ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتابلاردىكى «سۇيىقەستلەر» ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-04-05
Share
ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتابلاردىكى «سۇيىقەستلەر» ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىشلىگەن «تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىكى خىرىسلار» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ 4-قىسمىدىن كەسىپ ئېلىنغان.
Social Media

ئۇيغۇر دىيارىدا ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئىشلىتىلىپ كەلگەن باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىك كىتابلىرىنىڭ 2016-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە ئۇشتۇمتۇتلا «ئېغىر مەسىلە بار كىتابلار» دەپ يىغىۋېلىنىشى ھەمدە مەزكۇر كىتابنى تۈزۈش گۇرۇپپىسىدىكى بىر قاتار ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى قاتتىق چۆچۈتكەن ھادىسىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ مۇشۇ دەرسلىك كىتابلىرىغا چېتىلىپ مائارىپ نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ساتتار ساۋۇت، مۇئاۋىن نازىرى ئالىمجان مەمتىمىن، «شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابدۇراززاق سايىم ۋە تاھىر ناسىرنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى «قوماندانلار» دېگەن نامنى ئېلىشى، مەزكۇر دەرسلىك كىتابلىرىغا قەلەم تەۋرەتكەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن يالقۇن روزى ۋە ۋاھىتجان ئوسماننىڭ ئېغىر قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى تاشقى دۇنياغا نۇرغۇن سوئاللارنى قالدۇرۇپ كەتكەندىى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىشلىگەن «تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىكى خىرىسلار» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ 4-قىسمىدا مانا مۇشۇ دەرسلىك كىتاب مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى بىر قىسىم «گۇمانلىق نۇقتىلار» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاغزىدىن ئاشكارا بولدى.

فىلىمدىكى ئۇچۇرلاردا ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى رەھبەرلىرى «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىك» كە قۇتراتقۇلۇق قىلىش مەزمۇنىدىكى كۆپلىگەن تېكىستلەرنى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن؛ يالقۇن روزى ۋە ۋاھىتجان ئوسمان بولسا ئەنە شۇ خىلدىكى «مىللىي ئۆچمەنلىكنى تەرغىب قىلغۇچى تېكىستلەر» نى تەييارلىغان. مۇشۇ خىلدىكى «خاتا» مەزمۇنلارنىڭ بىرى ئىككىنچى قېتىملىق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ مەيدىسىدىكى «ئازادلىق» ئوردېنى بولۇپ، فىلىمدا بۇنداق بىر رەسىمنىڭ دەرسلىك كىتابقا كىرگۈزۈلۈشى «پۈتۈنلەي خاتا بولغان» دېيىلىدۇ. .

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىرىدىن دوكتۇر قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردا كەڭ تارقالغان ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ سۈرىتىدىكى ئوردېنىنى بۇ قەدەر پرىنسىپقا كۆتۈرۈپ چىقىشنىڭ ئۆزى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرىشىدىكى كۆپلىگەن ئاشكارا باھانە-سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

مۇستەقىل كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تا يېقىنقى مەزگىللەرگىچە «ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي كۈرىشى» دەپ ئاشكارا تەن ئالغان ئىلى ئىنقىلابى ۋە ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭى ھەققىدىكى بايانلار 2016-يىلىدىن كېيىن يۇقىرى پەللىگە چىقىشقا باشلىغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش كۈرىشىدە «ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇققا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» مەزمۇنىدىكى ھادىسىلەردىن بولۇپ قالغان. ئەمما بۇ ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىكى «زامانغا ماسلاشقان» باھانىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەن.

مەزكۇر تەشۋىقات فىلىمىدىكى چۈشەندۈرگۈچى خادىم ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى «يەتتە قىزلىرىم» تېمىسىدا كەڭ تارقالغان تارىخىي ھادىسىنى «خەنزۇلارغا قارشى تۇرۇشنى تەرغىب قىلغان مەزمۇن» دەپ چۈشەندۈىدۇ. ئەمما دەل شۇ چۈشەندۈرۈش بېرىلىۋاتقاندا كۆرسىتىلگەن دەرسلىك كىتاب بېېتىدە ئەسلى تېكىستتىكى ھۇجۇم ئوبيېكتىنىڭ «مانجۇ قوشۇنى» ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. بۇ خىل ئاشكارا ساختىپەزلىك ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ كەڭ ھەمبەھىرلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى «سۇيىقەست» قىلىۋاتقانلىقى، دەپ مەسخىرە قىلىنغانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئىلشات ھەسەن نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە ئەينى ۋاقىتتا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭمۇ ئەشەددىي دۈشمىنى بولغان گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بولسۇن ياكى خىتايغا 300 يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈمرانلىق قىلغان مانجۇلار بولسۇن بۇلارنىڭ بىردەك «خىتاي دۆلىتى» نىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، بۇلارغا قارشى چىققان ئۇيغۇرنىڭ كۈرىشى «ئەكسىيەتچىلىك» بولىدىغانلىقىنى، ئەينى ۋاقىتلاردا گومىنداڭغا ۋە مانجۇلارغا قارشى كۈرەش قىلغان خىتايلارنىڭ قارشىلىقى بولسا «ۋەتەنپەرۋەرلىك» ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، مۇشۇنىڭ ئۆزى خىتاينىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرنىڭ ھەرقاچان «دۈشمەن» دەپ قارىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

بۇ خىل زىددىيەتلىك ئۇچۇرلار ئاساسىدا تەييارلانغان فىلىم ئۇيغۇر تاماشىبىنلار ئارىسىدىمۇ كۈچلۈك ئەكس تەسىر پەيدا قىلدى. ئەدىب يالقۇن روزىنىڭ ئامېرىكىدىكى پەرزەنتلىرىدىن كامالتۈرۈك يالقۇن بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ قانچىلىك يالغانچىلىق ۋە تۆھمەت بىلەن تولغانلىقى مانا مەن، دەپلا ئاشكارا بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

فىلىمدا گەۋدىلەندۈرۈلگەن يەنە بىر نۇقتا ساتتار ساۋۇت باشچىلىقىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى» دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر كادىرلار قوشۇنى باش بولۇپ تۈزۈپ چىققان بۇ كىتابلارنى يېقىنقى يىللاردا بارلىققا كەلگەن «تېررورلۇق» ۋەقەلىرىنىڭ ئىدېئولوگىيە ئاساسى بولغان، دېگەن پىكىردە ئەكس ئېتىدۇ. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ «غەرەزلىك ھالدا مىللىي ئۆچمەنلىكنى تەرغىب قىلىدىغان مەزمۇنلارنى كىرگۈزۈشى» بىلەن كۆپلىگەن «ياش تېررورچى» لارنىڭ يېتىشىپ چىققانلىقى ھەققىدىكى پىكىرگە مىسال قاتارىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي قەھرىمانلىرى» ۋە «پاجىئەلىك ھېكايىلەر» نىڭ بېرىلىشى مىسال قىلىنىدۇ. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا دوكتۇر قاھار بارات ئۇيغۇرلاردىكى قارشىلىقنىڭ بۇ دەرسلىك كىتاب بىلەن ھېچقانچە ئالاقىسى يوقلۇقىنى، ئەكسىچە بۇنىڭ سەۋەبى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. .

ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، ھۆججەتلىك فىلىمدا ئالاھىدە تەكىتلەنگەن يېڭى دەرسلىك كىتاب ھەققىدىكى مەلۇماتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دەرسلىك كىتاب «سۇيىقەستى» نىڭ ماھىيىتىنى تولۇق ئېچىپ بېرىدىكەن. بولۇپمۇ يېڭى دەرسلىك كىتابتا «بىز جۇڭگولۇق، بايراق چىقىرىش مۇراسىمى، شىنجاڭ جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى› دېگەندەك رەسىملەرنىڭ ئالاھىدە ئورۇن ئالغانلىقى» ھەققىدىكى بايانلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتىنىڭ ئ‍ۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى كىچىكىدىنلا خىتايغا ئايلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ جانلىق ئىسپاتى ئىكەن.

مەزكۇر فىلىمدا كىشى ئىشەنگۈسىز ئېغىر تۈرمە جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان مائارىپ نازارىتىدىكى سابىق ئۇيغۇر رەھبەرلەرنىڭ مەجبۇرىي «توۋا بايانلىرى» غا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن بولسىمۇ ئاشۇ بىر يۈرۈش ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتابلارنى روياپقا چىقىرىشقا بىۋاسىتە قەلەم تەۋرەتكەن يالقۇن روزى ۋە ۋاھىتجان ئوسماننىڭ سۈرىتىدىن باشقا ئۇچۇرلار بېرىلمەيدۇ. يالقۇن روزىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئوغلى كامالتۈرۈك يالقۇن بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئ‍ۆزىنىڭ سېغىنىش ھېسسىياتى بىلەن بىرگە دادىسىغا بولغان يۈرەك سۆزلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىشلىگەن بىر سائەتلىك بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدا «ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتاب» مەسىلىسىدىن باشقا «تېررورچى ۋە ئەسەبىي» كۈچلەرنىڭ تور دۇنياسى، ساقچى سىستېمىسى، ئىككى يۈزلىمىچى كادىرلار دېگەندەك كۆپلىگەن ئامىللاردىن پايدىلانغانلىقى قوشۇمچە ماۋزۇ شەكلىدە بايان قىلىنىدۇ. ئانالىزچىلار بۇنى «بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹دۈشمەن› دەپ قاراۋاتقانلىقى» نىڭ ئىسپاتى. شۇڭا ئۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى» دەپ قارىماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت