«يۇنىكلو» (Uniqlo) نىڭ باش ئىجرائىيە دىرېكتورى: «بىز شىنجاڭدىن كەلگەن پاخىتىلارنى ئىشلەتمەيمىز»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز نۇرئىمان تەييارلىدى
2024.12.04
Tadashi-Yanai-uniqlo-kiyim-kechek-yaponiye-1024 ياپونىيەنىڭ داڭلىق كىيىم-كېچەك شىركىتى «يۇنىكلو» (Uniqlo) نىڭ باش ئىجرائىيە دىرېكتورى تاداشى يانايى (Tadashi Yanai) شىركەتنىڭ يېڭى باش ئىشتاب بىناسىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى خاتىرىلەش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆزلەۋاتىدۇ. 2017-يىلى 16-مارت، توكيو
Photo: RFA

ياپونىيەنىڭ داڭلىق كىيىم-كېچەك شىركىتى «يۇنىكلو» (Uniqlo) نىڭ باش ئىجرائىيە دىرېكتورى تاداشى يانايى (Tadashi Yanai) 27-نويابىر كۈنى BBC نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، يۇنىكلونىڭ «شىنجاڭ پاختىسىنى ئىشلەتمەيدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. بۇ دۇنياغا داڭلىق ياپونىيە كىيىم-كېچەك شىركىتى «يۇنىكلو» نىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق» دەپ ئەيىبلىنىپ كەلگەن نەچچە يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئوچۇق ئىپادە بىلدۈرۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

BBC مۇخبىرى زىيارەت جەريانىدا، 2021-يىلىدىن بۇيان تاداشى يانايى ئەپەندىنىڭ «يۇنىكلو» شىركىتىنىڭ ماللىرىدا «شىنجاڭ پاختىسىنىڭ ئىشلىتىلگەن ئىشلىتىلمىگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق بىر نېمە دېمىگەنلىكىنى» تەكىتلىگەندىن كېيىن، بۇ سوئالىنى قايتا سورىغان:

 «يۇنىكلو شىركىتىنىڭ ماللىرىدا شىنجاڭ پاختىسى ئىشلىتىلگەن ياكى ئىشلىتىلمىگەنلىكى ھەققىدە بىر ئېنىقلىما بېرەلەمسىز؟»

تاداشى ئەپەندى بۇ سوئالغا جاۋابەن، «ياق، بىز شىنجاڭدىن كەلگەن پاختىلارنى ئىشلەتمەيمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ يەنە: «ئەگەر مەن بۇنىڭدىن ئارتۇق گەپ قىلسام، بەك سىياسىي بولۇپ كېتىدۇ، شۇڭا مۇشۇ يەردە توختاپ قالاي» دەپ ئارتۇق گەپ قىلمىغان.

بۇ خەۋەر خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا كەڭ تارقالغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا «يۇنىكلونى بايقۇت قىلىشىمىز كېرەك»، «شىنجاڭ پاختىسى دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى پاختا» دېگەندەك خەشتەگ (#) ناملىرى ئاستىدا يۇنىكلوغا قارشى كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا بولغان. X قاتارلىق خەلقئارالىق تاراتقۇلاردا خىتاينىڭ تەشۋىقات قاناللىرىنىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» «ئۇيغۇرلارنىڭ باياشات ھاياتى» ھەققىدىكى تەشۋىقات ۋىدىيولىرى تېخىمۇ كۆپەيگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئىزچىل تۈردە يۇنىكلونىڭ ئەڭ چوڭ بازارلىرىدىن بىرى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئەڭ مۇھىم كىيىم-كېچەك ئىشلەش مەركىزى ھېسابلىنىدىكەن. بۇ شىركەتنىڭ خىتايدا ياپونىيەدىنمۇ كۆپ دۇكىنى بار بولۇپ، يانايى ئەپەندى BBC نىڭ زىيارىتى جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ خىتايدا مىڭغا يېقىن دۇكىنى بارلىقىنى، كەلگۈسىدە بۇنى ئۈچ مىڭغا يەتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋ نىڭ يۇنىكلونىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» نى ئىشلەتمەيدىغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، «شىنجاڭ پاختىسى» نىڭ ئەڭ ياخشى پاختا ئىكەنلىكىنى، «سودىغا سىياسەتنى ئارىلاشتۇرماسلىق كېرەكلىكى» نى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ماللىرىنى، جۈملىدىن «شىنجاڭ پاختىسى» دىن ئىشلەنگەن توقۇلما بۇيۇملىرىنى چەكلىشىگە قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. 2021-يىل 3-ئايدا، خىتاي تاشقى ئىشلىرى مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ئىنكار قىلىپ: «بەزى چەت ئەل شىركەتلىرى خىتاينىڭ ئېشىنى يەپ، خىتاينىڭ قازىنىنى چېقىۋاتىدۇ» دېگەنىدى.

