ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تارىخىنىڭ قايتا يېزىلىشىغا ئېلىپ بارغان يېڭى بايقاش - پورباجىن قەلئەسىنىڭ قۇرۇلغان يىلى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-06-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ تۇۋا جۇمھۇرىيىتىدىكى تېرەكۆل رايونىغا جايلاشقان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا تەئەللۇق پورباجىن(Por-Bazhyn) قەلئەسىنى قېزىش پەسلى باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئايروپىلاندىن مىكرو نۇرلۇق ئېلىنغان نەق مەيدان كۆرۈنۈشى. 2006-يىلى 27-سېنتەبىر.
رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ تۇۋا جۇمھۇرىيىتىدىكى تېرەكۆل رايونىغا جايلاشقان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا تەئەللۇق پورباجىن(Por-Bazhyn) قەلئەسىنى قېزىش پەسلى باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئايروپىلاندىن مىكرو نۇرلۇق ئېلىنغان نەق مەيدان كۆرۈنۈشى. 2006-يىلى 27-سېنتەبىر.
wikimedia.org

ئىلگىرى ئارخېئولوگ ۋە تارىخچىلار ھازىرقى رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ تۇۋا جۇمھۇرىيىتىدىكى تېرەكۆل رايونىغا جايلاشقان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا تەئەللۇق پورباجىن قەلئەسىنىڭ(لاي قەلئە) قۇرۇلغان ۋاقتى، قايسى خاقان تەرىپىدىن قانداق مەقسەتتە قۇرۇلغانلىقى ھەققىدە ئورتاق پىكىردە بولۇپ كەلگەن. تارىخچىلار ۋە ئارخېئولوگلار ئورخۇن يېنىسەي ئابىدىلىرىدىكى ئۇچۇرلار، خىتاي تارىخىي ماتېرىياللىرى ۋە مەزكۇر قەلئەنىڭ قۇرۇلمىسىغا قاراپ، ئۇنىڭ 755-يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مەشھۇر خاقانى مويۇنچۇر (بايانچۇر) قاغان تەرىپىدىن قۇرۇلغانلىقىدا ئورتاق پىكىردە بولۇپ كەلگەنىدى.

لېكىن گوللاندىيەنىڭ گرونىنگېن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن رۇسىيەلىك تەتقىقاتچىلار يېقىندا ئارخېئولوگىيەلىك ئىزلارنىڭ يىلىنى بېكىتىشنىڭ يېڭى بىر مېتودىنى ئىجات قىلىپ، پورباجىن قەلئەسىنىڭ قۇرۇلغان ئېنىق يىلىنى بېكىتىپ چىققان. ئۇلارنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، پورباجىن قەلئەسى 755-يىلى ئەمەس، بەلكى 777-يىلى سېلىنغان ئىكەن. تەتقىقاتچىلار بۇنىڭدا مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك قالدۇقلىرىدىكى رادىئو كاربون يىغىلمىسىغا ئاساسەن بۇ قۇرۇلۇشنىڭ تېخىمۇ ئېنىق يىلىنى بېكىتكەن.

پورباجىن، دېگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇرچىدىكى مەنىسى «لاي قەلئە» دېگەنلىك بولۇپ، مەزكۇر قەلئەنىڭ ئۇزۇنلۇق 215 مېتىر، كەڭلىكى 162 مېتىر، تاشقى سېپىلىنىڭ ئېگىزلىكى 12 مېتىر كېلىدۇ. قۇرۇلۇش پۈتۈنلەي لايدا ياسالغان بولۇپ، ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ياسالغان كونكرېت ۋاقتىنىڭ ئېنىقلىنىشى، ئۇنىڭ قايسى خاقان تەرىپىدىن نېمە مەقسەتتە سېلىنغانلىقى ۋە ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن تاشلىنىپ قالغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدىكەن.

