ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مالايسىيادا چاقىرىلغان خەلقئارا يىغىننىڭ ئاساسلىق تېمىسىغا ئايلانغان
2024.12.05
ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى 30-نويابىر ۋە 1-دېكابىر كۈنلىرى مالايسىيانىڭ كۇئالالۇمپۇر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئىنسان بىخەتەرلىكىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش» تېمىسىدىكى يىغىندا ئاساسلىق تېمىغا ئايلانغان. يىغىندا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى بىلەن مەركىزى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى ئايرىم-ئايرىم دوكلات بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى بىلەن خىتاينىڭ چېگرا ئاتلىغان تەھدىتىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
يىغىنغا مالايسىيا ھۆكۈمەت خادىملىرى، ئىران، پاكىستان، رۇسىيە، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە موروككو قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى، دىنىي رەھبەرلەر، مۇتەخەسسىسلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئىشتىراك قىلغان. يىغىندا كەشمىر، روھىنگا ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئىككى كىشى سۆز قىلغان. ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ توغرىلىق مەلۇماتلارنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىندا ئۆمەر قانات ئەپەندى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا دوكلات بەردى. مەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلمىنى توختىتىشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى ۋە بۇنىڭدا خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇلىيەتلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالدىم. ئاساسەن يىغىننىڭ مۇھىم بىر قىسمىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى.»
يىغىندا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى مۇسۇلمانلار دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مۇزاكىرە قىلىنغاندىن سىرت، مۇسۇلمان بولمىغان خەلقلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مەزكۇر يىغىننى مالايسىيادىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان ئىسلام تەشكىلاتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشى ئۇيۇشتۇرغان. ئۆمەر قانات ئەپەندى سۆزىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، كانادا، گوللاندىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق 10 دۆلەتنىڭ پارلامېنتى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بىرمۇ ئىسلام دۆلىتىنىڭ بۇنى تېخىچە قوبۇل قىلمىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئۇلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى قوللاۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەشكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسلام دۆلەتلىرىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرغان.
ئۇ، بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بەردى.
1-دېكابىر كۈنى مالايسىيانىڭ كۇئالالۇمپۇر شەھىرىدە تۇرۇپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۆمەر قانات ئەپەندى مالايسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىندا ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بىلەن بىرلىكتە ئايرىم-ئايرىم دوكلات بەرگەندىن سىرت يىغىن ئەھلى بىلەن سۆھبەت يىغىنلىرى چاقىرىپ، يىغىن ئەھلىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئىگىلىشىمىزچە، مالايسىيا دۆلىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن يېقىن ئىكەن. مالايسىيادا خىتاي دۆلىتى ۋە خىتايلارنىڭ تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، مۇشۇنداق خىتاينىڭ قولى ئۇزۇن بىر دۆلەتتە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور ئىكەن.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ۋە مەركىزى ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى 2019-يىلىدىن باشلاپ كۆپ قېتىم مالايسىيا بىلەن ھىندونېزىيەنى زىيارەت قىلىپ، بىر قاتار پائالىيەت ۋە ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغانىدى. ئۇلارنىڭ مەزكۇر مۇسۇلمان ئەللىرىنى زىيارەت قىلىشى بۇ دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلارنى قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغانىكەن.