ئايدىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا «خىتايدىن تۈركىيەگە ئۇيغۇر كۆۋرۈكى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

27-دېكابىر ئايدىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق تارىخ بۆلۈمى، تارىخ كۇلۇبى ۋە مائارىپ ئىنستىتۇتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا «خىتايدىن تۈركىيەگە ئۇيغۇر كۆۋرۈكى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئايدىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىللىرى، مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە مەكتەپ مەمۇرىيىتىنىڭ خادىملىرى ئىشتىراك قىلدى. يىغىن ئىنتايىن قىزغىن كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلدى.

ئايدىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسور تونۇلغان سىياسەتچى ئابدۇلھالۇق مەھمەت چاي ئەپەندىم دەسلەپتە تۈرك داستانلىرىدىن يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ۋە تۈرك تارىخىغا قەدەر ئومۇمىي ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. كەينىدىن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندىم ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر ھەققىدە سۆز قىلدى. دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندىم ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەۋجۇت سىياسىي رېئاللىقى بىلەن خىتاينىڭ بىر يول بىر بەلۋاغ قۇرۇلۇشىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىزاھلاپ ئۆتتى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ مەۋجۇت سىياسىي رېئاللىقىنىڭ خىتاي مەدەنىيىتى ۋە خىتاينىڭ خاراكتېرى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىزاھلاپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ بىر ئالاھىدىلىكى بار. خىتاي ھەممە نەرسىنى ئۆزىگە ئوخشىتىشقا تىرىشىدۇ. ئۆزىگە ئوخشاش ئويلىمايدىغان، كۆرۈنمەيدىغان، ئوخشاش نەرسىگە ئىشەنمەيدىغان كىشىلەرنى ياۋايى دەپ قارايدىغان ۋە ئۇلارنى مەدەنىيلەشتۈرىۋاتىمىز دېگەن باھانە بىلەن پۈتۈن قىلغان-ئەتكەنلىرىنى ھەقلىق دەپ قارايدىغان پەلسەپىگە ۋە دۆلەتچىلىك چۈشەنچىسىگە ئىگە.»

كەينىدىن خىتاينىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بولۇش خىيالى بىلەن ئۇيغۇرلارنى تېررورىزم بىلەن ئەيىبلەپ، سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولاش ئارقىلىق ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت بىر مىللەتنى يوقىتىش ئارزۇسىنىڭ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى مىساللار بىلەن ئىزاھلىدى.

ئۆمەر قۇل ئەپەندىم يىغىننىڭ ئاساسى تېمىسى بولغان «ئۇيغۇرلار خىتاي ۋە تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىيالامدۇ؟» دېگەن سوئالغا، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى تەپسىلىي ئانالىز قىلىپ، ئۆزىنىڭلا مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇۋاتقان، «مەنپەئەت بولمىسا مۇناسىۋەتمۇ بولمايدۇ» دەۋاتقان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈكنى ئۆز قولى بىلەن ۋەيران قىلغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

كەينىدىن ئايدىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى تونۇلغان تەتقىقاتچى راگىپ كۇتاي كاراجا ئەپەندىم «بىر يول بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشىنىڭ مەقسەتلىرى ھەققىدە دوكلات بەردى. كۇتاي كاراجا ئەپەندىم «بىر يول بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشىنىڭ، لايىھىنى يېڭى ئوتتۇرىغا قويغان ۋاقىتتىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ، ئورتاق ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشىش نىشانىدىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي كۈچكە ئېرىشىش ئۈچۈن يۇمشاق كۈچ رولىنى ئۆتەش نىشانىغا ئۆزگەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. راگىپ كۇتاي ئەپەندىمنىڭ ئېيتىشىچە، 154 دۆلەتتە 548 كۇڭزى ئىنستىتۇتى بولۇپ، يېرىمىدىن كۆپرەكى «بىر يول، بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرگە يەرلەشكەن ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا 1070 خىتاي سىنىپى بار بولۇپ، 46 مىڭ 200 ئوقۇتقۇچىسى بار ئىكەن. 67 دۆلەتنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدا خىتاي تىلى دەرس سۈپىتىدە ئۆتىلىۋېتىپتۇ. تۈركىيەدە بولسا 5 كۇڭزى ئىنستىتۇتى بار بولۇپ، لېكىن خىتايدا بىرمۇ يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتى قۇرۇلماپتۇ.

پروفېسسور راگىپ كۇتاي كاراجا ئەپەندىم خىتاينىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى، ئۆزىنىڭ سىياسىي كۈچىنى دۇنياغا يېيىش ۋە خەلقئارادا يۇمشاق كۈچ شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن بىر يول بىر بەلۋاغ قۇرۇلۇشىنى قوللانماقچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئايدىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوخشاش تۈركىيەدىكى تۇنجى خىتاي تەتقىقاتلىرى مەركىزى قۇرۇلغان، خىتاينىڭ ئاكادېمىك ۋە مائارىپ جەھەتتىكى تەسىرى كۈچلۈك بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

بىز ئۆتكۈزۈلگەن يىغىن ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئايدىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مەھمەت بىلگىن ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق. مەھمەت بىلگىن ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەزكۇر يىغىندا مەسىلىلەر پەرقلىق ئىلمىي ساھەلەرنىڭ ئوخشىمىغان نۇقتىسىدىن تەپسىلىي ئىزاھلاندى. مەسىلىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىسمى ھەم تارىخى ھەم مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەر نۇقتىسىدىن ئانالىز قىلىندى. بىز خىتاينى چۈشەنمەيمىز. تولۇق چۈشىنىپ كەتمەيمىز. يېقىنقى ۋاقىتلاردا تىجارەتنىڭ جانلىنىشى بىلەن خىتايغا قىزىقىشقا باشلىدۇق. بىز ئۇنىڭ مەدەنىيىتىنى، ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى، دۇنيا قارىشىنى بىلمەيمىز. لېكىن خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بىرى ئۈزلۈكسىز كۈچەيمەكتە. بۇ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىگە قارشى بىر تاللاش سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتىدۇ. ئەسلىدە خاتا يېرى مۇشۇ. بىز ئۆزىمىزنى مەركەز قىلىپ قارىشىمىز كېرەك. ئەگەر مەسىلە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، ھاياتى ۋە تەرەققىياتى بولسا مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېنىقلىما بەرگەندىن كىيىن مەسىلىگە قارىتا مۇلاھىزە قىلىشىمىز كېرەك ئىدى. لېكىن بۇ يىغىندا مەسىلىگە بۇنداق ئېنىقلىما بېرىلمىدى. لېكىن، مەسىلە تېخىمۇ كەڭ نۇقتىنەزەردىن ئانالىز قىلىندى. ئوتتۇرىغا چىققان مەنزىرە بىزنى ئىنتايىن ئېچىندۇرىدۇ. لېكىن، ئېچىنىش بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز. شۇڭا نېمە ئىشلارنى قىلالايمىز ئوبدان ئويلىشىمىز كېرەك.»