مەزكۇر بىرلەشمە تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىسى، گوللاندىيە گرونىنگېن ئۇنىۋېرسىتېتى ئىزوتوپ تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور مورگات كايتېمس خانىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئۇلار مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ يىلىنى بېكىتىشتە ئۇنىڭ ياغاچ ماتېرىياللىرىنى تەتقىق قىلغان. مورگات كايتېمس 16-ئىيۇن كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يېڭى تەتقىقات مېتودىنى تونۇشتۇردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز پورباجىن قەلئەسىنىڭ ياسالغان ۋاقتى ياكى قاچان قۇرۇلغانلىقىنى ئېنىقلاشتا بىز يېقىندا تەرەققىي قىلدۇرغان رادىئو كاربون ئاساسىدىكى بىر خىل يېڭى مېتودنى ئىشلەتتۇق. تۆۋەندە مەن بۇنىڭ تەپسىلاتلىرىنى چۈشەندۈرىمەن. ھاۋادىكى رادىئو كاربون قاتلىمى بۇرۇنمۇ شۇنداقلا ھازىرمۇ ئىزچىل ئۆرلەپ ياكى تۆۋەنلەپ تۇرىدۇ. رادىئو كاربون قاتلىمىدىكى بۇ خىل ئۆرلەش ياكى تۆۋەنلەش سەۋىيەسىنى دەرەخلەر خاتىرىلەپ ماڭىدۇ ياكى ئۆزىگە مۇجەسسەملەيدۇ. ھاۋادىكى رادىئو كاربون مىقدارى ئۆرلەپ ئەڭ يۇقىرىقى نۇقتىغا چىققانلىقىنى دەرەخنىڭ دۈگىلەك ھالقىسىدا كۆرەلەيمىز. رادىئو كاربون ئۆرلەپ يۇقىرى پەللىگە چىققاندا ئۇ دەرەخنىڭ ھالقىسىغا يىغىلىدۇ. ئەگەر سىز رادىئو كاربون يىغىلغان بۇ ھالقىنى تاپسىڭىز، سىز بۇ دەرەخ ھالقىسىنىڭ شەكىللەنگەن ئېنىق يىلىنى تاپالايسىز».

ئىلگىرى ئارخېئولوگلار ۋە تارىخچىلار مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ بايانچۇر قاغاننىڭ يازلىق سارىيى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ كەلگەن. مويۇنچۇر قاغاننىڭ دەۋرىدە ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ تاڭ سۇلالىسىگە قوشۇن چىقىرىپ، ئۇنىڭ خىتايدا 755-يىلى پارتلىغان ئۆڭلۈك-سۆيگۇن (ئەن لۇشەن-شى سىمىڭ) توپىلىڭىنى باستۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن. ئۇيغۇر قاغانلىقى بۇنىڭ بەدىلىگە تاڭ خانىدانلىقىنى قەرزگە بوغۇپ، مويۇنچۇر قاغان تاڭ پادىشاھى سۇزوڭنىڭ مەلىكىسى نىڭگوغا ئۆيلەنگەن. بەزى تارىخچىلار مويۇنچۇر قاغاننىڭ مەزكۇر قەلئەنى نىڭگو ئۈچۈن سالدۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەنىدى. مارگوت كايتېمسنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ 777-يىلى تەڭرى بۈگۈ قاغان تەرىپىدىن سېلىنغان بىر مانى دىنىي ئىبادەتخانىسى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەرگەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «1960-يىللاردا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشلاردا بۇ ئورۇن 755-يىلى قۇرۇلغان، دەپ قارالغانىدى. يېقىنقى يىللاردا بۇ قۇرۇلۇشنىڭ 8-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا سېلىنغانلىقى مەلۇم بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قانداق مەقسەتتە قۇرۇلغانلىقى، قايسى ئۇيغۇر قاغانى تەرىپىدىن قۇرۇلغانلىقى ۋە نېمە ئۈچۈن ئىشلىتىلمىگەنلىكى يەنىلا جاۋابسىز قالغان. مانا ھازىر بىز بۇ قۇرۇلۇش مويۇنچۇرنىڭ ئوغلى تەڭرى بۈگۈ قاغان تەرىپىدىن سېلىنغانلىقىنى بىلدۇق. بۈگۈ قاغان مانى دىنىغا كىرگەن. لېكىن ئۇ بۇ قۇرۇلۇش باشلىنىپ 2-3 يىلدىن كېيىن يەنى 779 ياكى 780-يىللىرىدا مانى دىنىغا قارشى كۈچلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ بىزدە مەزكۇر ئورۇننىڭ بىر مانى دىنىي ئىبادەتخانىسى ئىكەنلىكى، مانى دىنىغا قارشى ئىسيان سەۋەبلىك بۇ قۇرۇلۇشنىڭ پۈتكەن بولسىمۇ، لېكىن تاشلاپ قويۇلغانلىقىغا بولغان ئېھتىماللىقنى كۈچەيتتى».

بەزى تارىخ ھۆججەتلەردە، 3-ئەسىردە ئىراندا پەيدا بولغان مانى دىنىنى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا سوغدىلارنىڭ ئېلىپ كەلگەنلىكى، بۈگۈ قاغاننىڭ مانى دىنىنى قوبۇل قىلىشىدا شۇلارنىڭ ھالقىلىق رول ئوينىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. قازاقىستان تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلەر پروفېسسورى ئابلەت كامالوفنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۈگۈ قاغان 762-يىلى خىتاينىڭ تاڭ خانىدانلىقىغا ھەربىي يۈرۈشى قىلغاندا سوغدىلار بىلەن ئۇچرىشىپ، مانى دىنى بىلەن تېخىمۇ يېقىن تونۇشقان ئىكەن. ئۇ، بۈگۈ قاغاننىڭ مانىنى دىنىنى قوبۇل قىلىشى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ئوردىسىدا قانلىق بىر دىنىي توقۇنۇشقا سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابلەت كامالوف: «ئەسلى ئۇيغۇر قاغانلىقىدا مانىخېيلار ئاساسەن سوغدىلار بولغان. سوغدىلارنىڭ سانى ئۇيغۇر خاقانلىقىدا خېلى كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەسىرى مەيلى بۇرۇنقى تۈرك خاقانلىقىدا بولسۇن، مەيلى ئۇيغۇر خاقانلىقىدا بولسۇن خېلى يۇقىرى ئىدى. تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانساق بۈگó قاغان 762-يىلى خىتايغا ئەن لۇشەن توپىلىڭىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ھەربىي يۈرۈش قىلىدۇ. بۈگۈ قاغان شۇ ۋاقىتتا مانىخېيلار بىلەن يېقىن تونۇشقان. تارىخىي ماتېرىياللاردا بۈگۈ قاغان خىتايدىن 4 مانى راھىبىنى ئوردابالىققا ئېلىپ كەتتى، دېگەن خاتىرىلەر بار».

پروفېسسور ئابلەت كامالوفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلگىرى پورباجىن قەلئەسىنىڭ سېلىنىش مەقسىتى ھەر خىل چۈشەندۈرۈلۈپ كېلىنگەنىكەن. ئۇ، گەرچە يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە مەزكۇر قەلئەنىڭ بۈگۈ قاغان تەرىپىدىن سېلىنغانلىقى ۋە مانى دىنىي ئىبادەتخانىسى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ يازما ھۆججەتلەر بىلەن دەلىللىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ قەلئە 1-قېتىم بۇددىزمغا باغلاپ چۈشەندۈرۈلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن مويۇنچۇرنىڭ يازلىق سارىيى، دەپ چۈشەندۈرۈلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن يېقىنقى ۋاقىتلاردىكى خىمىيەلىك تەجرىبىخانىلاردا چىققان نەتىجىلەرمۇ بىر خىل تەخمىن. بۇنىڭ ئارىلىقىدا يەنە بىر قانچە خىل چۈشەندۈرۈشلەر بار. شۇڭا بىز بۇنى بايانچۇر ( مويۇنچۇر( قاغان دەۋرىدىكى ياكى بۈگۈ قاغان دەۋرىدىكى قەلئە، ئۇنىڭ بىرى توغرا يانە بىرى خاتا، دەپ ئىشەنچلىك ئېيتالمايمىز».

لېكىن دوكتور مورگات كايتېمسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ياغاچ تۈۋرۈكلىرىدىكى رادىئو كاربون قاتلىمىنى ئانالىز قىلىپ، ئېنىق يىلنامىگە ئېرىشكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز بۇنىڭدا قۇرۇلۇشتىكى ياغاچ تۈۋرۈكلەرنىڭ ئەۋرىشكىلىرىنى تەتقىق قىلدۇق. رۇسىيەلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ مەزكۇر ئارخېئولوگىيەلىك يادىكارلىقنى تەتقىق قىلىۋاتقىنىغا نۇرغۇن يىللار بولغان. ئۇلار بىزگە قۇرۇلۇشنىڭ ياغاچ تۈۋرۈكلىرىنىڭ ئەۋرىشكىسىنى ئەۋەتىپ بەردى. بۇ قۇرۇلۇش لايدىن ياسالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا نۇرغۇن ياغاچ تۈۋرۈكلەر ئىشلىتىلگەن. ئۇنىڭ قۇرۇلمىسىنى نۇرغۇن ياغاچ تۈۋرۈكلەر شەكىللەندۈرگەن. مانا بۇ ياغاچ تۈۋرۈكلەر بىزنى بۇ قۇرۇلۇشنىڭ قاچان سېلىنغانلىقىغا دائىر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىدى».

گوللاندىيە ۋە رۇسىيەلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇيغۇر قەلئەسى ھەققىدىكى تەتقىقات دوكلاتى خىتاي ھۆكۈمىتى 3 مىليوندەك مۇسۇلماننى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە تىلىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلىگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى مۇستەقىل خانلىقلىرىنى ئىنكار قىلىۋاتقان، بۇنى «بۆلگۈنچىلىك» نىڭ ئىپادىسى دەپ چۈشەندۈرۈۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىندى. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا ئاساسلىق زەربە بېرىش نىشانلىرىنىڭ بىرىنى «شىنجاڭ تارىخى» غا بولغان پەرقلىق قاراشلارغا قاراتقان. بۇ جەھەتتىكى پەرقلىق قاراشلارنى «تۈزىتىلىشكە تېگىشلىك خاتا ئىدىيە» دەپ كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەرنى چەكلىگەن. نۇرغۇن ئۇيغۇر ئارخېئولوگ ۋە تارىخچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، قاماق جازاسى بەرگەن ياكى ئىز-دېرەكسىز يوقاتقانىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت