«ئىجادىي زۇلۇملار» : ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلاردا داۋام قىلىۋاتقان سىياسىي تەجرىبىلەر (2)

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.02.29
خىتاي كومپارتىيىسى ئۆزىنىڭ 100 يىللىقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش بىلەن تەبرىكلىمەكتە
Yettesu

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ ئەڭ چوڭ مەزمۇنلىرىدىن بىرى لاگېر سىستېمىسىغا قامالغان ئۇيغۇرلار بولۇپ، دوكتور ئادرىيان زېنز بۇ ساننى ئاز دېگەندىمۇ بىر مىليوندىن ئىككى مىليونغىچە، دەپ تەخمىن قىلىدۇ. ئەمما خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى جاۋ كېجىنىڭ ئىچكى قىسىمدا سۆزلىگەن سۆزىدە «شىنجاڭدا شىنجاڭنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئارزۇ قىلىدىغان كىشىلەر ئىككى مىليوندىن ئاشىدۇ؛ جەنۇبىي شىنجاڭدا دىنىي ئاشقۇنلۇق بىلەن زەھەرلەنگەن كىشىلەرنىڭ سانى ئىككى مىليوندىن ئېشىپ كېتىدۇ. بۇ خىلدىكى كىشىلەرنى تولۇق تەربىيەلەش لازىم» دېگەن سۆزلىرىگە ئاساسەن «تەربىيەلەش مەركىزى» گە قامالغان كىشىلەرنىڭ سانى ھەققىدە ئوخشىمىغان يەكۈنلەر ئوتتۇرىغا چىققان. ئەمما دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدا سانلاردىنمۇ بەكرەك مۇھىم بولۇۋاتقىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەرياندا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى قانداق ۋەيران قىلىۋەتكەنلىكى ھەمدە بۇنىڭ يېقىن كەلگۈسىدىكى بىۋاسىتە تەسىرىنىڭ قانداق بولۇشى ھېسابلىنىدۇ.

«بۇ تەدبىرلەر قىسقا مەزگىلنى كۆزلىگەن ئەمەس! »

ئادرىيان زېنزنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر سىستېمىسىنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسى 2014-يىلىدىكى «مەركەز ئىككىنچى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى» يىغىنىدا رەسمىي قارار قىلىنغان. شۇ قېتىملىق يىغىندا شى جىنپىڭ «شىنجاڭدىكى مەسىلىلەرنىڭ يىلتىزى دىنىي ئاشقۇنلۇقتا. دىنىي ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش شىنجاڭدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى» دەپ كۆرسەتكەن. شۇنىڭدەك «دىنىي ئاشقۇنلۇق ناھايىتى كۈچلۈك بىھوشلۇق دورىسى. بۇنىڭ تەسىرىدە بەزىلەر شېھىت بولۇشقا مەستانە بولماقتا. دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ئىدېئولوگىيەسىنى تازىلىمىغاندا زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ۋەقەلىرى خۇددى راك ھۈجەيرىلىرىگە ئوخشاپ يامراپ كېتىدۇ» دېگەن. شۇنىڭدەك بۇنى داۋالاش ئۈچۈن «يۈرەك كېسىلىگە دورا بەرگەندەك دورا ئىشلىتىشنىڭ مۇھىملىقى» نى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. بۇنىڭ بىلەن ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي سابىق سېكرېتار جاڭ چۈنشيەننىڭ «شىنجاڭدىكى خىزمەتلەرنىڭ يادروسى دىنىي خىزمەت» دېگەن خۇلاسىسى ئوتتۇرىغا چىققان. دائىرىلەر بولسا لاگېرلارغا قاماپ «قايتا تەربىيەلەش» نى «دوختۇرخانىدا كېسەل داۋالاش» قا ئوخشىتىش مەزمۇنىدىكى ئىبارىلەرنى كەڭ قوللانغان. ئەنە شۇنداق قىلىپ شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە «يېشىل چىراغ» يېقىپ بېرىشى بىلەن 2014-يىلى لاگېر سىستېمىسىنىڭ قېلىن پەردىسى داغدام ئېچىلغان.

شۇ قاتاردا تۇنجى بولۇپ قۇرۇلغان لاگېرلاردىن لوپنۇر ناھىيەسىدىكى «تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ 2015-يىلى ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە بېرىلگەن سۈرەتلىرى بۇ ئەسلىھەلەرنىڭ تۈرمىلەردىنمۇ قاتتىق باشقۇرۇلىدىغان جايلار ئىكەنلىكىنى دەسلەپ بولۇپ ئىشارە قىلغان. شۇ ۋاقىتلاردىكى خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇلارنىڭ «ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەجرىبە»، «رەسمىي تەجرىبە باسقۇچى» ۋە «ئاخىرقى باسقۇچلۇق تەجرىبە» دەپ ئايرىلغان باسقۇچلار بويىچە ماڭغانلىقىنى، بۇلارنىڭ قايسى باسقۇچ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلاردىكى «دىنىي ئاشقۇنلۇق» تىن ئىبارەت يادرولۇق ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى ئۆزگەرتمىگەن ئاساستا ھەرقانداق قوشۇمچە شەكىل ۋە ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ «دىنىي ئاشقۇنلۇق» بىلەن باغلىنىشلىق بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان ھەممىلا نەرسىسى دەل مۇشۇ «ئۆزگەرتىش ۋە تەربىيەلەش» نىڭ ئوبيېكتى بولۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇرلاردىكى «دىنىي ئاشقۇنلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك» دەپ قارالغان ھەممىلا نەرسىنىڭ ئەمەلىيەتتە دەل ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىشىنى چەكلەپ تۇرغان «توسۇق» لار ئىكەنلىكىمۇ بىلىنىشكە باشلىغان.

2014-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان 41-نومۇرلۇق ھۆججەت «نۇقتىلىق شەخسلەرنى تەربىيەلەش ۋە باشقۇرۇش» ھەققىدىكى سىناق ھۆججىتى بولۇپ، بۇ ھۆججەتنىڭ «مەركىزىي كومىتېتنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ھەققىدىكى يوليورۇقلىرى» بويىچە تۈزۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭدا «ئۆزگىرىشنى رەت قىلغۇچىلار» نى تېگىشلىك دەرىجىدە «ئەدەپلەپ قويۇشقا بولىدىغانلىقى» تىلغا ئېلىنغان. «ئەدەپلەپ قويۇش» نىڭ مەنىسى «ئاممىۋى يىغىنلاردا سازايى قىلىش»، «ئۇرۇپ-تېپىش»، «يۈزىگە تۈكۈرۈش»، «تەستەكلەش» قاتارلىق شەكىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، بۇ خىلدىكى «ئەدەپلەپ قويۇش تەجرىبىلىرى» نىڭ 2017-يىللىرىدىن كېيىن كەڭ مەلۇم بولۇشقا باشلىغان لاگېرلاردىكى تۈرلۈك جىسمانىي قەبىھلىكلەرگە يول ئاچقانلىقىمۇ كېيىنچە كۆپلەپ بىلىنگەن. تېخىمۇ مۇھىمى، 41-نومۇرلۇق ھۆججەت بۇ خىلدىكى «قايتا تەربىيەلەش» نىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق بەرپا قىلىش ئۈچۈنلا ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە بۇنىڭ ئۇزۇن مەزگىلنى كۆزلىگەن «دۆلەت بىخەتەرلىكى» ئۈچۈن ئېلىنغان مۇھىم تەدبىر ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ھەر بىرى ئۆز ئالدىغا بۇ ھەقتىكى تەجرىبىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە ئالماشتۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بۇ خىلدىكى «تەجرىبە» باسقۇچى 2016-يىلىدىن كېيىنكى زور بۇرۇلۇشقا بىۋاسىتە ئۇل سالغان. بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىز جەريانىدا دوكتور ئادرىيان زېنز بۇنىڭدىكى بەزى ئامىللار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

«قايتا تەربىيەلەش ئورۇنلىرى ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش نامىدا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، دىنىي ئاشقۇنلۇقنى كىشىلەرنىڭ مېڭىسىدىن چىقىرىپ تاشلاشنى كۆزلىگەن. بۇ مەنىدىن ئالغاندا ئۇ كىشىلەرنىڭ مېڭىسىنى ۋە يۈرىكىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەمما ‹دىنىي ئاشقۇنلۇق› دېگەندە بىز بۇ تەبىرنىڭ دىنغا ئالاقىدار ھەممىلا نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ ھاياتىدىكى ھەرقانداق دىنىي تەسىرنىڭ مۇشۇ تەبىرگە تەدبىقلانغانلىقىنى كۆردۇق. شۇڭا بۇ تەبىر قاباھەتلىك شەكىل ئالغان مېڭە يۇيۇش مېتودىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. مېنىڭچە بۇ خىلدىكى ‹ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش› ھەرىكىتى ئۇيغۇرلارنى خىتاي كومپارتىيەسىگە سادىق ئىنسانلارغا ئايلاندۇرۇش، شۇ ئارقىلىق كومپارتىيەنى خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك نوپۇزغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن.»

دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنىڭدىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىك» نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان «شىنجاڭ خىزمىتى» دىكى مەركىزىي نۇقتا بولۇپ قېلىشى تەبىئىي يوسۇندا ئىشقا ئاشقان. شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۇزۇن مەزگىلگىچە ئۆزگەرمەستىن داۋام قىلىدىغانلىقىمۇ سىياسەت ئاساسىغا ئىگە قىلىنغان.

 «تەربىيەلەش» تەجرىبىسى زور كۆلەملىك تۇتقۇنغا يول ئاچتى

سېبېستيان خېلمان (Sebastian Heilmann) ، جېسسىكا تىتس (Jessica C. Teets)، رېزا خىزمەت (Reza Hasmath) قاتارلىقلارنىڭ ئورتاق پىكرىچە، بىرنەچچە يىللىق تەربىيەلەش تەجرىبىسى دەسلەپكى قەدەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەن. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن 2016-يىلى يانۋاردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى «ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش» خىزمىتىدىكى ئۇتۇقلار ۋە كەمچىلىكلەرنى خۇلاسىلەش يىغىنى چاقىرغان. يىغىندا «تەربىيەلەش ۋە ئۆزگەرتىش» نىڭ ئىزچىل بولالماسلىقى ۋە ئۆلچەملەشمەسلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. شۇ قاتاردا ئىلى ۋىلايىتىنىڭ «تامچىتىپ سۇغىرىش» شەكلىدىكى «مەركەزلەشتۈرۈپ توپلاپ تەربىيەلەش ئارقىلىق ئۆزگەرتىش» ئۇسۇلىنىڭ «تەجرىبىدىن ئۆتكەن ئۈنۈملۈك تەدبىر ئىكەنلىكى، بۇنى پۈتكۈل شىنجاڭغا كېڭەيتىش لازىملىقى» ھەققىدە قارار ئېلىنغان.

2016-يىلى ئىيۇندا خىتايدىكى مىللەتشۇناسلىق ۋە دىنشۇناسلىق پەنلىرىنىڭ كاتتىلىرىدىن بولغان خې شىڭلياڭ «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» دە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ «ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا شىنجاڭدىكى زوراۋانلىق ۋە ئەسەبىيلىك قىلمىشلىرى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. بۇ نۆۋەتتىكى خىزمەت تەجرىبىلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دەپ خۇلاسە چىقارغان. شۇنىڭدەك ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا قوللىنىلغان «دىنىي كاتتىباشلارنىلا نىشان قىلىش» تەك ئۇسۇلنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭدا «ئاشقۇن ئىدىيەلەرنىڭ تارقىلىشىغا بىر يولنىڭ ئېچىلىپ قالىدىغانلىقى» نى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. 2017-يىلىغا كەلگەندە «شىنجاڭ پارتىيە مەكتىپى» نىڭ پىروفېسسورى چيۇ يۇەنيۇەن بۇ ھەقتىكى تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ «شىنجاڭدىكى قايتا تەربىيەلەش خىزمىتىدە پىشىپ يېتىلگەن تەجرىبە ئۆرنىكى يوق. شۇڭا ھەرقايسى ئورۇنلار بۇ جەھەتتە ئىجادچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈشى لازىم» دەپ خۇلاسە چىقارغان.

