زېمىنى دەۋاتىدۇ. شۇڭا تۈركىيەدە بۇنىڭغا ھۇشيار بولۇشىمىز كېرەك. خىتاي دۆلىتى خىتايلارنى تۈرك پۇقراسى بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشىمۇ مۇمكىن. خىتاينىڭ سانى كۆپەيسە، خىتاينىڭ بۇ يەردىكى تەسىرىمۇ كۈچىيىدۇ. بۇ تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بەكلا زىيانلىق، شۇڭا بىز ‹بۈيۈك بىرلىك› پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ قانۇننى بىكار قىلىشقا چاقىرىمىز.»

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كېيىنكى يىللاردا تۈركىيەنىڭ بۇ سىياسىتى بىلەن تۈركىيەدىكى خىتايلارنىڭ سانىنىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى، خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرىۋاتقانلارنىڭ سانىنىڭمۇ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، بۇ ھەقتە ئۆزلىرىنىڭ دوكلات تەييارلاپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە سۇنۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

250 مىڭ دوللارلىق ئۆي-مۈلۈك سېتىۋالسا تۈرك پۇقرالىقى بېرىشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان «تۈركىيە ۋەتەنداشلىق قانۇنى» 2010-يىلى ماقۇللانغان بولۇپ، بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە تۈرك پۇقراسى بولغان چەت ئەللىكلەر خېلى كۆپ ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەرەپ دۆلەتلىرى بىلەن ئىراندىن بۇ قانۇن بويىچە «تۈركىيە پۇقرالىقى» نى ئالغان كىشىلەر ئەڭ كۆپ ئىكەن.