«ياپونىيە ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ياپونىيە پارلامېنتىغا تەكلىپ لايىھەسى سۇنماقچىكەن

0:00 / 0:00

2020-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى ياپونىيە پارلامېنتىدىكى ئەڭ چوڭ پارتىيەلەردىن بىرى بولغان ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن «ياپونىيە ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» بىلەن «يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى دوستلۇق گۇرۇپپىسى» قايتا ھەرىكەتكە ئۆتكەن. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇلكېرىم ئابدۇراخماننىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا ياپونىيە پارلامېنتىدا خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قوبۇل قىلدۇرۇش، يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر دەۋاسىنى پۈتۈن ياپونىيەگە يېيىش ھەمدە بۇ ھەقتە تەكلىپ لايىھەسى تەييارلاپ، ياپونىيە پارلامېنتىغا سۇنۇش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلىدۇق. يىغىندا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بېرىپ ئۆتۈلگەن. يىغىن رىياسەتچىسى ئالدى بىلەن ياپونىيە پارلامېنتىدىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇلى كېئىجى فۇرۇيا ئەپەندىنى سۆزگە تەكلىپ قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بۈگۈن ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى ‹ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى› غا ئەزا پارلامېنت ئەزالىرى ۋە مۇخبىرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ياپونىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن چاقىرىلغان يىغىندا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇماتقا ئىگە بولۇش پۇرسىتىگە نائىل بولدۇق. ۋاقتىمىز چەكلىك بولسىمۇ ياخشى پايدىلانساق دەپ ئويلايمەن ۋە دوستلۇق گۇرۇپپىمىزنىڭ باشلىقى كېئىجى فۇرۇيا ئەپەندىنى سۆزگە تەكلىپ قىلىمەن.»

پارلامېنت بىناسى ئىچىدە چاقىرىلغان ياپونىيە پارلامېنتى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ يىغىنى ۋە ئاسىيادا ئەركىنلىك، دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ يىغىنلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بېرىلگەن. يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇلكېرىم ئابدۇراخمان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈن 8 يىل بۇرۇن قۇرۇلغان ياپونىيە پارلامېنتىدىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ قايتا ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى، بۇنىڭدىكى مەقسەتنىڭ بىرىنچىدىن، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياپونىيەدىكى بارلىق پارتىيەلەرنىڭ مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇش، ئىككىنچىدىن، ياپونىيە پارلامېنتىدىكىلەرگە ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسەتنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋېلىنغان زېمىن» دەپ قوبۇل قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان ئەپەندى يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ئۇيغۇر دەۋاسىنى پۈتۈن ياپونىيەگە ئومۇملاشتۇرۇشنى قارار قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

د ئۇ ق نىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ياپونىيە پارلامېنتىدىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ يىغىنىدا مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارارنامە تەييارلاپ، ياپونىيە پارلامېنتىغا سۇنۇدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى 18-نويابىر كۈنى ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيادا ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ يىغىنىدا دوكلات بەرگەن. ئۇ يىغىندا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە يېيىشى ۋە ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ بۇ ھەقتە كونكرېت پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ بۇ ھەقتىمۇ مەلۇمات بەردى.

ئۇنداقتا، ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، ئۇيغۇر دىيارىنى «بېسىۋېلىنغان زېمىن» دەپ قوبۇل قىلىشى مۇمكىنمۇ؟ ئۇيغۇر زىيالىيسى سەدۇللاھ ئونئۇيغۇر ئەپەندى بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلدى.

2012-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ياپونىيە پارلامېنتىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن «ياپونىيە ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» قۇرۇلغان ئىدى. مەزكۇر گۇرۇپپىغا 20 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى رەسمىي ئەزا بولغان بولۇپ، ياپونىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى شىنزو ئابې ئەپەندى باش مەسلىھەتچى، پارلامېنت ئەزاسى كېئىجى فۇرۇيا ئەپەندى بولسا گۇرۇپپا مەسئۇلى، سېئىئىچى ئېتو ئەپەندى باش كاتىپلىققا سايلانغان ئىدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە ياپونىيە پارلامېنتىدا رايون ۋە شەھەرلىك پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان يەنە بىر «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» مۇ قۇرۇلغان. بۇ گۇرۇپپا رايون ۋە شەھەرلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بەزى پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئىدى. مەزكۇر ئىككى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى سابىق باش مىنىستىر شىنزو ئابې ئەپەندى جاكارلىغان ئىدى. بۇ يىغىنغا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ قاتناشقان ئىدى.