ياپونىيەنىڭ داڭلىق كىيىم-كېچەك شىركىتى يۇنىكلو (Uniqlo) نىڭ خوجايىنى شىركەتنىڭ پاختا تەمىنلەش زەنجىرىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شىركەت ئىشلەپ چىقارغان كىيىم-كېچەكلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەنمىگەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
يۇنىكلو شىركىتى ياپونىيەدىكى «تىز پارچە سېتىش» ناملىق سودا گۇرۇھىنىڭ قارمىقىدا بولۇپ، سودا گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تاداشى يانائى جۈمە كۈنى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئەگەر شۇنداق مەسىلە بايقالسا خام ئەشيا تەمىنلىگۈچىلىرى بىلەن سودا قىلىشنى دەرھال توختىتىمىز،» دېگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرى سەۋەبلىك ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن پاختا ۋە پاختا مەھسۇلاتلىرىغا ئېمبارگو قويغان. ئۇنىڭدا ھەرقانداق بىر «مەھسۇلات پۈتۈنلەي، ياكى قىسمەن ھالدا شىنجاڭ پاختىلىرىدىن ئىشلەنگەن بولسا» ئۇنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
شۇنىڭدىن كېيىن دۇنياغا داڭلىق شىركەتلەردىن IKEA ئۇيغۇر رايونى پاختىلىرىدىن ئىشلىنىپ ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكىغا توشۇشنى توختاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
H&M ئۇيغۇر ئېلىدىكى مال تەمىنلىگۈچىلىرىدىن پاختا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشنى توختاتقان، نايكې شىركىتى بولسا ئۆزى زاۋۇتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلتۈرۈلگەن پاختا يىپلارنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.