ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى ئۇيغۇر كرىزىسى ۋە لاگېرلار ھەققىدە خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019-12-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى بىلەن بىريۇسسېلدىكى ھۆررىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھەمكارلىقىدا «ئۇيغۇر كرىزىسى، لاگېرلار ۋە ئۇنىڭ ھۆججەت مەنبەلىرى ھەققىدە ئىزدىنىش» مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.

مەزكۇر يىغىن فرانسىيىدە قۇرۇلغان ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان تەتقىقاتچى دىلنۇر رەيھان بىلەن بېريۇسسېل ھۆررىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋانىسا فرانگۋىللى خانىمنىڭ بىرلىكتە پىلانلىشى، ئۇيغۇرلار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر، كۆزگە كۆرۈنگەن ژۇرنالىستلار، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، ئۇنىۋېرسىتېت پروفېسسورلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئىنتايىن نەتىجىلىك ئاخىرلاشقان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دىلنۇر رەيھان خانىم مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ۋە نەتىجىلىك بولغانلىقىنى بىلدۈردى. دىلنۇر خانىم بۇ مۇھاكىمىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى كۆزلىگەن نىشانغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن يىغىلغان ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلار، ژۇرنالىستلار ۋە پائالىيەتچىلەر ئۆزلىرىنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى پاكىتلىق تەتقىقاتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ يىغىندا مۇھاكىمە ۋە ئانالىزلار ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە دائىر كۆز بويامچىلىقلىرىنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ كۆرسىتىش ۋە ئۇنىڭدىن ئاگاھ بولۇش ھەققىدىكى نىشانىمىزغا يەتتۇق، دەپ ئويلايمەن.»

يىغىنغا خەلقئارادا كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇرشۇناسلاردىن رايىن تام، جوھاننا سمىس، تىم گروس، جىن بۇنىن قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ يېقىنقى ئىزدىنىشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەنگىلىيەدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى «جاۋابسىز قالغان تېلېفون» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى تونۇشتۇرغان. ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىدىن خالمۇرات ئۇيغۇر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە تونۇشتۇرۇش بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولغان ژۇرنالىست ئولسى يازىجى، تەتقىقاتچى خاننا بوردوف قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زىيارىتى جەريانىدا شاھىت بولغانلىرىنى ئاڭلاتقان.

خاننا بوردوف خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەزكۇر يىغىندىن ئالغان تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى. خاننا ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىم دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋە مەتبۇئاتلاردا ئىسمىنى ئاڭلىغان كۆپلىگەن ئۇيغۇرشۇناسلار بىلەن ئۇچراشقانلىقىدىن بەكمۇ سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلارغا نىسبەتەن ئەڭ زور ئەھمىيىتى ھەمكارلىق ۋە ئورتاقلىشىشتا دەپ ئويلايمەن. بىز بىر يەرگە كېلىپ، ئورتاق تەتقىقات تېمىلىرىمىزنى ۋە بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىرىمىزنى ئورتاقلاشتۇق. ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۇچۇر ۋە پاكىتلار چەكلىك بولغان بۈگۈنكىدەك بىر شارائىتتا مۇھاكىمىگە قويۇلغان ماقالە ۋە ئانالىزلارنىڭ كەلگۈسىدىكى خىزمەتلىرىمىزگە زور ياردىمى بولىدۇ. مەن تەمىنلىگەن ئۇچۇرلىرىمنىڭ باشقىلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىغا پايدىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

3 كۈنلۈك مۇھاكىمە يىغىنىنى نەتىجىلىك تاماملىغان يىغىن قاتناشچىلىرى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان «ياۋروپا ئۇيغۇر ئانسامبىلى» دىكى ئۇيغۇر ئارتىستلار ئورۇندىغان ناخشا-ئۇسسۇللىرىدىن بىرلىكتە بەھر ئالغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت