«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى توكيودا پائالىيەتچىلەرگە تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى
2025.01.20

18-ۋە 19-يانۋار كۈنلىرى مەركىزى ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ياپونىيە پايتەختى توكيودا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلدى. بۇ قېتىملىق كۇرستا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ خەلقئارا سورۇنلاردا دۇنيا جامائەتچىلىكىگە، ھۆكۈمەتلەرگە، ئاخباراتلارغا ۋە مۇناسىۋەتلىك ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قانداق ئاڭلىتىشنىڭ يوللىرى ھەققىدە مەخسۇس لېكسىيەلەر سۆزلەنگەن.
بۇ قېتىملىق كۇرسقا ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، كۇرستا ئۇلارغا ياپونىيەنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماس ھالدا، بۇنىڭ سىياسىي ئاتموسفېراسى، مەتبۇئاتى قاتارلىق قۇرۇلمىلارنى چۈشەنگەن ھالدا، ئاز ئادەم كۈچى بىلەن يۇقىرى ئۈنۈم يارىتىش ئۈچۈن قانداق تاكتىكىلارنى قوللانسا بولىدۇ؟ دېگەن تېمىلاردا ناھايىتى قىممەتلىك لېكسىيەلەر بېرىلگەن.
«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ كۇرسنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خەلقىمىز بۈگۈنكى كۈندە تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەڭ ئېغىر قىسمەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزمەكتە. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بولسا ۋەتەن ۋە مىللىتىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى بىزگە قاچان نېسىپ بولىدۇ، بىز بىلمەيمىز. لېكىن كۈرەشلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك. مىللىتىمىزنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردە قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك ئاڭلىتىپ، ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز؟ بۇلارنى ئۆگىتىش مەقسىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرغان ئىدۇق. ئۈنۈملۈك بولدى دەپ ئويلايمەن.»
ئىككى كۈن داۋام قىلغان تەربىيەلەش كۇرسىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سابىق دۇنيا ئاياللار ئىشلىرى ئالاھىدە ئەلچىسى كېللىي كۇررىي (Kelley Currie) خانىم، ئامېرىكادىكى جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا تەتقىقات تۈرىنىڭ دىرېكتورى، ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى پىروفېسسور شان روبېرتس (Sean Roberts)، تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان ئۆركەش دۆلەت ئەپەندى، كانادا ئالبېرتا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇكەررەم قۇربان خانىم ۋە بەزى ژۇرنالىستلار ھەر خىل تېمىلاردا لېكسىيە سۆزلىگەن. مۇكەررەم قۇربان خانىم بۇ توغرىلىق مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ كۇرسقا قاتناشقان خانىم-قىزلار، ئەرلەر ۋە ياشلار ھەممىسى ئىككى كۈنلۈك كۇرستىن كېيىن ياخشى نەپ ئالغانلىقىنى ۋە كۆپ يېڭى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغانلىقىنى، ئۆزى ئۆگەنگەن بۇ ئۇچۇرلارنى دەۋا يولىدا قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى. »
مەزكۇر كۇرستا سابىق ئامېرىكا دۇنيا ئاياللار ئىشلىرى ئالاھىدە ئەلچىسى كېللىي كۇررىي (Kelley Currie) خانىم «ھۆكۈمەت ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن ئۈنۈملۈك ئارىلىشىش» تېمىسىدا لېكسىيە بەرگەن. ئۇ، بەرگەن لېكسىيەسىدە ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا خوجا بولىمەن دەۋاتقان خىتاي دۆلىتى بىلەن روبىرو كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ دەۋانى تېخىمۇ كۈچەيتكەن ھالدا داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. مۇكەررەم قۇربان خانىم بۇ ھەقتە توختالدى.
ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى كۈنلۈك كۇرسقا يانداش ھالدا، ئامېرىكانىڭ توكيودىكى ئەلچىخانىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بېغىشلانغان ھۆججەتلىك فىلىمنى قويۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ پائالىيەتكە ئامېرىكا ئەلچىخانىسىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئادەملىرىگە تەكلىپنامە يوللىغان. بىزمۇ قوللىغۇچى سىياسىيونلارغا، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىغا، مەتبۇئاتلارغا تەكلىپ ئەۋەتىپ بۇ پائالىيەتكە قاتناشتۇردۇق. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ياپونىيەدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن بىرى بولغان ‹يومىئۇرى گېزىتى› بۇ پائالىيەتنىڭ تەپسىلاتىنى، جەۋھەر خانىمنى زىيارەت قىلغان بىر خەۋەرنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭغا خىتاينىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دەرھال x تە خەۋەر تارقىتىپ، مەزكۇر گېزىتنىڭ بۇ خەۋەرنى ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتايدىن ئەپۇ سورىشىنى، دەرھال خەۋەرنى تۈزىتىشى كېرەكلىكىنى دەپ، ئېغىر تەنقىد قىلدى. دېمەك بۇ خىتايغا تەسىر قىلدى.»
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشقان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەپتىشى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن تەپتىشى غالىپ مىجىت ئەپەندى 18-ۋە 19-يانۋار كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن تەربىيەلەش كۇرسىدا كۆپ يېڭى مەلۇماتلارنى ئۆگەنگەنلىكىنى بۇ خىل كۇرسلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا داۋاملىق ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەكلىكى تەكىتلىدى.
مەركىزى ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى 2023-يىلى 11-12-فېۋرال كۈنلىرى ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدىكى شىنجۇكۇ مېھمانخانىسىدا ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئۆتكۈزگەنىدى.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ھازىرغىچە ئاۋسترىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا، گېرمانىيە، ياپونىيە، گوللاندىيە، فىرانسىيە، شىۋېتسىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق 15 دۆلەتتە ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئۆتكۈزگەن.