ئۈرۈمچىدىكى چوڭ بازارغا يېقىن بىر بىناغا ئوت كەتكەن: خىتاينىڭ قامال سىياسىتى داۋاملىق پاجىئە تۇغدۇرماقتا
2022.11.25

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغان ۋىدېيو ۋە سىن كۆرۈنۈشلىرىگە قارىغاندا، 11-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچقۇرۇن ئۈرۈمچىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىدىكى چوڭ بازارغا يېقىن جايدىكى بىر ئاھالىلەر قورۇسىغا ئوت كەتكەن. تورلاردا تارقالغان ۋىدىيولاردىن ئۇ بىناغا بارغان ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئوتنى ۋاقتىدا ئۆچۈرمىگەنلىكى ھەم ئۆچۈرەلمىگەنلىكى، ئۆيلىرىگە سولىنىپ قالغان ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ سىرتقا قېچىپ چىقالماي ئۆلگەنلىكى بىلىنمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىدا، بۇ قېتىمقى ئوت كېتىش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 10غا يەتكەن، ئەمما توردا ئاشكارىلانغان تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى ئوت كېتىش ۋەقەسىدە 20 نەچچە ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەمدە يارىلانغانلارنىڭ داۋاملىق ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئاياللار ۋە بالىلار ئىكەنلىكى مەلۇمبولماقتا.
«ۋاشنىگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 25-نويابىر كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ۋەقەدە ئوت 15-قەۋەتتىن 17-قەۋەتكىچە تۇتاشقان ۋە 3 سائەت كۆيگەن، 10 ئادەم ئۆلۈپ 9 ئادەم يارىلانغان (خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغان)، بۇ ۋەقە بۇ ھەپتە خىتايدا يۈز بەرگەن ئىككىنچى چوڭ ئوت ئاپىتى بولۇپ، ئىككى قېتىملىق ئاپەتتە 48 ئادەم ئۆلگەن.
ھالبۇكى، نەق مەيداندىن تارتىلىپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا يوللانغان ۋىدىيو ۋە سىن كۆرۈنۈشلىرىدە ئوت كەتكەن بىنانىنىڭ قايسىي قەۋەتلىرىنىڭ كۆيگەنلىكى ئېنىق كۆرسىتىلگەن. يەنى 21 قەۋەتلىك مەزكۇر بىنانىنىڭ 14-قەۋىتىدىن باشلاپ كۆيۈپ، تاكى 19-قەۋەتكىچە كۆيۈپ كەتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل 8-ئايدىن باشلاپ يولغا قويغان «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونى «يۇقىرى دەرىجىلىك خەتەرلىك رايون» دەپ بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇ رايوندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاھالىلىرى ئۈچ ئايدىن بېرى ئۆيىگە سولىنىپ قالغانىدى؛ بۇ قېتىمقى ئوت كېتىش ۋەقەسىدىمۇ ئوت كەتكەن ئۆيدىكى ئاھالىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشى چەكلەنگەن بولۇپ، 20 دەك ئادەمنىڭ ئۆلۈشى خىتاينىڭ بۇ قامال سىياسىتىنىڭ يەنە بىر پاجىئەسى بولۇپ قالغان.
بۇ ئوت كېتىش ۋەقەسى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قامال سىياسىتىگە بولغان غەزەپ-نەپرىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن بولۇپ، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان كۆپلىگەن ۋىدىيولاردا بۇ كەيپىيات روشەن ئىپادىلەنگەن.
«بلومبېرگ خەۋەرلىرى» تورىمۇ 24-نويابىر كۈنى، «خىتاينىڭ يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش سىياسىتى كىشىلەرنىڭ غەزىپىنى ئۇلغايتتى» ناملىق خەۋەر بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوت كەتكەن ئەھۋالدىمۇ قامالنى بوشاتماسلىق ۋە ئوتنى ۋاقتىدا ئۆچۈرمەسلىكتەك جاۋابكارلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.
بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ھەر خىل بېسىم ۋە خەتەرگە قارىماي، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە بۇ پاجىئەدىن تۇغۇلغان ئېغىر ئەندىشىسى ۋە يۈرەك سۆزلىرىنى ئىپادىلىگەن.
25-نويابىر كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىشقا باشلىغان ئەڭ يېقىنقى ۋىدېيولارغا قارىغاندا، ئۈرۈمچىدە بىر بىناغا ئوت كېتىپ ئونلىغان ئادەملەر كۆيۈپ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى خىتاي ئاھالىلىرى دائىرىلەرنىڭ قامال سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەنلىكى مەلۇم. رادىيومىز تەرىپىدىن تېخى رەسمىي دەلىللەنمىگەن بۇ نامايىشقا ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭمۇ قاتناشقان ياكى قاتناشمىغانلىقى نامەلۇم.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان بۇ ھەقتىكى ۋىدېيولاردا نامايىشچىلارنىڭ كېچە قاراڭغۇلۇقىدا غەزەپ بىلەن توۋلاۋاتقان، تاراسلاپ ئوق ئېتىلغان، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ قىيا-چىيا قىلغان ئاۋازلىرى ناھايىتى ئېنىق ئاڭلانغان. رادىيومىز ۋەقە ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ نەق مەيداندىن خەۋەر ئېلىشقا تىرىشماقتا.