ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ: ھاكىمىيەتنى ئىگىلىسەك ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپىگە قويىمىز

0:00 / 0:00

19-ئىيۇن كۈنى ئىستانبۇلدىكى تۈرك دۇنياسى كۈلتۈر مەركىزىدە «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىنغا ياۋرو-ئايىسا تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ئەزا 55 تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى ئىشتىراك قىلغان. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى رەئىسى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسى باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى ئەنۋەر قاراقاش ئەپەندىلەر ئىشتىراك قىلغان ھەم ئۇيغۇرلار نامىدىن تەلەپ خېتى سۇنغان.

يىغىندا سۆز قىلغان تۈركىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ۋە «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ئامېرىكا باشتا 9 دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىچە سۈكۈتتە تۇرۇشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، 2023-يىلىدىكى سايلامدا ھاكىمىيەتنى ئىگىلىسە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپىگە قويىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

«كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى رەئىسى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى تۈركىيە «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ئەپەندى بىلەن. 2022-يىلى 19-ئىيۇن، تۈركىيە.
«كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى رەئىسى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى تۈركىيە «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ئەپەندى بىلەن. 2022-يىلى 19-ئىيۇن، تۈركىيە. (RFA/Erkin Tarim)

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياۋرو-ئاسىيا تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ئىسمائىل چىنگىز ئەپەندى يىغىن ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ: «تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى قوغدايدىغان مىللىي تاشقى سىياسەت بەلگىلەپ چىقىشى كېرەكلىكى» نى تەكىتلىدى

يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يىغىننىڭ سابىق باش مىنىستىر كېلەچەك پارتىيەسى رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ چاقىرىقى بىلەن ئىستانبۇلدىكى تۈرك دۇنياسى كۈلتۈر مەھەللىسىدە چاقىرىلغانلىقىنى، يىغىندا د ئۇ ق نامىدىن بەزى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىن گەرچە تۈركىي خەلقلەر نۆۋەتتە دۇچار بولۇۋاتقان قىيىنچىلىقلار ۋە ئۇلارنى ھەل قىلىش يوللىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن چاقىرىلغان بولسىمۇ، لېكىن نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر مەسىلىسى مۇزاكىرە تېمىسى بولغان.

«كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا تۈركىيە «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ئەپەندى سۆز قىلماقتا. 2022-يىلى 19-ئىيۇن، تۈركىيە.
«كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا تۈركىيە «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ئەپەندى سۆز قىلماقتا. 2022-يىلى 19-ئىيۇن، تۈركىيە. (RFA.Erkin Tarim)

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى رەئىسى پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى «كېلەچەك» پارتىيەسى رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇنى بەزى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، ئەخمەت داۋۇتوغلۇنىڭ بۇ تەلەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن پوزىتسىيە بىلدۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەلەپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، 2023-يىلىدىكى سايلامدا ھاكىمىيەت بېشىغا كەلسە بىرىنچى بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپىگە قويىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بەردى.

«كېلەچەك» پارتىيەسى قۇرۇلغان كۈندىن بۇيانقى 3 يىل مابەينىدە ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا، ئۇلار بۇندىن كېيىنمۇ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.