لاگېر شاھىتلىرى: «ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ نىشانى قىلىنماقتا»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىدى
2025.03.07
lager-shahit-1.jpg كالىفورنىيەدە قۇرۇلغان ئۇيغۇر فوندىنىڭ قوللىشى بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى لاگېر شاھىتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئالىي مەكتەپلەر ۋە ئىسلام مەركەزلىرىدە «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىش» پائالىيىتىگە ئاتلاندى. 2023-يىلى يانۋار، ۋاشىنگتون.
Photo: RFA

خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان خىتاي دۆلىتىدە ئەر-ئاياللارنىڭ ھوقۇقتا باراۋەر ئىكەنلىكى ۋە ئاياللار ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بازارغا سالماقتا. بۇ يىلمۇ «8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدە، خىتاي دۆلىتىدە ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكى كەڭ تەشۋىق قىلىنغان.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەلق تورى، مەركىزى تېلېۋىزىيەسى قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ 2025-يىلى 3-ئاي كىرىشى بىلەن بەرگەن خەۋەرلىرىدە خىتايدا ئاياللار ئەڭ ياخشى ھالەتتە قوغدىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپەيگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقات كانىيى بولغان «تەڭرىتاغ» تورى، «شىنجاڭ گېزىتى»، «شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى» قاتارلىقلارنىڭ 6- ۋە 7-مارت كۈنلىرىدىكى سانلىرىدا يەنە، ئاتالمىش «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاياللىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقى»، ھەر قايسى ساھەلەردە خىزمەت پۇرسەتلىرىگە ئېرىشىكەن ئاتالمىش «ئازسانلىق مىللەت ئاياللىرى» نىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتقانلىقى، ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئۆز كەسپىدە نەتىجە قازانغان «تۆھپىكار ئاياللار» ۋە «مىللەت ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىسى» بولۇپ باھالانغان ئاياللار، 5-مارتتىن باشلاپ بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان «خەلق قۇرۇلتىيى» ۋە «سىياسىي كېڭەش» يىغىنىنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلاپ، تەشۋىقات ئوبيېكتى بولۇپ كېلىۋاتقان ئۇسسۇلچى دىلنار ئابدۇللا، ئاتالمىش قەدىمكى ئەسەرلەر تەتقىقاتچىسى مۇنەۋۋەرگە ئوخشاش ئاتالمىش «نەمۇنىلىك ئاياللار» ھەققىدىكى مەدھىيە خەۋەرلىرى كەڭ يەر ئالغان.

ھالبۇكى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مۇھاجىرەتتىكى ئايال لاگېر شاھىتلىرىدىن ئامېرىكادىكى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، زۇمرەت داۋۇت ۋە گوللاندىيەدىكى قەلبىنۇر سىدىق خانىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاياللار ھوقۇقى ھەققىدىكى ھەرقانداق تەشۋىقاتى «ئەڭ چوڭ يالغانچىلىق» بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمرانلىقىدا ياشاۋاتقان ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈزلۈكسىز دەپسەندە قىلىنماقتا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سىياسىتىنىڭ ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان قۇربانلار» ئىكەن.

تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ دەل 8-مارت كۈنى تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا قامالغان. شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جازا لاگېرىدا ھاياتىدىكى ئەڭ ئېغىر زۇلۇم ۋە خورلۇقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، شۇڭا «8-مارت ئاياللار بايرىمى» ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ قاراڭغۇ كۈن ئىكەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇنىڭغا ئوخشاش زۇلۇم چەككەن ئۇيغۇر ئاياللىرى ھېچقاچان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغدىدۇق» دېگەن يالغان تەشۋىقاتلىرىغا ئىشەنمەيدىكەن.

گوللاندىيەدىكى قەلبىنۇر سىدىق خانىم، ئۆزىنىڭ 2017-2018-يىللىرى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئاياللار لاگېرىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە، ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچرىغان خورلۇق ۋە زۇلۇملارنى نەقىل ئېلىپ، ھەتتا لاگېردا قىيناقتا ئۆلۈپ كەتكەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ جەسىتىنىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ نازارىتىدە ئېلىپ مېڭىلغىنىغا شاھىت بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2017-يىلى دۇنياغا ئاشكارىلانغان ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان زور كۆلەملىك لاگېر تۇتقۇنىدىن بۇيان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدە، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرى دەپسەندە بولماقتا، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇيغۇر ئاياللىرى بۇ زۇلۇمدا ئەڭ ئېغىر بەدەل تۆلەۋاتقان قۇربانلار ئىكەن.

ئامېرىكادىكى لاگېر شاھىتلىرىدىن زۇمرەت داۋۇت خانىمنىڭ ئەسلىمە قىلىشىچە، 2017-2018-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئەۋجىگە چىققان «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى، ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان كەڭ كۆلەملىك لاگېرلارغا سولانغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ زور كۆپچىلىكى، ئاتالمىش پىلانلىق تۇغۇتقا خىلاپلىق قىلىپ، كۆپ پەرزەنتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن جەرىمانە تۆلىگەن، ناماز ئوقۇغان، بالىلىرىغا دىنىي تەلىم بەرگەنلەر ئىكەن. ھەتتا بەزىلىرى توي قىلغاندىن كېيىن ئەسلىدىكى نوپۇسى بار يەردە تۇرماي باشقا يۇرتقا كەتكەن دېگەندەك باھانىلاردا تۇتقۇن قىلىنغانلار ئىكەن.

زۇمرەت داۋۇت خانىم يەنە ئۆزى خىتاينىڭ دوۋيىن قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىن كۆچۈرۈپ تارقاتقان سىن كۆرۈنۈشلىرىنى نەقىل ئېلىپ، بۇلاردا ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ خىتاي ئەرلىرى بىلەن مەجبۇرىي توي قىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئائىلىسى ۋە بالىلىرىدىن ئايرىۋېتىلىپ خىتاي زاۋۇت-فابرىكىلىرىدا مەجبۇرىي ئىشلەۋاتقانلىقى، ھەتتا پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى روزا تۇتۇۋاتقان رامىزان مەزگىلىدە ئەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆستەڭ چېپىش، ئېتىز-ئېرىقلارنى ۋە پارنىكلارنى تازىلاشتەك ئېغىر جىسمانىي ئەمگەكلەردە ئېزىلىۋاتقانلىقى نامايان بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا دېيىلگەندەك قوغدىلىش ئەمەس، بەلكى ئەڭ ئېغىر باستۇرۇش، زۇلۇم ۋە خورلۇقلارغا داۋاملىق ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى» خاتىرە فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى دوكلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدا بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىدا، خىتاينىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ ئەڭ ئېغىر بەدەل تۆلىگۈچىلەر بولغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەنىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.