8-مارت ئاياللار بايرىمىدا ئىستانبۇلدا «ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ئاياللارنىڭ ساداسى» ئاڭلىتىلدى
2025.03.10

8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا «ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ئاياللارنىڭ ساداسى» دېگەن تېمىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم مەدەنىيەت ۋە ئائىلە جەمئىيىتى، كۆچ ۋە دىياسپورا ۋەخپىسى، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ يىغىنغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ۋە تۈرك ئاياللاردىن كۆپ ساندا خانىم-قىزلار قاتناشتى.
يىغىندا ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەرگە مۇناسىۋەتلىك بايانات ئېلان قىلىندى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى ئەيىبلەندى.
يىغىندا سۆز قىلغان كۆچ ۋە دىياسپورا ۋەخپىنىڭ رەئىسى ئائىشە مۇزەييېن تاشچى خانىم، «بۈگۈن شەرقىي تۈركىستانلىق ئاياللارنىڭ نالە-پەريادلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەش ئۈچۈن بۇ يەرگە يىغىلدۇق»، دېدى.
مۇزەييېن تاشچى خانىم، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «1949-يىلىدىن باشلاپ داۋاملىشىۋاتقان كوممۇنىست خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىشغالىيىتى، ئۇيغۇر خەلقىگە ئېغىر بېسىم ئېلىپ كەلدى، شەرقىي تۈركىستانلىق ئاياللارنىڭ ئۆزلىرى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتلىرىدا ئەركىن ياشاش ھەق-ھوقۇقلىرى قوللىرىدىن پۈتۈنلەي تارتىۋېلىنغان ۋەزىيەتتە بولۇپ، خىتاي ئۇيغۇر ئائىلە قۇرۇلمىسىنى ۋە ئاياللارنى يوقىتىشنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ئىپپەت-نومۇسىغا ھۆرمەت قىلىنماستىن ئاتالمىش ‹قوشماق تۇغقان› نامىدا يات خىتاي ئەرلەرنى ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاياللارنىڭ ئىززەت-ئابرۇيى ۋە ھەق-ھوقۇقلىرى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنماقتا. يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان نەچچە مىليون ئۇيغۇر خەلقىنى ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشقا زورلىماقتا، لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلار ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيلىك بىلەن قىيىن-قىستاققا ئۇچرىماقتا».
مۇزەييېن تاشچى خانىم سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ نۆۋەتتە «ئۇيغۇر مىللىتى» دېگەن نامنى ئۆچۈرۈشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ تۈپ مەقسىتى، شەرقىي تۈركىستاننى دۇنيا خەرىتىسىدىن ئۆچۈرۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇيغۇر مىللىتىنى يوقىتىشنى، ئۇيغۇر مىللىتى دېگەن ئاتالغۇنى ئەدەبىياتتىن ئۆچۈرۈۋېتىشنى كۆزلەيدۇ».
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن، دۇنيا جامائىتىنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇمغا خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك تەشكىلات ۋە ئورگانلارنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى؛ خەلقئارالىق سىياسىي تەشكىلاتلار، ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە ئاكادېمىك مەركەزلەرنىڭ بۇ ھەقتە ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئىجرا قىلىشقا چاقىرىمىز، شۇنداقلا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىغا خاتىمە بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز».
يىغىندا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋىلدان قادىئوغلۇ، ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان بۈگۈنكى كۈندە، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمىز، ئاياللار ھوقۇقلىرى پەقەت بەزى دۆلەتلەردىكى پايدا-مەنپەئەت بىلەنلا ئۆلچەنمەيدۇ، بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستاندا چەتكە قېقىلىۋاتقان، خورلىنىۋاتقان، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان، مەدەنىيەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللارنىمۇ ئەسلەيمىز. بۈگۈن بىز شۇنى تەكىتلەيمىزكى، ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى پەقەت ئېغىزدا ئەمەس، بەلكى ھەممە ئىنسانلار ئۈچۈن ئەمەلىيلىشىشى كېرەك، سۈكۈت قىلىش زۇلۇمنى چېكىدىن ئاشۇرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز».
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم مەدەنىيەت ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم، ئۆزلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن، بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.