ئۈرۈمچىدە ۋىرۇس يۇقۇمى قايتا بايقىلىپ، جىددىي كارانتىن تەدبىرلىرى ئېلىنغان ۋە يوللار قامال قىلىنغان

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى «135 كۈنگىچە كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى بايقالمىدى» دەپ خەۋەر قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېڭىدىن كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى بايقالغان. 16-ئىيۇل كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر تارقىلىشقا باشلىدى. ئىگىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 15-ئىيۇل يېرىم كېچىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدە قاتناشنى توختىتىپ، كارانتىن تەدبىرلىرى ئېلىشقا باشلىغانلىقى ھالەت ئېلان قىلغانلىقى مەلۇم.

16-ئىيۇل كېچىدە يەنە ئۈرۈمچىدىن باشقا سانجى، قەشقەر قاتارلىق جايلارنىڭمۇ قامال قىلىنغانلىقى توغرىلىق ئۇچۇرلار تارقالدى.

17-ئىيۇل خىتاي تىللىق ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرى ۋە خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېڭىدىن كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرى بايقالغانلىقى ئۈچۈن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ رايوندا كارانتىن تەدبىرلىرىنى يولغا قويغانلىقى خەۋەر قىلىندى. مەلۇم بولۇشىچە، 15-ئىيۇل يېرىم كېچىدىن باشلاپ، 7 كۈن ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدە ئايروپىلان قاتنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق يولۇچىلار قاتنىشىنىڭ توختىتىلغانلىقى، سودا-تىجارەت ئورۇنلىرى، ئىدارە-جەمئىيەتلەر ۋە مەكتەپلەر تاقىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ كارانتىن تەدبىرلىرىگە ئەمەل قىلىشى لازىملىقى توغرىسىدا مەخسۇس ئۇقتۇرۇشلار تارقىتىلغان

ئۈندىدار سالونىدا 16-ئىيۇل كېچىدە تارقالغان بىر ئۇچۇردا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ شۇ جاي ۋاقتى 16-ئىيۇل كەچ سائەت 8:00 دە جىددىي يىغىن چاقىرىپ، ئۈرۈمچىدە كەلگۈسى 7 كۈن ئىچىدە 6 خىل قامال تەدبىرىنى يولغا قويغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي مەركىزى تېلىۋېزىيەسىمۇ 17-ئىيۇل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېڭىدىن يۇقۇمدارلار بايقالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. خەۋەردە 17-ئىيۇل كۈنىگىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا بايقالغان يۇقۇمدارلار سانىنىڭ 6 گە، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇمدارلارنىڭ 11 گە يەتكەنلىكىنى، ئۈرۈمچىدە 135 يۇقۇم گۇماندارىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ كۆزىتىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

بىز ئۈرۈمچىدىكى ساقچى ئىدارىلىرى، دوختۇرخانا، ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەت مەركەزلىرى ۋە مېھمانخانىلارغا تېلېفون قىلىپ، ئۈرۈمچىدە يولغا قويۇلغان قامال تەدبىرى ھەققىدە بەزى ئەھۋاللارنى ئىگىلىدۇق.

ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىنىڭ نۆۋەتچى خادىمى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، كارانتىن تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن شەھەردىكى بارلىق قاتناشنىڭ توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە ئەگەر يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن كېسەل تەكشۈرتمەكچى بولغانلار بولسا، ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاھالىلەر كومىتېتىغا خەۋەر بېرىپ، مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاپتوموبىلدادوختۇرخانىغا بارسا بولىدىغانلىقىنى، ھەرقانداق شەخسى ئاپتوموبىللارنىڭ قاتنىشى چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىز ئۇنىڭدىن «ئۈرۈمچىدە بۇ خىل قامال قىلىش بىر ھەپتە داۋاملىشامدۇ ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزۇن بولامدۇ؟» دەپ سورىدۇق. ئۇ بۇنى ئاھالىلەر كومىتېتلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇش قىلىشى مۇمكىنلىكىنى، ھازىر بۇ ئەھۋاللارنىڭ ئۇلارغىمۇ ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

ئۈرۈمچىدىكى دوختۇرخانىلار ۋە ساقلىقنى ساقلاش ئورۇنلىرىغا قىلغان تېلېفونلاردىن پەقەت ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومنىڭ ساقلىقنى ساقلاش قۇتقۇزۇش مەركىزىگە قىلغان تېلېفونىمىز ئۇلاندى.

خىتاي تىلىدا تېلېفونىمىزغا جاۋاب بەرگەن مۇلازىمەتچى خادىم «يوللار قامال قىلىنغان ئەھۋالدا، يۇقۇم گۇماندارلىرىنى قانداق قىلىدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، ھاۋا قاتناش ئىدارىسى قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ بۇنىڭغا مەسئۇل ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ۋىرۇس يۇقۇمىدىن تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغانلارنىڭ شەھەردىكى چوڭ دوختۇرخانىلار بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىپ، ئۆزىنى تەكشۈتسە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ «يۇقۇم توغرىلىق تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغۇچىلار كۆپمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئەھۋالنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

ئۈرۈمچىگە سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچى ۋە يولۇچىلارنىڭ قامال مەزگىلىدىكى ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن بىز يەنە ئۈرۈمچىدىكى بىرقانچە مېھمانخانىغا تېلېفون قىلدۇق.

ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى جەنۇبىي ۋوگزالدىكى مېھمانخانىغا قىلغان تېلېفونىمىزنى بىر خىتاي ئايال مۇلازىمەتچى ئالدى.

ئۇ «شەھەر قامال قىلىنغاندىن كېيىنكى ۋەزىيەت قانداق، سىرتقا چىقالامسىلەر؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، كونكرېت ئەھۋالنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇنىڭدىن «سىلەرنىڭ مېھمانخانىنىڭ ئەھۋالى قانداق؟» دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ: «مېھمانخانىمىز ھازىر تىجارەت توختىغان ھالەتتە. بىز پەقەت تېلېفون ئېلىشقىلا مەسئۇل بولۇۋاتىمىز. قالغان ئەھۋاللارنى بىلمەيمىز. ئەگەر ئۈرۈمچىنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەكچى بولساڭلار، ئۆزۈڭلار تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىسەڭلار بولىدۇ. باشقا ئىشلارنى مەن بىلمەيمەن،» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇنىڭدىن «مېھىماخانىدىكى يولۇچىلارنىڭ ئەھۋالى قانداق؟» دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ جىددىلەشكەن ھالدا: «مېھىمانخانىمىزدا خېرىدار يوق، بىز مېھمان قوبۇل قىلمىدۇق، ھازىر بىز تىجارەت توختىغان ئەھۋالدا،» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىدىكى مېھمانخانا خادىمى تېلېفونىمىزنى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ شەھەر قامال قىلىنغاندىن كېيىنكى ۋەزىيەت ۋە مېھمانخانىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىمىزغا ئۆزلىرىنىڭمۇ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت تەرەققىياتىنى بىلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، تېلىفوننى قويۇۋەتتى.

رادىيومىز خىتاي بۆلۈمى ئۇيغۇر رايونىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋالدا بىر شەھەر ئاھالىسى ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىپ: «ئەڭ ئاۋۋال يۇقۇم ئەھۋالى بايقالدى دېگەن رايون، يەنى تەڭرىتاغ رايونى قامال قىلىندى. كېيىن باشقا رايونلارمۇ قامال قىلىندى، ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى قىزلار ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ تىزىملاۋاتىدۇ. ئۇلار شۇ ئائىلىدە نەچچە جان بارلىقى، كىملىك دېگەنلەرنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ، كېسەللىك ئەھۋالى ھەققىدە تېمپېراتۇرا ئۆلچىگۈچ بارمۇ، قىزىش ئالامەتلىرى بارمۇ؟ يەيدىغىنىڭلار بارمۇ دېگەنلەرنى سورىدى. بۇ بۇيۇملارنىڭ بىرنەچچە كۈن كېيىن كېلىدىغانلىقى ئېيتىپ چىقىپ كەتتى. ئۇلار ھازىر ئۆي-ئۆي تەكشۈرىرۈۋاتىدۇ. ئەتىگەنلىك تاماق ۋاقتىدىلا كىرىپ تەكشۈردى، خىزمەت ۋاقتى بولغان بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشىغا رۇخسەت قىلمىدى،» دېگەن.

خىتاي دائىرىلىرى «ئۇيغۇر رايونىدا كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى تارقالدى» دېگەن باھانىدا ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەرنى تۇيۇقسىز قامال قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھەر ۋاقىت ئۇچۇرلارنى قامال قىلىپ، مۇستەقىل تاراتقۇلارنىڭ رايوندىن ئەھۋال ئىگىلىشىنى چەكلىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ئۇچۇر-ئالاقە سىستېمىسىنى كونترول قىلىشى سەۋەبلىك ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ بۇ قېتىم تۇيۇقسىز قامال قىلىنىشىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى خەلقئارا تاراتقۇلاردا يەنىلا جىددىي گۇمان قوزغاۋاتقان مەسىلە دەپ قارالماقتا.