ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ 9-نۆۋەتلىك سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى
2019.10.28
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى دۇنياغا كەلگەن 1998-يىلىدىن بۇيان بىرلەشمىنىڭ رەئىسى ۋە رەئىس تاللىۋالغان ھەيئەت ئەزالىرى مەزكۇر بىرلەشمىنىڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى داۋام قىلدۇرۇپ كەلگەن ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيانقى قەرەللىك ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان سايلامدا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ ئىختىيارىلىق بىلەن بېلەت تاشلىشى ئارقىلىق رەئىسلەر ئوتتۇرىغا چۈشكەن نامزاتلار ئارىسىدىن سايلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ سايلامنىڭ ئەڭ يېقىنقىسى بولغان 9-نۆۋەتلىك سايلام 26-ئۆكتەبىر كۈنى ۋاشىنگتونغا قوشنا بولغان فايرفاكس شەھرىدە ئۆتكۈزۈلدى.
سايلام يىغىنى باشلانغاندا بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ رىياسەتچىسى، 2019-يىللىق سايلام كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن پەرھات بىلگىن ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى سايلام پائالىيىتىنىڭ كۈنتەرتىپى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى.
سايلام باشلىنىشتىن ئاۋۋال يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگىنىدەك ئالدى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان مارشى» قويۇلغاندا پۈتۈن زالدىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ مارشقا ھۆرمەت بىلدۈردى.
يىغىنىڭ كۈنتەرتىپى بويىچە ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات سۆزگە چىقىپ، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئۆتكەنكى خىزمەتلىرىنى شۇنىڭدەك بۇ جەرياندا دۇچ كەلگەن بەزى مۇھىم ئەھۋاللارنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا بۇ قېتىمقى سايلام ھەققىدە ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى ۋە باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ئارىسىدا بارلىققا كەلگەن پىكىر ئىختىلاپلىرى ھەققىدىمۇ ئالاھىدە چۈشەنچە بەردى.
ئۆمەر قاناتنىڭ نۇتۇقىدىن كېيىن ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئىككى قارارلىق سابىق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم سۆزگە تەكلىپ قىلىندى.
رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇيغۇر داۋاسىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئاڭلىتىش ھەمدە تېگىشلىك ياردەملەرنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن بىر تەشكىلات ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولۇشىدىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكاغا ئەڭ دەسلەپ كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ بىرى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق رەئىسى دوكتۇر دولقۇن قەمبىرىمۇ سۆزگە چىقىپ، بىرلەشمە قۇرۇلغان ۋاقىتلاردىكى ئەھۋاللار ھەمدە بىرلەشمىنىڭ نىزامنامىلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.
نۇتۇقلاردىن كېيىن يىغىن ئەھلى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسلىرىدىن رابىيە قادىر خانىم، دولقۇن قەمبىرى قاتارلىقلارغا گۈلدەستە تەقدىم قىلىپ، ئامېرىكا ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغان پېشقەدەملىرىنى ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىدەك سەمىمىي ئەقىدىسىنى ئىپادىلىگەندە پۈتۈن زال گۈلدۈراس ئالقىشقا تولدى.
سايلام رەسمىي باشلىنىشنىڭ ئالدىدا 9-نۆۋەتلىك رەئىسلىك سايلىمىنىڭ نامزاتى، «ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر» شىركىتىنىڭ دىرېكتورى قۇززات ئالتاي سەھنىگە چىقىپ، يىغىن ئەھلىگە ئۆزىنىڭ رەئىس بولغاندىن كېيىن قىلماقچى بولغان ئىشلىرى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى.
قۇززات ئالتاي سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزى تاللاپ چىققان مۇئاۋىن رەئىس ۋە ھەيئەت ئەزالىرىنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇپ چىقتى.
ھەيئەت ئەزالىرىمۇ ئايرىم ئايرىم سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ قېتىمقى ھەيئەت گۇرۇپپىسىغا ئەزا بولۇشنى تاللىشى ھەققىدە كۆپچىلىككە چۈشەنچە بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ قېتىمقى سايلامغا كەلگەن ئامېرىكا ئۇيغۇر جامائىتى سايلام نامزاتى بولغان قۇززات ئالتايغا قوشۇلىدىغان ياكى قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قوللىرىدىكى سايلام بېلىتىگە بەلگە ئۇرۇپ، ئاشكارا ھالدا سايلام ساندۇقىغا بېلەت تاشلىدى.
بۇ قېتىمقى سايلام كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى تاشلانغان بېلەتلەرنى ساناپ چىققاندىن كېيىن، سايلام يىغىنىنىڭ رىياسەتچىلىرىدىن سايلام كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەنۋەر مەمەت سايلامنىڭ ئاخىرىقى نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ يېڭىدىن سايلاپ چىقىلغان رەئىسى قۇززات ئالتاي كۆپچىلىكنىڭ ئۆزىگە ئىشەنگەنلىكىگە ئۆز تەشەككۈرىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن ۋاشىنگتون شەھرىدىكى ئۇيغۇر ئادۋۇكات نۇرىي تۈركەلنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ ئۈستىگە ئېلىنغان «قۇرئان» نى تۇتۇپ تۇرۇپ، ۋەزىپە تاپشۇرىۋېلىش قەسىمىنى بەردى.
سايلامدىن كېيىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىدە ئۇزۇن يىللار خىزمەتتە بولغان سابىق مۇئاۋىن رەئىس ئۆمەر قاناتقا يىغىن ئەھلى تون كىيگۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەندە زالدا يەنە بىر قېتىم قىزغىن چاۋاك ۋە ئالقىش ياڭرىدى.
سايلام ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىز سايلامنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا بەلگىلىك غۇلغۇلا ھەم مۇنازىرىگە سەۋەب بولغان سايلامنىڭ ۋاقتى ۋە سايلام كومىتېتىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە بۇ قېتىمقى سايلام كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنىڭ پىكرىنى سورىدۇق. سايلام كومىتېتىنىڭ ئەزاسى سەمەت ئاۋۇت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى ئېلشات ھەسەن بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ ئالدىدا سايلام كومىتېتى ئەزالىرى «مەنپەئەتلەر توقۇنۇشماسلىق» پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلدى، دېگەن مەزمۇندا ئاۋازلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى سايلام كومىتېتىدىن دەرگۇماندا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ھالبۇكى، سەمەت ئاۋۇت ئەپەندى بۇ توغرىلىق سۆز قىلىپ، «ئەمەلىي ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس،» دېگەننى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى ھەمدە ئۆزىنىڭ «بۇ قېتىمقى سايلام ئادىللىق ئاساسىدا ئۆتكۈزۈلدى،» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك ھەيئەت ئەزالىرىدىن جۇرئەت ئوبۇل ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ قېتىمقى سايلام ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى ھەققىدە قانداق ئويلايدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ سايلامنى «قانۇنسىز» دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
سايلامدىن كېيىن بىز ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى رەئىسى قۇززات ئالتاينى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى سايلام تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا پەيدا بولغان پىكىر ئىختىلاپلىرىنى توغرا چۈشىنىدىغانلىقىنى شۇنداقلا بۇنى توغرا ھەل قىلىپ كېتىشكە تىرىشىدىغانلىقى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى.
ئاخىرىدا سايلامغا كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتى ۋاشىنگتون شەھرىدىكى ئۇيغۇر ئىمام ئەنقەر ھاجىنىڭ باشلامچىلىقىدا دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق ۋە نەتىجىلەر تىلىدى.
بۇ قېتىمقى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىس ۋە ھەيئەت ئەزالىرى ئۈچ يىل ۋەزىپە ئۆتەيدىغان بولۇپ، ئۈچ يىلدىن كېيىن قايتا سايلام ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق كېيىنكى نۆۋەتلىك ھەيئەت گۇرۇپپىسى سايلاپ چىقىلىدىكەن.