خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقالغان تاجسىمان ۋىرۇس، يەنى كورونا ۋىرۇسىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا ناھايىتى زور ئۆلۈم-يېتىمگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى ھەممىلا كىشىنى ۋەھىمىگە سېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكادىكى بىر قىسىم ئادۋوكاتلار بۇ ۋىرۇس مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى سوتقا تارتىش ھەمدە ئۇنىڭدىن 20 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق تۆلەم ئېلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ خەۋەر تۈركىيەدىمۇ كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتىن يوقۇشمۇ كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىپ كېتىشى مەسئۇلىيىتى مەسىلىسىدە خىتاينى خەلقئارا سوتقا تارتىشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيەنىڭ «بۈگۈنكى سودا» گېزىتىنىڭ 24-مارتتىكى سانىدا بېرىلگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكالىق ئادۋوكات لاررىي كلەيمەن باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا دەۋاگەرلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى تاجسىمان ۋىرۇسقا جاۋابكار بولۇشى لازىملىقىنى، بۇ ۋىرۇسنىڭ ئامېرىكىغا ئېلىپ كەلگەن زىيانلىرى ئۈچۈن خىتاي 20 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرى تۆلىشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ خەۋەرگە تۈركىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ ئورۇن بەرگەندىن كېيىن تۈركىيەدە مۇنازىرە پەيدا قىلدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى كورونا ۋىرۇسىغا قارشى مۇجادىلە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان بولغاچقا ھازىرغىچە بۇ ھەقتە، جۈملىدىن بۇ ۋىرۇسنىڭ خىتايدىن كېلىپ چىققانلىقى مەسىلىلىرىدە بىر پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار قوللانغۇچىلىرى بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابكارلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. 31-مارت كۈنى ئاخشام تۈركىيەدە تونۇلغان تېلېۋىزىيە پروگرامما رىياسەتچىسى دىدەم ئارسلان يىلماز خانىمنىڭ CNN تۈرك تېلېۋىزىيەسىنىڭ «ئاخشام خەۋەرلىرى» ناملىق پروگراممىسىدا ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىلىملەر فاكۇلتېتى پروفېسسورى مەھمەت چىلىنگىروغلۇ ئەپەندى خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە تۇنجى قېتىم كورونا ۋىرۇسى بايقالغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ بۇنى دۇنياغا ئاشكارىلىماي پۈتۈن دۇنيادا نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆلۈشى، يۇقۇملىنىشى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيان پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولغانلىقىنى، شۇڭا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ تۆلەم تۆلىشى ئۈچۈن سوتقا ئەرز سۇنۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
دوكتور مەھمەت چىلىنگىروغلۇنىڭ بۇ سۆزى تۈركىيەدە مۇنازىرە پەيدا قىلدى. 1-ئاپرېل كۈنى خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ سىياسىي ئىشلارغا مەسئۇل دىپلوماتى چېڭ ۋېيخۇا CNN تۈرك تېلېۋىزىيەسىنىڭ پروگرامما رىياسەتچىسى دىدەم ئارسلان يىلماز خانىمغا تېلېفون قىلىپ، تۈرك پروفېسسورنىڭ خىتاينى ئەيىبلىشىگە جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى تەلەپ قىلغان. دىدەم ئارسلان يىلماز خانىم ئۇنى تېلېۋىزىيە پروگراممىسىغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭدىن «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىكى تۈرك دوكتور مەھمەت چىلىنگىروغلۇ كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن دۇنيانىڭ بۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىدىن خىتاي جاۋابكار، چۈنكى 12-ئاينىڭ بېشىدا ۋۇخەندە كورونا ۋىرۇسى بايقالغاندا دۇنياغا ۋاقتىدا ئاشكارىلاپ تەدبىر ئالمىدى، دېدى. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟» دەپ سورىدى. ئۇنىڭ سوئالىغا چېڭ ۋېيخۇا مۇنداق جاۋاب بەردى: «خىتاي بۇ ۋىرۇسنى يوشۇرمىدى. بۇ ھەقتىكى بارلىق مەلۇماتنى ھەممىدىن ئاۋۋال دۇنيا جامائەتچىلىكى بىلەن ئورتاقلاشتى. شۇنداق، بۇ ۋىرۇس خىتايدا پەيدا بولدى. لېكىن بۇ، ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى خىتاي دېگەنلىك ئەمەس. ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى دوختۇر كاڭ چىشەن بايقىغاندىن كېيىن خۇبېي سەھىيە ئىدارىسى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا بۇ ھەقتە دوكلات بەردى. خىتاي ھۆكۈمىتى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن تارتىپ بەزى دۆلەتلەر بىلەن ئورتاقلىشىشقا باشلىغانىدى».
قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار بەزى دوختۇرلار ۋە ئادۋوكاتلار دېگەندەك كورونا ۋىرۇسىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا يامراپ كېتىشىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى جاۋابكارمۇ؟ تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى بۇنىڭدا خىتاينىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھەممىمىزگە مەلۇم، خىتاي كورونا ۋىرۇسىنى بايقىغاندىن كېيىنلا ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئۇچىدىغان ئايروپىلانلارنى توختاتقان بولسا، 2-3 ئاي ۋۇخەننى كارانتىن ئاستىدا تۇتقان بولسا، بۈگۈن تۈركىيەدە ۋە دۇنيادا بۇنچىۋالا ئادەم ئۆلمەيتتى. بۇلارنىڭ جاۋابكارى خىتاي ھۆكۈمىتى، بۇنىڭ بەدىلىنى خىتاي ئۆتۈشى كېرەك. ئەگەر خىتاي جازالانسا بۇندىن كېيىن باشقا دۆلەتلەرمۇ بۇ خىل ئەھۋاللاردا دىققەت قىلىدۇ، قايتا يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ».
فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى خىتاينىڭ خەلقئارا قانۇن بويىچە سوتقا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ياشاش ھەق-ھوقۇقى بويىچە خىتاينى سوتقا تارتىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئادەملەرنىڭ ياشاش ھەققى ئۈستىدىن، يەنى كىشىلىك ھەق ۋە ھوقۇقلار جەھەتتىن خىتاينى سوتقا بەرسە بولىدۇ، مەنچە كورونا ۋىرۇسى ۋەھىمىسى ئاخىرلاشقانىدى كېيىن كۆپ دۆلەت خىتاينى خەلقئارا سوتقا بېرىشى مۇمكىن».
ئەنقەرەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ۋۇخەندە 12-ئاينىڭ 1-كۈنى كورونا ۋىرۇسىنىڭ بايقالغانلىقىنى، 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا بىلدۈرگەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇنىڭدا جاۋابكارلىقى بارلىقى، لېكىن بۇ ھەقتە خەلقئارا قانۇن بولمىغاچقا ئامېرىكانىڭ ئىچكى قانۇنىغا تايىنىپ تۇرۇپمۇ سوتقا بەرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى دۇنيادا كورونا ۋىرۇسىنىڭ دۇنياغا يامرىشىغا خىتاينىڭ سەۋەب بولغانلىقى توغرىسىدا جامائەت پىكرى پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنى، ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدىكى دىپلوماتلار بۇنىڭغا مۇۋاپىق جاۋاب بېرەلمەي قىينىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا قانۇن پروفېسسورى ئىلياس دوغان ئەپەندى كورونا ۋىرۇسى مەسىلىسىدە خىتاينىڭ جاۋابكارلىقى بارلىقىنى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خىتاينى سوتقا بېرىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا مەزكۇر ئامېرىكالىق بىر گۇرۇپپا ئادۋوكات تەييارلىغان ئەرزنامىدە خىتاينىڭ تاجسىمان ۋىرۇسنى لايىھەلەپ چىققانلىقى، بىئولوگىيەلىك قوراللار سىنىقىنىڭ 1925-يىلىدىكى خەلقئارالىق ئەھدىنامە بويىچە مەنئى قىلىنغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن. مەزكۇر ئەرزنى ئادۋوكات لاررىي ھازىر خەلقئارا سوتقا تاپشۇرۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلماقتىكەن. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈركىيەدىكى داڭلىق دوختۇرلار بۇ ھەقتە تېخى ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ تۈركىيە جامائەتچىلىكى ئارىسىدا خىتاينىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەكلىكى كۆز قارىشى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. چۈنكى، تۈركىيەدىمۇ بۇ كېسەل ھازىر شىددەت بىلەن كۆپىيىپ، ئادەملەرنىڭ ئۆلۈشى كۈنسايىن ئاشماقتا، نۇرغۇن شىركەتلەر، شەخسلەر زور ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىماقتا ۋە تۈركىيە خەلقىدىكى ۋەھىمە كۈندىن كۈنگە كۈچەيمەكتە.
0:00 / 0:00