ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر ھەپتىلىكى ئۆتكۈزۈلمەكتە
2024.12.11
ئامېرىكىدا ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكى تەسىس قىلىنغان ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەتقىقاتلار داۋام قىلىۋاتقان بىر قانچە ئۇنىۋېرسىتېتلار بار. شۇلاردىن بىرى ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى. ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى ئامېرىكىدا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتىدىكى بىر قىسىم داڭلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يىغىلغان ماكانى ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقات فاكۇلتېتى (CEUS) دا قەرەللىك ھالدا ئۈچ دەرىجىدىكى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى داۋام قىلماقتا.
ئامېرىكىنىڭ ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا باشلانغان ئۇيغۇر ھەپتىلىكى پائالىيەتلىرىنىڭ مۇقەددىمىسى 9-دېكابىر(دۈشەنبە) خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى گۈلنار ئېزىزنىڭ «ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش: ھازىرقى جىددىي تەخىرسىزلىك» لېكسىيەسى بىلەن باشلاندى. 12-دېكابىرغىچە بىر ھەپتە داۋام قىلىدىغان ئۇيغۇر ھەپتىلىكىنىڭ تۇنجى كۈنىدە، گۈلنار ئېزىز خانىمنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى توغرىسىدىكى لېكسىيەسىدىن باشقا يەنە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر فوتوگراف ئابلىكىم ئەمەت ئەپەندىنىڭ «كامېرا كۆزىدىكى ئانا ۋەتىنىم» فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك مۇھاكىمىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
پائالىيەت رىياسەتچىسى، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت قارمىقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تىللىرى مەركىزى (CeLCAR) نىڭ مۇدىرى، ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى گۈلنىسا نازاروۋا خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى گاردنېر بوۋىڭدون (Gardner Bovingdon) ئەپەندىم بىلەن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغانلىقى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى. پائالىيەتنىڭ 9-دېكابىر كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەققىدە سۆز بولغاندا «بۇ كۈن ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى خاتىرە كۈنى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەھمىيىتى تېخىمۇ زور بولىدۇ دەپ ئويلىدۇق» دېدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ھەپتىلىكى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى، تىل-مەدەنىيىتى ھەمدە ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ كۈپ كىشىلەرگە چوڭقۇر ۋە كەڭ دائىرىدە تونۇشتۇرۇش ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىگە قارىتا دىققەت قوزغاش مەقسەت قىلىنغان.
ئاساسلىقى ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پىروفېسسورلار، تەتقىقاتچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ھەمدە ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئىشتىراك قىلغان بۇ پائالىيەتتە تۇنجى بولۇپ لېكسىيە بەرگەن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چاغاتاي ۋە ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور گۈلنار ئېزىز خانىم ئۆزىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا چاقىرىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر ھەپتىلىكىنىڭ «ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش: ھازىرقى جىددىي تەخىرسىزلىك» ناملىق لېكسىيە ئارقىلىق باشلانغانلىقىمۇ ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرى، شۇنداقلا ئىلمىي ساھەنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىغا ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. گۈلنار خانىم يەنە ئۇيغۇر ھەپتىلىكىنىڭ تۇنجى كۈنىنىڭ ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا ھەمدە ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشكە قىزىققۇچىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا باشلانغان ئۇيغۇر ھەپتىلىكىدىكى ئەڭ يارقىن پائالىيەتلەرنىڭ بىرى داڭلىق فوتوگراف ئابلىكىم ئەمەتنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تارتىپ توپلىغان، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان گۈزەل ۋە رەڭدار فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىلەر ھېسابلىنىدۇ. -9 دېكابىر ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر ھەپتىلىكىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە ئابلىكىم ئەمەتنىڭ 100 پارچىدىن ئارتۇق فوتو سۈرەت ئەسىرى چوڭ ئېكراندا سىيرىلما كۆرۈنۈش شەكلىدە كۆرسىتىلدى. ئابلىكىم ئەپەندى پائالىيەتتە يەنە ئىشتىراكچىلارغا ئۆزىنىڭ بۇ سۈرەتلەرنى قەيەردە تارتقانلىقى، ئۇ جاينىڭ جۇغراپىيەلىك ۋە ئېتنوگرافىيەلىك ئالاھىدىلىكى، ئۆزگىچە تۇرمۇش ئادەتلىرى، مەدەنىيىتى ھەمدە سۈرەتلەرنىڭ بەدىئىي قىممىتى توغرۇلۇق كەڭ دائىرىدە تونۇشتۇرۇش بەردى.
ئابلىكىم ئەپەندى ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر ھەپتىلىكى پائالىيىتىگە قاتناشقان تاماشىبىنلارنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ گۈزەللىكىگە مەھلىيا بولغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ كۆزىدىكى ھەيرانلىقلارنى كۆرۈپ خۇرسەن بولغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئانا ۋەتىنى-ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي ماكانىغا بولغان چوڭقۇر ۋە ئوتلۇق سۆيگۈسىنىڭ ئىلھامىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن ئەسەرلىرىنىڭ ئەتىۋارلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىبارى دەپ چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گۈلنىسا نازاروۋا خانىم يەنە ئۇيغۇر ھەپتىلىكى پائالىيىتىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا يېقىندىن ياردەمدە بولغان ۋە ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇرشۇناس ۋە مۇتەخەسسىسلەرگە، بولۇپمۇ ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە ماركو-پولو رېستورانىنىڭ قوللىشىغا ئۆزىنىڭ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.
گۈلنىسا خانىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇيغۇر ھەپتىلىكى پائالىيەتلىرى ئۇيغۇرلارنى باش تېما قىلغان ھالدا رەڭدار ۋە مەنىلىك پىروگراممىلار ئارقىلىق داۋام قىلىدىغان بولۇپ، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە يەنە رەسسام جوي بوستۋىكنىڭ «يوقىلىش گىردابىدا: ئۇيغۇر يۇرتىنى كەزگەن سۇ بوياق ساياھىتى» تېمىسىدىكى سۇ بوياق رەسىملىرى كۆرگەزمىسى ئاممىغا ئېچىۋېتىلىدىكەن. ئۇيغۇر مۇزىكانت ۋە ناخشىچى مۇختەر جانباز كۆرگەزمە جەريانىدا تاماشىبىنلارغا نەق مەيداندا كونسېرت بېرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان چوڭ تۇتقۇنى ۋە «قايتا تەربىيەلەش» لاگېرلىرىنىڭ ھېقىقى ماھىيىتىنى ئاشكارىلايدىغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىك فىلىملار كۆرسىتىلىدىكەن. پائالىيەتنىڭ كېيىنكى كۈنلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇرشۇناس مۇتەخەسسىسلەردىن دوكتور مەغپىرەت كامال، پىروفېسسور گاردنېر بوۋىڭدون، دوكتور پەيزۇللا زەيدۇنلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ۋە مەدەنىيىتى، قىممەتلىك تارىخى مىراسلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرقى خەتەرلىك ۋەزىيىتىنى تېما قىلغان لېكسىيەلىرى ۋە باشقا ئىلمىي دوكلاتلار پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن.