مۇھاجىرەتتىكى لاگېر شاھىتلىرى تۇرسۇنئاي زىياۋدۇن خانىمنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزدىن ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى

0:00 / 0:00

لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىمنىڭ كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ۋە دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغانلىقى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى، بولۇپمۇ لاگېر شاھىتلىرىنى ئەنسىرەتكەن.

ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىم فېيسبۇك ئارقىلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا سالام يوللاپ، ئۆزىنىڭ كورونا ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ كورونا ۋىرۇسى ۋاباسىغا قارىتا ئىنتايىن سەگەك بولۇشىنى چاقىرغان.

نۆۋەتتە كورۇنا ۋىرۇسى ۋە ئۇنىڭ يېڭى ۋارىيانتلىرىنىڭ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا قايتا يامراۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىم خىتايىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە يوقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى خەلقئاراغا ئاڭلىتىشتا زور كۈچ چىقارغان لاگېر شاھىتلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇنىڭ يېقىندا كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قېلىشى، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالغان. كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىنكاس قايتۇرۇپ، تۇرسۇنئاي خانىمغا ھېسسىداشلىق بىلدۈرگەن ۋە ئۇنىڭ تېزدىن ساقىتىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلغان.

گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق لاگېر شاھىتلىرىدىن ئۆمەر بېكئالى ئەپەندىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قاتتىق ئەندىشە قىلغانلىقىنى، تۇرسۇنئاي خانىمنىڭ تېزرەك ساقىيىپ كېتىشى ئۈچۈن تىلەكداشلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان يەنە بىر لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىممۇ ئۆزىنىڭ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تۇرسۇنئاي خانىمنىڭ ئەھۋالىدىن قاتتىق قايغۇرغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى چىن دىلىدىن ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھازىر دۇنيادىكى ھەرقايسىي ئەللەر مەزكۇر ۋابانىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن زور كۆلەملىك ۋاكسىنا ئەملەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ۋىرۇسىنىڭ يېڭىدىن مەيدانغا چىققان ۋارىيانتلىرى ۋاكسىنا ئەملەش ئىشلىرىغا ئېغىر رىقابەتلەرنى ياراتماقتا.

ئامېرىكا كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مېدىتسىنا تەتقىقاتچىسى، دوكتور مەمەت ئىمىننىڭ رادىيويىمىزغا بىلدۈرۈشىچە، ھازىرقىدەك يۇقۇم مەزگىلىدە ۋاكسىنا ئەملەپ بولغانلارمۇ ۋىرۇسنىڭ يېڭى ۋارىيانتلىرىغا قارىتا ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ھەرگىز بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدىكەن.

ئۇ يەنە مۇشۇنداق شارائىتتا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكى ۋە يۇقۇمىدىن قانداق ساقلىنىشى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى.

تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىمنىڭ كورۇنا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىدىن قاتتىق ئېچىنغان ئۆمەر بېكئالى ئەپەندى، خىتاينىڭ قاتتىق بېسىمدا ياشاۋاتقان مۇشۇنداق كۈنلەردە بارلىق قېرىنداشلارنىڭ بوشىشىپ قالماي، سالامەتلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىم لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققاندىن بۇيان، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زۇلۇملىرىنى خەلقئارا تاراتقۇلارغا باتۇرلۇق بىلەن ئاڭلىتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ يېقىندا ئەنگلىيەدە ئېچىلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» دىمۇ دادىللىق بىلەن گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى يەنە بىر قېتىم دۇنياغا ئاشكارىلىغان ئىدى.