ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بۇرسادا تەسىرلىك ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2024.11.11
turkiye-bursa-paaliyet-01 لەمان ئازىزوۋا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە سەھنىگە رول ئېلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 7-نويابىر، بۇرسا، تۈركىيە
RFA/Erkin Tarim

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇتۇش پائالىيىتى تۈركىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىكىگە ئوخشاش بۇرسا شەھىرىدىمۇ ناھايىتى تەسىرلىك ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىن زالى كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 7-نويابىر، بۇرسا، تۈركىيە
يىغىن زالى كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 7-نويابىر، بۇرسا، تۈركىيە
RFA/Erkin Tarim

7-نويابىر كۈنى تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان بۇرسا شەھىرىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغان پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىم تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلانغان.

بۇ دوكلات بېرىش يىغىنى بۇرسادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان يۆرۈك تۈركمەن تەشكىلاتلىرى بىرلىكى، بۇرسا تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە بۇرسا ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. بۇرسا تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا بۇرسادا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن سىرت، پارلامېنت ئەزالىرى، بۇرسا تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، ھەر قايسى پارتىيەلەرنىڭ بۇرسادىكى ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 400 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلغان.

يۆرۈك تۈركمەن تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى جەمال ئاققۇش. 2024-يىلى 7-نويابىر، بۇرسا، تۈركىيە
يۆرۈك تۈركمەن تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى جەمال ئاققۇش. 2024-يىلى 7-نويابىر، بۇرسا، تۈركىيە
RFA/Erkin Tarim

يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى بۇرسا يۆرۈك تۈركمەن تەشكىلاتلىرى بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى جەمال ئاققۇش ئەپەندى سۆزلىگەن. ئۇ، ئېچىلىش نۇتقىدا 2017-يىلىدىن تارتىپ قېرىنداش ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە شۇنداقلا تۈرك دۇنياسىغا ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا پايدىلىق بولۇشىنى تىلەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت «شەرقىي تۈركىستاندا ئىشغال، ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «يۈسۈپ يۈزلۈكلەر جەمئىيىتى» رەئىسى، ئادۋوكات ۋەيسەل ئاشقىن ئەپەندى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» تېمىسىدا دوكلات بەرگەن.

يىغىندا ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە دوكلات بەرگەن ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مەن دوكلاتىمدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، جۇغراپىيەسى، مەدەنىيىتى، خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشى، ئىشغالدىن كېيىن خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى، جازا لاگېرلىرى ۋە لوندون ئۇيغۇر سوتىنىڭ قارارى قاتارلىقلارنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۈم.»

2017-يىلىدىن بۇيان تۈركىيەنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئېغىر ۋەزىيىتى، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى شۇنداقلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. بۇ قېتىم بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان شەكىلدە دوكلات بېرىلگەندىن سىرت، ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر ئانىلار، خانىم-قىزلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر دۇچار بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن قىسقا تىياتىر سەھنىگە قويۇلدى. باش رولنى ئەزەربەيجانلىق ئوقۇغۇچى لەمان ئازىزوۋا ئوينىغان بولۇپ، ئۇ، تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ توغرىلىق مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «7-نويابىر كۈنى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمىنى ئوتتۇرىغا قويۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدۇق. شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاۋازى بولدۇق. يىغىندا مەن شەرقىي تۈركىستانلىق بىر ئايالنىڭ رولىنى ئويناش ئارقىلىق كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىشكە تىرىشتىم. مەن زۇلۇمغا ئۇچرىغان بىر ئۇيغۇر ئانىنىڭ، بىر قىزنىڭ رولىنى ئويناش ئارقىلىق زۇلۇمنى يىغىن ئەھلىگە ئاڭلاتتۇق، ناھايىتى تەسىرلىك بولدى. »

ئوقۇغۇچىلار زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ رولىنى ئېلىۋاتىدۇ. 2024-يىلى 7-نويابىر، بۇرسا، تۈركىيە
ئوقۇغۇچىلار زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ رولىنى ئېلىۋاتىدۇ. 2024-يىلى 7-نويابىر، بۇرسا، تۈركىيە
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەنىڭ غەربىي رايونىغا جايلاشقان بۇرسا تۈركىيەنىڭ سانائەت شەھىرى بولۇپ، بۇرۇن ئۇيغۇرلار كۆپ تونۇلمايتتى. كېيىنكى يىللاردا بۇرسادا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، كۆپلەپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىدى. بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلاردىن بىرى بولغان بۇرسا ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ئابدۇرەھىم خېلىل ئەپەندى پائالىيەتنىڭ ناھايىتى تەسىرلىك بولغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۇ پائالىيەتتە پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ۋە ئادۋوكات ۋەيسەل ئاشقىن ئەپەندى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلاتقاندىن سىرت، ئەزەربەيجانلىق ئوقۇغۇچى لەمان ئازىزوۋا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئانىلارنىڭ قىزلارنىڭ ۋە بالىلارنىڭ تىراگېدىيەلىك پاجىئەلىرىنى ناھايىتى تەسىرلىك قىلىپ سەھنىدە جانلاندۇرۇپ ئۆتتى. بۇنى كۆرگەندە زالدىكى بارلىق قاتناشقۇچىلارنىڭ يىغلاپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم. بۇ پائالىيىتىمىز ناھايىتى تەسىرلىك ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. بۇرۇن بۇرسادا ئۇيغۇرلار ئانچە بىلىنمەيتتى. 2017-يىلى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى باشلانغاندىن كېيىن بۇ يەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشچانلىقى، تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن كۆپ قېتىم دوكلات بېرىش يىغىنى، كۆرگەزمە ۋە نامايىشقا ئوخشاش بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدۇق. ھازىر بۇرسا خەلقى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بىلىپ كەتتى، دېسەك خاتا بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن. مەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان تەشكىلاتلارغا رەھمەت ئېيتىمەن.»

 بۇرسادا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇتۇش توغرىسىدىكى پائالىيەت 7-نويابىر كۈنى بۇرسادىكى كۆپ ساندا گېزىت ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا خەۋەر قىلىنغاندىن سىرت ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ كۆپ تارقىتىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.