تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن: «قىز-ئاياللار لاگېردا تەكرار ۋە نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلىشقا ئۇچرايدۇ»

0:00 / 0:00

ئەنگلىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق BBC ئاخبارات قانىلى 2-فۋرال كۈنى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن قاتارلىق لاگېردىن قويۇپ بېرىلىپ چەتئەلگە چىقىشقا مۇۋەپپەق بولالىغان لاگېر شاھىتلىرى ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر دوكلاتى ئېلان قىلدى. مەزكۇر خەۋەردە لاگېر شاھىتلىرى ئايال تۇتقۇنلارنىڭ لاگېردا باسقۇنچىلىق ۋە جىنسىي زوراۋانلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى پاش قىلدى.

دۇنيادا زور غۇلغۇلا قوزغىغان بۇ خەۋەر مۇناسىۋىتى بىلەن 2017- ۋە 2018-يىللىرى ئىككى قېتىم جەمئىي 9 ئاي غۇلجانىڭ كۈنەس ناھىيەسىدىكى لاگېرىغا سولانغان، ھازىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىدە ئامېرىكادا داۋالىنىۋاتقان لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن 2-فېۋرال كۈنى مۇخبىرىمىزنىڭ قايتا زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ئۇ بۇ نۆۋەت ئايال تۇتقۇنلارنىڭ لاگېردا ئۇچرىغان جىنسىي زوراۋانلىقلار ۋە ۋەھشىيلىكلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مەخسۇس سۆھبەتنىڭ 1-قىسمىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.