2017-يىلى نويابىرغا مەنسۇپ «كەسپىي تەربىيەلەش خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈش ھەققىدىكى پىكىرلەر» ناملىق ئىچكى ھۆججەتتە خىزمەت كۆرسەتمىلىرى، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ۋە تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش ئۆلچەملىرى شەرھلەنگەن. بۇ ھۆججەتتە «ئۆلچەملەشتۈرۈش» ھەققىدە جىق سۆزلەنگەن بولسىمۇ ئەمما تۇتقۇنلارنى قانداق ئۆلچەم بويىچە قويۇپ بېرىش ھەققىدە ھېچقانداق «ئۆلچەملىك» بىر قائىدە كۆرسىتىلمىگەن. تېكەس ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ 2018-يىلىدىكى ئىچكى ھۆججەتلىرىدە بولسا بۇنىڭدىكى سەۋەبنىڭ «تۇتقۇنلار قويۇپ بېرىلسە بىخەتەرلىككە ئېغىر خەۋپ پەيدا قىلىدۇ» دېگەن قاراش ئىكەنلىكى ئېيتىلغان. 2018-يىلى خىتاينىڭ سابىق جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى جاۋ كېجى ئىچكى قىسىمدا سۆزلىگەن سۆزىدە ئېنىق قىلىپ «باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قايتا تەربىيەلەش خىزمىتىنى قانۇنلاشتۇرۇش سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈشىمىز لازىم. مەركەز بۇنىڭغا لازىملىق ئىقتىسادىي چىقىملارغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. دوكتور ئادرىيان زېنز بۇ ھەقتە توختىلىپ «قانۇنلاشتۇرۇش دېگەنلىك تەجرىبىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى» دەيدۇ.

 «مېنىڭچە، سىياسەتلەرنىڭ تەجرىبە قىلىنىشى يەرلىك دائىرىلەرگە قايسى ئۇسۇلنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى تەققاسلاپ كۆرۈش شارائىتىنى يارىتىپ بەرگەن. بولۇپمۇ بۇنىڭدا ئوخشاش بولمىغان دەلىللەرگە قارىساقلا بۇنى ئاشكارا كۆرۈپ يېتەلەيمىز. چۈنكى ئۇلار (‹ئىشەنچسىز›) كىشىلەرنى لاگېرلارغا قامىغاندىن كېيىن ئۇلارنى چىقارماي تۇرۇپ قايتا تەربىيەلەشنى ئىشقا ئاشۇرغان. كېيىنچە ئۇلار لاگېرلاردىكى قايتا تەربىيەلەشنىڭ غايەت زور ‹ئۆزگىرىش› پەيدا قىلغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن بۇنى ئەڭ ئۈنۈملۈك بولغان ‹تەربىيەلەش ئۇسۇلى› دەپ يۇقىرىغا دوكلات قىلغان. يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلار بولسا بۇنى ئەڭ ئۈنۈملۈك بولغان ھەل قىلىش چارىسى ئىكەن، دەپ قوبۇل قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ‹ئىشەنچسىز› دەپ قارالغانلىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى لاگېرغا قامالدى. بۇ خىل دائىرە بېكىتىپ بېرىش نەتىجىسىدە غايەت زور كىشىلەر تۇتقۇن قىلىندى. غايەت زور تۇتقۇن ئەنە شۇ يوسۇندا ئىشقا ئاشتى.»

ئادرىيان زېنزنىڭ قارىشىچە، 2016-يىلىغىچە بولغان بىرنەچچە يىللىق ئوڭۇشلۇق تەجرىبە ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قايتا تەربىيەلەش» خىزمىتىگە تەدرىجىي ھالدا يەرلىك ھۆكۈمەت قوماندانلىق قىلىشقا باشلىغان. بۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر دىيارىدا «قايتا تەربىيەلەش» كە لازىملىق كۆپ خىل مۇئەسسەسە، جۈملىدىن تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى، ساقچىلارنىڭ تەربىيەلەش مەركەزلىرى ۋە بەزى يېڭىدىن قۇرۇلغان ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇپ بولغان. شۇنىڭدەك ھەر بىر ۋىلايەتنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 300 كىشىنى تەربىيەلىگۈدەك «تەربىيەلەش مەركىزى» بولۇش تەلەپ قىلىنغان. 2016-يىلى سېنتەبىرگە كەلگەندە يېڭىدىن تەيىنلەنگەن پارتىيە سېكرېتارى چېن چۈەنگو «باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئومۇمىي خىزمەتلەر ھەققىدە بەرگەن مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇش، شۇنىڭدەك ‹قىلچىمۇ رەھىمدىللىك قىلماسلىق› نى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن تور تارتىش شەكلىدىكى تەكشۈرۈشنى ئىجرا قىلىش؛ ‹ئۈچ خىل كۈچ› نى تولۇق قېزىپ چىقىش ئۈچۈن شەھەر، ناھىيە، يېزا قاتلاملىرى بويىچە تولۇق تەكشۈرۈش» نى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەنە شۇنداق قىلىپ 2017-يىلى ئەتىيازدىن باشلاپ پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدا «قايتا تەربىيەلەش» تولۇق قانات يايدۇرۇلغان. بۇنىڭغا ماس ھالدا مەۋجۇت مەكتەپلەرنى «تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئۆزگەرتىپلا ئىشلىتىش رەسمىي ھالدا لاگېر قۇرۇشقا ئۆزگەرتىلگەن.

«كاتتىلار» نىڭ بىۋاسىتە قوللىشى «تەجرىبىلەر» گە قولايلىق ياراتتى

ئۇيغۇر دىيارىدا لاگېر تەجرىبىسى دەسلەپكى قەدەمدە ئومۇملاشتۇرۇشقا يۈزلەنگەندە «يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەل» ساھىبلىرى بۇنىڭغا زور كۈچ بىلەن ئارقا تىرەك بولغان. بولۇپمۇ «ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش نىزامى» ھەققىدىكى ئاساسىي ئىدىيەنىڭ مەنبەسى شى جىنپىڭ بولۇپ، ئۇنىڭ «شىنجاڭدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ ھەقتە يەرلىك نىزام تۈزۈپ چىقىش لازىم» دېگەن يوليورۇقى بۇنىڭغا نەزەرىيەۋى ئاساس بولغان. مەزكۇر نىزامنىڭ لايىھە نۇسخىسى رەسمىي ئېلان قىلىنغۇچە بولغان ئارىلىقتا بۇنىڭغا مەسئۇل رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بېيجىڭغا نەچچە قېتىم قاتراپ مەركىزىي ھۆكۈمەت بىلەن، جۈملىدىن بىرلىكسەپ بۆلۈمى، جامائەت خەۋپسىزلىك (ج خ) مىنىستىرلىقى، خەلق قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئورگانلار بىلەن كۆپ قېتىملاپ باش قوشقان. »

زور تۇتقۇن باشلانغاندىن كېيىن بولسا بېيجىڭ دائىرىلىرى بۇنى يېقىندىن كۆزەتكەن ۋە نازارەتچىلىك قىلغان. 2018-يىلى سابىق ج خ مىنىستىرى جاۋ كېجى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىققاندىن كېيىن «ئاشقۇنلۇق ئىدىيەلىرى مەنبەسىدىن تولۇق كونتروللۇققا ئېلىنغان» دەپ خۇلاسە چىقارغان. جاۋ كېجىنىڭ لاگېرلارنى تەكشۈرۈشى ھارپىسىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى پارتىيە سېكرېتارى چېن چۈەنگو «مانېۋىر» ئورنىدا بىر قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈشنى تاماملىغان. ئەركىن ئىسىملىك سابىق لاگېر مەھبۇسى شۇ ۋاقىتلاردىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ «ھەممىمىزگە رەھبەرلەر كەلگەندە جەزمەن شادىمانلىق كەيپىياتىدا كۆرۈنۈشىمىز لازىملىقى، بۇنداق بولمىغاندا بۇنىڭ ئىستىقبالىمىزغا زىيان بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى» دېگەن. ئەركىننىڭ يەنە بىر كامېردىشى بىر خىتاي قىز بىلەن توي قىلغان بولسىمۇ ئوخشاشلا «تەربىيەلەش» تىن چىقالمىغان. ئۇنىڭ خىتاي خوتۇنى يۇقىرى-تۆۋەن چېپىپ يۈرۈپ ئۆز ئېرىنىڭ ئۇيغۇر بولسىمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن ئاساسەن ئالاقە قىلمىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنى «تەربىيەلەش» تىن چىقىرىپ بېرىشنى سورىغان. ئۇنىڭغا بىردەك «بۇ خىل تەربىيەلەشنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقى بويىچە بولۇۋاتقانلىقى، مەركەزدىن بۇيرۇق بولماي تۇرۇپ ئۇلارنىڭ بىرمۇ كىشىنى قويۇپ بېرىشىگە بولمايدىغانلىقى» بىلدۈرۈلگەن. «تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ پارتىيە سېكرېتارىمۇ «بۇ جايدىن كىمنىڭ چىقىپ كېتىشىنى مەنمۇ بىلمەيمەن، چېن چۈەنگومۇ بىلمەيدۇ. بۇنى پەقەت مەركىزىي ھۆكۈمەت بەلگىلەيدۇ» دېگەن. ئەركىن چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن بۇ ھەقتە ئادرىيان زېنزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە «لاگېردىكى تۇتقۇنلار تىزىملىكىدە ئىسمى يېزىلغانلاردىن ئۈچتىن ئىككى قىسمىنىڭ چىقمىغانلىقىنى كۆردۈم. ناھايىتى ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەر نەزەربەند ئۈچۈن ئۆيلىرىگە قايتۇرۇلدى» دېگەن. ئۇ لاگېردىن چىققاندىن كېيىن ئۆزى بىلەن بىللە قامالغانلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى ئەمەلىيەتتە قاماققا يوللاپ بېرىلگەنلىكىنى بىلگەن.

بۇنچە كۆپ كىشىنى قاماشقا يېتەرلىك تۈرمە ھازىرلاش ئۈچۈن مەركىزىي ھۆكۈمەت بۇنىڭغا مالىيە جەھەتتىن غايەت زور ياردەم بەرگەن. 2017-يىلىدىكى ئىچكى ھۆججەتلەرنىڭ بىرىدە چېن چۈەنگو «تەربىيەلەش مەركىزى» ھەققىدىكى بىر قېتىملىق يىغىندا ئاشكارا ھالدا «باش سېكرېتار شى جىنپىڭ تۈرمىلەرنى كۆپەيتىپ قۇرۇشتىن ئەنسىرىمەسلىك، بۇنىڭغا يېتەرلىك مەبلەغ ئاجرىتىش ھەققىدە سۆز قىلدى. ھازىر قانچىلىك ئادەم بولسىمۇ سىغدۇرغۇدەك تۈرمىلەر تەييار بولۇۋاتىدۇ» دېگەن. ھالبۇكى 2018-يىلى ئىيۇنغا كەلگەندە جاۋ كېجى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن «شىنجاڭدىكى ‹قاتتىق زەربە بېرىش› ۋە ‹ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش› خىزمىتى ياخشى ئىشلەنگەن. ئەمما بۇنىڭدا سۈزۈپ چىقىلغانلارنىڭ سانى ھازىرقى قاماق ئورۇنلىرىنىڭ سىغدۇرۇش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتكەن» دېگەن. بولۇپمۇ «ئىشەنچسىز» دەپ بېكىتىلگەن ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ 30 پىرسەنتتىن كۆپ سالماقنى ئىگىلىشى غايەت زور تۇتقۇننىڭ توسقۇنسىز داۋام قىلىشىغا داغدام يول ئاچقان. بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىز جەريانىدا ئادرىيان زېنز بۇنىڭدىكى بەزى ئالاھىدىلىك ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

 «شۇنى ئېيتالايمەنكى، 2014-يىلى شى جىنپىڭ بولۇۋاتقان ئىشلارنى مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە تەستىقلىدى. بۇ دېگەنلىك مۇشۇ خىلدىكى ‹قايتا تەربىيەلەش› نى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىناقلار ئۇنىڭغا يارىدى، دېگەنلىكتۇر. ئۇ بۇ ھەقتە مەخسۇس سۆز قىلغان ھەمدە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن پۈتۈن رايون مىقياسىدا لاگېر قۇرۇش ۋە قايتا تەربىيەلەشنى ئومۇملاشتۇرۇش قانات يايدى. شۇڭا شى جىنپىڭنىڭ بۇ خىلدىكى تەجرىبىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەنلىكى بەش قولدەك ئېنىق. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ خىلدىكى ‹پۈتۈن كۈنلۈك قاماق ئىچىدە پۈتۈن كۈنلۈك تەربىيەلەش› تەجرىبىسى تېزدىن كېڭەيتىلدى.»

2020-يىلىغا كەلگەندە «مەركەز ئۈچىنچى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دا شى جىنپىڭ ئاشكارا ھالدا ئاشۇ «تەجرىبە ئۆلچەملىرى» نى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان، دەپ ماختىغان ھەمدە خىتاينىڭ يېڭى ئەسىردىكى «خىتاي چۈشى» نىڭ ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن بۇنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرۇش ھەققىدە كۆرسەتمە بەرگەن. ئەنە شۇ تەرىقىدە 2019-يىلىنىڭ ئاخىرى تۇتقۇنلار تۈركۈملەپ مەجبۇرىي ئەمگەككە، ئۆيدە نەزەربەند قىلىنىشقا ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشقا باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ تەجرىبىلەرنىڭ نورماللىشىشى نۆۋەتتىكى سىياسىي خىزمەتلەرنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنىغا ئايلىنىپ قالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.