لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى تەشكىللىگەن «شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» نىڭ ئىككىنچى بېكىتى بولغان كونيادا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.
لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ كونيادىكى پائالىيەتلىرىنى «ئەھدى ۋەفا تۇران بىرلىكى» تەشكىلاتى ئورۇنلاشتۇرغان ۋە يېقىندىن ياردەمدە بولغان بولۇپ، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر كونيا خەلقى ۋە پۇقراۋى تەشكىلاتلار تەرىپىدىن قىزغىن كۈتۈۋېلىنغان.

كونيادىكى پائالىيەتنىڭ ئىككىنچى كۈنى كونيا ژورنالىسىتلار جەمئىيىتىدە مەخسۇس مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا تۈركىيىدىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن «مەرھابا گېزىتى»، «قانال 42»، «ئانادولۇ ئاگېنتلىقى»، «يىڭى كۈن گېزىتى» قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىدىن ژورنالىسىتلار كېلىپ قاتناشقان.
لاگېر قۇربانلىرى يىقىنلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مىرزەخمەت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلدى. ئۇ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا ئائىت كونيادىكى پائالىيەتلەرنىڭ كونيا خەلقىنىڭ ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قاتتىق دىققىتىنى تارتقانلىقىنى، بۇ جەھەتتىن ئاناتولىيە سەپىرىنىڭ ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
«شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» پائالىيىتىدە پائالىيەتچىلەر كونيا شەھىرىدە كوچا-كوچىلارنى ئايلىنىپ تەشۋىقات ۋاراقلىرى تارقاتقان. باغچا ۋە خەلق مەيدانلىرىدا ئائىلىلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى مىسالغا ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى كونيا خەلقىگە تەپسىلىي چۈشەندۈرگەن.

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى كونيادا «ئاھدى ۋەفا تۇران بىرلىكى»، «كۆك ھىلال مائارىپ تەشكىلاتى»، «IHH كونيا شۆبىسى» قاتارلىق تەشكىلاتلار بىلەن يېقىندىن ھەمكارلاشقان بولۇپ، پائالىيەتچىلەر كونيادىكى تەشۋىقات يىغىنى ۋە نامايىشلارنىڭ تەشكىللىنىشىدە كونيادىكى پۇقراۋى تەشكىلاتلارنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.
ئۇنىڭدىن باشقا كونيا شەھىرى زەپەر مەيدانىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىنغا «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ كونيا شۆبىسى سېكرىتارى، «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ كونيا شۆبىسى سېكرىتارى ۋە بۇ پارتىيىلەرنىڭ كونيا شەھىرىدىكى مۇھىم خادىملىرى قەدەم تەشرىپ قىلغان.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مەدىنە نازىمى خانىم كونيادىكى بىر قىسىم پائالىيەتلەر ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى ۋە كونيا خەلقىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا بولغان قىزغىنلىقىدىن ئىنتايىن سۆيۈنگەنلىكىنى ئېيتتى.
لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى يەنە كونيا سەلچۇق مەركەز مەسچىتىگە بېرىپ، پېشىن نامىزىدا مەسچىتكە كەلگەن جامائەتكە مەزكۇر مەسچىت ئىمامنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئاڭلاتقان. لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن مىرزەخمەت ئىلياسوغلى ئەپەندى جامائەتكە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى چۈشەندۈرگەن.
مىرزەخمەت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، مەسچىت جامائىتى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتلەرنى پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلىغان ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇئا قىلغان.

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن ھەبىبۇللا كۆسەن ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، كونيا خەلقىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان پوزىتسىيىسى ۋە پائالىيەتلىرىنىڭ تەسىرى ھەققىدە توختالدى.
لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى تۈرك خەلقىگە بىرىنچى مەنبەدىن بىۋاستە يەتكۈزۈش ۋە تۈركىيىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقنى تونۇشى ئۈچۈن خەلقنى سەپەرۋەر قىلىش مەقسىتىدە 2-ئاۋغۇست كۈنىدىن ئېتىبارەن تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ، ھەر خىل تەشۋىقات ۋە نامايىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا.