ئامېرىكا تاشىقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتوني بلىنكېن: «ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ»

ئامېرىكانىڭ بۇ نۆۋەتلىك تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتوني بلىنكېن ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ تۇنجى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن ئىرقىي قىرغىنچلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

ئۇ 27-يانۋار كۈنى مۇخبىرلارنىڭ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن چىقارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق قارارى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ‹ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ› دېگەن ھۆكۈمۈم يەنىلا ئەسلىدىكىدەك. ئۇنىڭدا ئۆزگىرىش بولغىنى يوق.»

ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 19-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

ئانتونى بىلىنكېنمۇ ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ئالدىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە «خىتاي ھازىر شىنجاڭدا قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ،» دېگەن ئىدى.

ئۇنىڭ ۋەزىپىگە رەسمىي ئولتۇرۇپ تۇنجى كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە بۇ نۇقتىنى تەكىتلىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.