ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ خادىملىرى يەنىلا توردا دەرس ئۆتۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020.09.09
mejburiy-emgek-maska-tikish-1.jpg ئىشچىلار ئۈرۈمچىدىكى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى زاۋۇتىدا ماسكا تىكىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 27-يانۋار، ئۈرۈمچى.
REUTERS

9-ئاي كىرىشى بىلەن خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى»، «شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى»، «خەلق گېزىتى» قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا 1-سېنتەبىردىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندا تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشنىڭ 0 پىرسەنتكە كە چۈشكەنلىكى، ئاھالىلەرگە قارىتىلغان كارانتىننىڭ بىكار قىلىنغانلىقى، نورمال خىزمەت ۋە ئوقۇشنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بېرىلىشكە باشلىغان ئىدى.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 3-سېنتەبىردىكى خەۋەرلىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ 6-سېنتەبىر كۈنى رايوندىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە دەرس باشلىنىدىغانلىقى، 10-سېنتەبىر كۈنى ئالىي مەكتەپلەردە دەرس باشلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلىندى.

7-سېنتەبىر كۈنى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خىتايچە سانىدا «6-سېنتەبىر كۈنى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلار مەكتەپلەرگە كېلىپ، دەرس باشلىدى» سەرلەۋھەلىك تەپسىلىي خەۋەر بېرىلدى. خەۋەردە قۇمۇل شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ، كورلا تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ، ئۈرۈمچى داۋانچىڭ رايونىدىكى 40-ئوتتۇرا مەكتەپ، فۇكاڭ 2-ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىق مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىتمىسىنى ئۆلچەش، ئۇلارغا ماسكا، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلارنى تارقىتىش، ئۆز-ئارا ئارىلىق ساقلاش قاتارلىق تەدبىرلەر يولغا قويۇلۇپ، 6-سېنتەبىر كۈنى رەسمىي دەرس باشلانغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

ئەمما رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپلەردە كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەنىلا توردا دەرس ئاڭلاۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

ئۈرۈمچى سايباغ رايونىغا قاراشلىق شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى ئوقۇتۇش بۆلۈمىدىكى بىر خادىم تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلدى.

بىز بۇ خادىمدىن «دۈشەنبە كۈنى باشلانغان دەرس تور ئارقىلىق ئۆتۈلەمدۇ ياكى مەكتەپ رايونىدا ئۆتۈلەمدۇ؟» دەپ سورىدۇق.

بۇ خادىم سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەنىلا تېلېفوندىكى ئايرىم ئۇقتۇرۇشنى ساقلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

بىز ئۇنىڭدىن مائارىپ نازارىتىنىڭ مەكتەپلەردە 6-سېنتەبىر ئوقۇش باشلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇشنىڭ مەزكۇر مەكتەپتە ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى سورىدۇق.

ئۇ ئۇقتۇرۇشتا گەرچە 6-سېنتەبىر دەرس باشلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما مەكتەپلەردە ئايرىم ئورۇنلاشتۇرۇش بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارغا ئاۋۋال تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە، ئاندىن تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە تەدرىجىي ھالدا نورمال ئوقۇتۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇقتۇرۇلغان ئىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەيلى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولسۇن ياكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولسۇن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ رايونىغا كېلىپ دەرس باشلىشى ئۈچۈن يەنىلا مائارىپ نازارىتىنىڭ ئايرىم ئۇقتۇرۇشىنى ساقلاشى كېرەك ئىكەن.

بىز يەنە ئۈرۈمچى يېڭى شەھەر رايونىغا قاراشلىق تۆمۈريول ئىدارىسىدىكى 8-ئوتتۇرا مەكتەپكە تېلېفون قىلىپ، «بۇ مەۋسۇملۇق ئوقۇتۇش توردا ئېلىپ بېرىلامدۇ ياكى مەكتەپ رايونىدىمۇ؟» دەپ سورىدۇق.

مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار بۆلۈمىدىن تېلېفونىمىزنى ئالغان خادىم ئاۋۋال قايسى يىللىقنىڭ ئوقۇش ئەھۋالىنى بىلمەكچى ئىكەنلىكىمىزنى سورىدى. ئاندىن ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرس ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدا پەرق بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە ھەرقايسى يىللىقلارنىڭ قاچان ئوقۇش باشلايدىغانلىقى ھەققىدىكى تەپسىلىي ئەھۋاللارنى مەكتەپ ئوقۇتۇش باشقارمىسىدىن ئىگىلەشنى بىلدۈرۈپ، مەسئۇل خادىمنىڭ تېلېفون نومۇرىنى ئېيتىپ بەردى.

سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن ئوقۇتۇش باشقارمىسىنىڭ بىر خادىمى يېڭى مەۋسۇملۇق ئوقۇش ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ يەنىلا توردا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ 6-سېنتەبىردىن باشلاپ بۇ مەكتەپتە تور ئارقىلىق دەرس ئۆتۈش مەشغۇلاتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا گەرچە ئۈرۈمچىدە كارانتىن تەدبىرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، نورمال خىزمەت ۋە ئوقۇش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۈرۈمچى تەڭرتاغ رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان بەزى ئائىلىلىكلەر رايونلىرىنىڭ تېخىچە ئېچىۋېتىلمىگەنلىكى، تەڭرىتاغ رايونىدىكى مەكتەپلەرنىڭ بۇ مەۋسۇملۇق ئوقۇشى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوقلۇقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

بىز تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن تەڭرىتاغ رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان بىرقانچە ئاھالىلەر رايونىغا، تەڭرىتاغ رايونىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن ئۈرۈمچى تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىگە ۋە ئۈرۈمچى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، يەنى بۇرۇنقى 14-ئوتتۇرا مەكتەپكە تېلېفون قىلدۇق. ئەمما بۇ رايوندىكى مەيلى شەھەر ئاھالىلىرى بولسۇن ياكى مەكتەپلەرنىڭ تېلېفونى بولسۇن ئۇلانمىدى ياكى ئاپتوماتىك جاۋاب بېرىش ئۈسكىنىسىدىن كەلگەن جاۋاپقىلا ئېرىشتۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.