زامانىۋى قۇللۇققا قارشى قۇرۇلغان، ئامېرىكادىكى ئەركىنلىك بىرلەشمىسى (Freedom United) تەشكىلاتىنىڭ خادىمى كرىستا بىسناۋۇت (Krysta Bisnauth) خانىم بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى.

ئۇ خېتىدە ئامېرىكا قاتارلىق دېموكراتىك ئەللەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ يەر شارى ماركىلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازغان: «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى پۈتۈن ‹ئويۇنلار› نى ئۆزگەرتتى. ئۇ سىمۋوللۇق ئەمەس، شىركەتلەرنى راستتىنلا تىجارەت ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە قىستىماقتا. شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا باغلانغان ماللىرى چەكلىمىگە دۇچ كەلگەنلىكتىن، ئۇلار ئىناۋىتىنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. باشقا رايونلار ۋە دۆلەتلەرمۇ ئامېرىكانىڭ تۇتقان يولىغا بۇنىڭغا ئەگىشىشى كېرەك. بىز بۇ يىل ياۋروپا ئىتتىپاقىدا يېڭى مەجبۇرىي ئەمگەك نىزامىنى ماقۇللىدۇق. بىز باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ پات يېقىندا بۇنىڭغا ئەگىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەلۋەتتە بۇ ھۆكۈمەتلەر ۋە شىركەتلەرنىڭ دادىل پوزىتسىيە تۇتۇشىغا باغلىق. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تاداشىغا ئوخشاش تەسىرى كۈچلۈك كىشىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنىمۇ سۈرۈشتە قىلىش كېرەك.»

مودا كىيىم-كېچەك ساھەسىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بۇلغانغان كىيىم-كېچەك ساھەسىگە دىققەت تارتىپ كېلىۋاتقان، نۆۋەتتە فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق خىتاي مودا كىيىم لايىھەلىگۈچى لۇئىس شىن (Louise Xin) خانىممۇ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى.

ئۇ كىيىم-كېچەك ساھەسىدىكى «شىنجاڭ پاختىسى» نى چۆرىدىگەن تالاش-تارتىشلار ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغان: «مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بۇلغانغان ماتېرىياللارنى ئىشلەتمەسلىكنى تاللاش ھوقۇقى لايىھەلىگۈچىلەردىن تارتىپ ئىستېمالچىلارغىچە ھەممە ئادەمگە بېرىلىشى كېرەك. مودا ساھەسى بۇ تۈردىكى سىستېمىلىق مەسىلىلەر ئۈستىگە قۇرۇلغان. شىركەتلەر ۋە لايىھەلىگۈچىلەرمۇ مەلۇماتنىڭ كەملىكى سەۋەبىدىن تەمىنلەش زەنجىرىنى كونترول قىلالمايدۇ. بۇ نازارەت قىلىش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرشنىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بولۇپمۇ شىنجاڭ پاختىسى دۇنيانىڭ خىتاي بىلەن بولغان سىياسىي مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىشى سەۋەبىدىن تېخىمۇ سەزگۈر تېمىغا ئايلاندى. ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ يىلقى مەجبۇرىي ئەمگەك چەكلەش نىزامىنىڭ ماقۇللىنىشى بىلەن شىركەتلەرنىڭ تاللىشىمۇ قولايلىشىدۇ، دەپ قارايمەن. ئەمما ھەقىقىي ئۆزگىرىش يەنىلا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.»

«شىنجاڭ پاختىسى» سەۋەبىدىن يۇنىكلوغا ئوخشاش قارشىلىققا دۇچ كەلگەن شىركەتلەردىن يەنە شىۋېتسىيەنىڭ H&M شىركىتى، شۇنداقلا نايكى، ئادىداس، بۇربېررى (Burberry) قاتارلىقلار بار. 2024-يىل 9-ئايدا، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى يەنە كېلۋىن كلەين (Calvin Klein)، توممى ھىلفىگېر (Tommy Hilfiger) شىركەتلىرىنىڭ بېشى بولغان PVH شىركىتىنى «ھېچقانداق پاكىتسىز شىنجاڭ پاختىسىنى چەكلىگەنلىكى» ئۈچۈن تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن ئەيىبلەنگەن رايونلاردىكى تەمىنلەش زەنجىرى ھەققىدە قارار چىقىرىشىدا، يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسىي تەدبىرلەرنىڭ قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە كرىستا بىسناۋۇت خانىم مۇنداق دەپ يازغان: «شىركەتلەر ھەمىشە ئوتتۇرا يولنى بويلاپ مېڭىشقا ئۇرۇنىدۇ. ئەمما كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش مەسىلىسىدە ئوتتۇرا يول يوق. ئۇيغۇر رايونىغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق ئېغىر دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراۋاتقان رايونلاردىن پايدا ئېلىشنى داۋاملاشتۇرغانلىق، ئېكسپلاتاتسىيە ۋە باستۇرۇش سىستېمىسىنى قوللىغانلىقتۇر. بىر قىسىم شىركەتلەر مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشكە باشلىدى، ئەمما نۇرغۇن شىركەتلەر پايدىنى يەنىلا كىشىلىك ھوقۇقتىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇۋاتىدۇ. ئەركىنلىك بىرلەشمىسى تەشكىلاتىمىز دۇنياۋى ھەرىكەتلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، شىركەتلەرنىڭ سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋېلىشى ۋە شېرىكلىكىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز. ئىستېمالچىلارنىڭ تونۇشىنى ئۆستۈرۈش ئەھۋالنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ.»

لۇئىس شىن خانىم يۇنىكلو دۇچ كەلگەن ئىنكاسلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازغان: «مەن بۇ يېڭى قانۇن-نىزاملارنىڭ توغرا ئىش قىلىشنى تاللىغان ماركىلارنى قوغدىشىنى، كۆرگىنىمىزدەك يۇنىكلو قاتارلىق ماركىلارنىڭ يولسىز بايقۇت قىلىنماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغان ماركىلارنى مۇكاپاتلاش كېرەك. يەنە نۇرغۇن ماركىلار مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغان ئىشچىلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىشتىن بەكرەك، بازار ئېچىشقا كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئەمما ھازىر ئىستېمالچىلار ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاڭلىق بولۇۋاتىدۇ، بۇ ناھايىتى ئاكتىپ بىر يۆنىلىش. شۇڭا پەقەت ھەقىقىي سەمىمىي ھەرىكەت ئارقىلىقلا ماركىلار ئىستېمالچىلارنىڭ ھەقىقىي ئىشەنچىسىنى ساقلاپ قالالايدۇ.»

 «يۇنىكلو» شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە دىرېكتورى تاداشى يانايى ئەپەندى بۇ يىل 75 ياشقا كىرگەن بولۇپ، دادىسىدىن مىراس قالغان بۇ شىركەتنى 40 يىلدىن بۇيان باشقۇرۇپ كەلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، يۇنىكلونىڭ بۇ يىل 8-ئايغىچە بولغان يىللىق ساپ پايدىسى ئالدىنقى يىلدىكىدىن %26 ئاشقان. ئۇ زىيارەت جەريانىدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مودا پارچە سېتىش سودىگىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن پېنسىيەگە چىقىشتىن بۇرۇن، يەر شارى زەنجىرى Zara نىڭ خوجايىنى Inditex دىن ئېشىپ كېتىشنى نىشانلىغانلىقىنى ئېيتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.