تۇنجى «ئۇيغۇر ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى» يورۇق كۆردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021.05.20
تۇنجى «ئۇيغۇر ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى» يورۇق كۆردى
RFA/Erkin Tarim

ئۇيغۇر دىيارىدا 2017-يىلىدىن بۇيان ئەدەبىي، تارىخىي ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرى بويىچە ئۇيغۇر تىلىدا تۈزۈكرەك كىتاب نەشر قىلىنمايۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر زىيالىيسى، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ خوجايىنى ئابدۇجېلىل تۇران يازغان «ئۇيغۇر ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى» يورۇق كۆردى. مەزكۇر كىتاب بۇ ئاي نەشردىن چىققان بولۇپ، ئۇيغۇرلار يازغان تۇنجى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى ئىكەن. مەزكۇر كىتاب 235 بەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كىتابقا 333 تۈرلۈك ماددا يەنى 333 ماۋزۇ كىرگۈزۈلگەن.

مەزكۇر كىتاب ھەققىدە سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى ئۇيغۇر تىلىدا بىر قامۇس يېزىپ چىقىش پىكىرىنىڭ 1986-يىلى مىسىردا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا پەيدا بولغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلاردا ئېنسىكلوپېدىيە بولۇشى ئۇزۇن يىللىق ئارزۇيۇم ئىدى. چۈنكى مەن 1986-يىلى مىسىردا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا تۇنجى قېتىم ئېنسىكلوپېدىيە بىلەن ئۇچراشقان ئىدىم. مەن تۇنجى قېتىم كۆرگەن قامۇس ئىنگلىزچىدىن ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنغان، ئەمما تەرجىمىسى تېخى تولۇق تاماملانمىغان ئون نەچچە توملۇق›دائىرەتۇلمەئارىفۇلىسلامىيە‹يەنى›ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى‹ئىدى. تۈركىيەگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تۈرلۈك ئېنسىكلوپېدىيەلەرنى توپلىدىم ۋە ئوقۇپ باقتىم. خۇداغا شۈكۈر، بەش يىللىق تەييارلىق، ئىزدىنىش، ماتېرىيال توپلاش، ئىزچىل تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە قولاڭلاردىكى›ئۇيغۇر ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى‹نى پايدىلىنىشىڭلارغا سۇندۇم.»

كىتابنىڭ ئاپتورى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى مەزكۇر قامۇسنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «كىتابقا كىرگۈزۈلگەن بىر قىسىم ماددىلار ئىسلامىيەتكە ياكى ئۇيغۇرلارغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولمىسىمۇ، ئىسلام جەمئىيىتىگە، ئىسلام مۇھىتىغا، ئىسلام ئېتىقادىغا، ئۇيغۇرلارنىڭ پەلسەپە ئىدىيەسىگە، تۇرمۇشىغا، ئۆرپ-ئادىتىگە، مەدەنىيىتىگە ۋە تارىخىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئامىللار ۋەقەلەر ۋە ھادىسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى قامۇسنىڭ ۋەزىپىسى بولغاچقا ئېنسىكلوپېدىيەگە كىرگۈزۈلدى. بۇ كىتاب سىزگە تارىخىمىزدا ئۆتكەن ئالىم-ئۆلىمالىرىمىز ھەققىدە، شەرقىي تۈركىستان تارىخى ۋە جوغراپىيەسى، تۈرك-ئىسلام دۇنياسىنىڭ تارىخى ۋە جۇغراپىيەسى ھەققىدە، بولۇپمۇ دىنىي ئاتالغۇلار ھەققىدە قىسقىچە توغرا، مېغىزلىق مەلۇمات بېرىدۇ.»

ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى «ئۇيغۇر ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى» ناملىق كىتابنى ئۇيغۇر ئىدېئولوگىيەسىگە ماسلاشتۇرۇپ يېزىشقا تىرىشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئىسلام تارىخىدا، ئۇيغۇر سىياسىي تارىخىدا ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا بۇ شەكىلدە، بۇ ئۇسلۇبىدا بۇنداق بىر كىتاب بۇندىن بۇرۇن يېزىلىپ باققان ئەمەس. گەرچە بۇنداق كىتابلار ئىسلام دۇنياسىدا، غەرب ئەللىرىدە يۈز يىللاردىن بۇيان كۆپ يېزىلغان ۋە كەڭ تارقالغان بولسىمۇ بىزدە بۇنداق بىر كىتاب ئىلگىرى يېزىلمىغان بولغاچقا، بۇ كىتابنى ئۇيغۇر ئىدېئولوگىيەسىگە ماسلاشتۇرۇپ يېزىش ئۈچۈن ئونلارچە كىتابقا مۇراجىئەت قىلىشقا، كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ماددىلارنى قايتا-قايتا پىششىقلاشقا توغرا كەلدى».

كىتابقا 333 ماددا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ماددىلار ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىلغان. شۇڭا بۇ كىتابنى باشتىن ئاخىرىغا ئوقۇسىڭىزمۇ، ئاخىرىدىن باشقا ئوقۇسىڭىزمۇ ياكى بىلمەكچى بولغان بىرەر ماددىنى ئوقۇسىڭىزمۇ بولۇۋېرىدۇ.

ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئۇيغۇر تارىخىدا تۇنجى قېتىم ۋۇجۇدقا چىققان «ئۇيغۇر ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى» ناملىق كىتابقا يۇقىرى باھا بەردى.

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى باش كاتىپى ئادىلجان ئەرۇيغۇر ئەپەندى ئۇيغۇرلار ھەر ساھەدە ئېغىر چەكلىمىلەرگە ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇنداق بىر ئەسەرنىڭ ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىشى ۋە تۇنجى قامۇس بولغانلىقى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

«ئۇيغۇر ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى» ناملىق كىتابقا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور ئەسئەت سۇلايمان ئەپەندى «ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى تۈزگەن ‹ئۇيغۇر قامۇسى‹ھەققىدە ئىككى ئېغىز سۆز» تېمىسىدا بېغىشلىما يېزىپ قامۇسقا يۇقىرى باھا بەرگەن. مەزكۇر كىتابنى ئېلىشنى خالىغانلار ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنى رايونىدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى بىلەن ئالاقە قۇرسا بولىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.