ئامېرىكانىڭ ميۇنخېندىكى كونسۇلخانىسى ئۆتكۈزگەن «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» پائالىيىتى بۈگۈن نەتىجىلىك ئاخىرلاشتى

0:00 / 0:00

ئامېرىكانىڭ بېرلىندىكى ئەلچىخانىسى ۋە ميۇنخېندىكى كونسۇلخانىسى د ئۇ ق رەھبەرلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

ئامېرىكانىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى كونسۇلخانىسى 22-ئۆكتەبىر د ئۇ ق بىلەن ھەمكارلىشىپ، 10-ئاينىڭ ئاخىرقى بىر ھەپتىسىدە مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا بېغىشلانغان «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» پائالىيىتى ئۆتكۈزىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر تارقاتقان ئىدى. بۇ پائالىيەتنىڭ تۇنجى قېتىملىقىنى 26-ئۆكتەبىر د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن، ئىككىنچى قېتىملىقىنى 28-ئۆكتەبىر د ئۇ ق نىڭ ياۋروپاغا مەسئۇل ۋەكىلى ئەسقەرجان بىلەن، بۈگۈن، يەنى 30-ئۆكتەبىر ئاخىرقى قېتىملىقىنى د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي ئەركىن بىلەن ئۆتكۈزدى.

تور زىيارىتى ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پروگراممىغا ئامېرىكانىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى باش كونسۇلى مېغان گرېگورس رىياسەتچىلىك قىلدى. بۈگۈن ئامېرىكا باش كونسۇلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي ئەركىن بۇ ھەقتە توختالغاندا، بىر ھەپتە داۋام قىلغان بۇ «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنىڭ ناھايىتى نەتىجىلىك ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئامېرىكانىڭ بېرلىندىكى ئەلچىخانىسى «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» پائالىيىتىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلگەن ئىدى. ئەلچىخانا تور سەھىپىسى بىر ھەپتىدىن بۇيان ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنىڭ بارلىق سىن كۆرۈنۈشىنى تولۇق ئېلان قىلدى. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ميۇنخېندىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا ماسلىشىپ، ھەر كۈنى بىردىن گېرمانىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ياش ئۇيغۇر قىز-ئوغۇللىرىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق ئىپادە قىلغان يۈرەك سۆزلىرىنى ئەلچىخانىنىڭ تور سەھىپىسى ئارقىلىق كەڭ تارقاتتى.

ميۇنخېن شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئىليار سىدىقمۇ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ياشلاردىن بىرى ئىدى. ئۇ بۈگۈن بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ بۇ ئەلچىخانا تورىدا يۈرەك سۆزلىرىنى قانداق بايان قىلغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

گېرمانىيەنىڭ ستۇتگارت شەھىرىدە ياشايدىغان ياش قىزلاردىن ئادىلە ئەنۋەرمۇ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ تور سەھىپىسىدە سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق ئۆز قاراشلىرىنى، تىلەكلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن، دۇنيا جامائىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا دەۋەت قىلغان ئىدى. ئۇ بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادە قىلدى.

ئىگىلىشىمىزچە، ئامېرىكانىڭ بېرلىندىكى ئەلچىخانىسى ۋە ميۇنخېندىكى كونسۇلخانىسى 2019-يىلدىن بۇيان د ئۇ ق بىلەن ھەمكارلىشىپ ھەر تۈرلۈك سىياسىي، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئالدىمىزدىكى ئاي-كۈنلەردە يەنە بىرلىكتە ھەرخىل پروگراممىلارنى ئېلىپ بارىدىكەن.