ئۇچتۇرپاندا 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشى سولىنىپ يېتىۋاتقان 3 لاگېرنىڭ ئېنىق ئورۇنلىرى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئۆتكەن ھەپتىدىكى ياۋروپا زىيارىتى داۋامىدا ئۇيغۇر رايوندىكى ئاتالمىش تەربىيىلەش مەركەزلىرىنىڭ تاقىلىپ بولغانلىقىنى بازارغا سالغان ئىدى. ئەمما مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەپتىدىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ئاقسۇنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىلا ئاز دېگەندە 3 ئورۇندا لاگېر بارلىقى ۋە بۇ ئۈچ لاگېرنىڭ ئېنىق ئورۇنلىرى، شۇنداقلا بۇ لاگېرلاردا 20 مىڭدىن ئارتۇق تۇتقۇننىڭ سولىنىپ ياتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئۇيغۇر رايونىدا لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ھېلىھەم ماڭدۇرۇلۇۋاتقانلىقى خىتاينىڭ ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەتلىرىدىن، غەرب ئاخباراتى ۋە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش-تەتقىقاتلىرىدىن ئاشكارىلىنىپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي تەرەپ داۋاملىق ھالدا لاگېرلارنىڭ تاقىلىپ بولغانلىقىنى بازارغا سالماقتا. ئاقسۇنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز، خىتاينىڭ مەزكۇر تەشۋىقاتىنىڭ ساختىلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئېنىق پاكىتلىرى بىلەن دەلىللىدى. ئۇچتۇرپاندىكى بىر كەنت ساقچىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇچتۇرپاندا نۆۋەتتە ئاز دېگەندە 3 ئورۇندا لاگېر مەۋجۇتتۇر. بۇلاردىن ئەڭ چوڭى ئۇچتۇرپاندا كوڭتەي دېگەن يەرگە جايلاشقان. مەلۇم بولۇشىچە ناھىيەنىڭ چېتىدە تاغ باغرىدىكى بىر سايلىققا جايلاشقان بۇ لاگېردا 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشى سولىنىپ ياتماقتا. نۆۋەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادا تىجارەت قىلىۋاتقان بىر ئۇچتۇرپانلىق مۇھاجىر ئۇچتۇرپاندىكى كوڭتەي دېگەن بۇ ئورۇن ھەققىدە مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ: «كوڭتەي ئۇچتۇرپاندىكى ناھايىتى چوڭ بىر سايلىق، تاغ باغرىغا جايلاشقان؛ ئۇ يەردە بۇرۇن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن جىنايەتچىلەرگە جازا ئىجرا قىلىناتتى. سىز گېپىنى قىلغان لاگېر كوڭتەينىڭ ئاقتوقاي يېزا تەۋەلىكىدىكى 1-، 2- ۋە 3‏-كەنتلىرىنىڭ تەۋەلىكىگە توغرا كېلىدۇ».

مەزكۇر ساقچى خادىمىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇچتۇرپاندىكى يەنە بىر لاگېر توققۇزبۇلاق دەپ ئاتىلىدىغان جايدىكى كونا قاماقخانىنىڭ ئورنىغا كېڭەيتىپ سېلىنغان؛ ناھىيە بازىرىغا يېقىنراق جايدىكى بۇ لاگېرنىڭ ئورنى يەنى كونا قاماقخانا ھەققىدە مەزكۇر ئۇچتۇرپانلىق مۇھاجىر مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ: «توققۇزبۇلاق ئەسلىدە ئۇچتۇرپان بازار ئىچىدىن 1 يېرىم كىلومېتىرچە ئۇزاقلىقتا. ئۇ يەردىكى كونا قاماقخانا شۇ جايدىكى ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ ئۇدۇلىغا توغرىغا كېلىدۇ. ئۇ قاماقخانىنىڭ ئالدىدا بىر باشلانغۇچ مەكتەپ بار». مەزكۇر ساقچى خادىمى بۇ لاگېردا 5 مىڭچە كىشىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. دېيىلىشىچە، ئۇچتۇرپاندىكى 3 ‏-لاگېر ئۇچتۇرپان كەسپىي ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى بولۇپ، ئۇ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقان. ئۇچتۇرپانلىق مۇھاجىرنىڭ تەسۋىرلىشىچە، ئۇچتۇرپان ج خ ئىدارىسى ئۇچتۇرپان ناھىيە بازىرىدىكى دۆڭكۆۋرۈك دېگەن جايغا توغرا كېلىدۇ؛ لاگېر ئورنىدا ئىشلىتىلگەن كەسپىي مەكتەپ بولسا ئەسلىدە گۇچېڭ ئوتتۇرا مەكتەپ دەپ ئاتىلىدىغان، ئۇچتۇرپاندىكى 8 يېزا-بازاردىن ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلىرى كېلىپ ئوقۇيدىغان ياتاقلىق مەكتەپتۇر. يەنە ئەسكەرتىلىشىچە بۇ لاگېر ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قىيپاش ئۇدۇلىغا توغرا كېلىدۇ.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇچتۇرپاندا ئەسلىدە 6 ئورۇندا لاگېر بار بولۇپ، كوڭتەي ۋە كونا قاماقخانا لاگېرى كېڭەيتىپ سېلىنغاندىن كېيىن قالغان 3 لاگېردىكى تۇتقۇنلار كېڭەيتىلگەن لاگېرلارغا يۆتكەلگەن. ئىنكاس قىلىنىشىچە، تاقىۋېتىلگەن 3 لاگېر ناھىيەلىك پارتىيە مەكتەپ، ئۇچتۇرپان 5 ‏-باشلانغۇچ مەكتەپ، ئىماملىرىم كونا ساقچىخانىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا تەسىس قىلىنغان. مەزكۇر ساقچى خادىمى ئىماملىرىمدىكى تاقالغان لاگېرنىڭ ئىماملىرىم يېزىلىق مالدوختۇرخانا بىلەن مال بازىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

بەيدۇ ئۇچۇر ئامبىرىدا كۆرسىتىلىشىچە ئۇچتۇرپان ناھىيەسى 6 يېزا، 3 بازاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، 2014 ‏-يىلىدىكى ئومۇمى نوپۇسى 220 مىڭ ئەتراپىدا. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار، ئەمما ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان كىشى، ئۇيغۇر نوپۇسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە بولغان بۇ ناھىيەدە 35 مىڭچە كىشىنىڭ يۇقىرىقى 3 لاگېر، تۈرمە ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك فابرىكىلىرىدا تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.