دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇيغۇر كرىزىسىغا ئائىت ئىنكاسلىرى ھەققىدە دۈگىلەك ئۈستەل يىغىنى ئېچىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2022.01.31
دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇيغۇر كرىزىسىغا ئائىت ئىنكاسلىرى ھەققىدە دۈگىلەك ئۈستەل يىغىنى ئېچىلدى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى ئىستانبۇلدا ئېچىلغان دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇيغۇر كرىزىسىغا ئائىت ئىنكاسلىرى ھەققىدە دۈگىلەك ئۈستەل يىغىنىدا سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 29-يانۋار، تۈركىيە.
RFA/Arslan

1-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە ئىستانبۇلدا دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇيغۇر كرىزىسىغا ئائىت ئىنكاسلىرى ھەققىدە دۈگىلەك ئۈستەل يىغىنى ئېچىلدى.

بۇ يىغىننى مەركىزى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، مەركىزى ئىستانبۇلدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ يىغىنغا، تۈركىيە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، مالايشىيا، ھىندونېزىيە قاتارلىقلار دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، دىنى ئالىملار، تەتقىقاتچىلار، يازغۇچىلار، مۇخبىرلار بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ يىغىننىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىغىننىڭ مەقسىتى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت-پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىغا رەھمەت ئېيتىش، ئۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىدىن دوكلات ئاڭلاش، ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، ئۇيغۇر مەسىلىىسىدە ئورتاق ھەرىكەت قىلىدىغان بىر گەۋدە ھاسىل قىلىش ئۈچۈن مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرى مۇنبىرىنى قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت ئىكەن.

ئىستانبۇلدا ئېچىلغان دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇيغۇر كرىزىسىغا ئائىت ئىنكاسلىرى ھەققىدە دۈگىلەك ئۈستەل يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 29-يانۋار، تۈركىيە.
ئىستانبۇلدا ئېچىلغان دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇيغۇر كرىزىسىغا ئائىت ئىنكاسلىرى ھەققىدە دۈگىلەك ئۈستەل يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 29-يانۋار، تۈركىيە.

يىغىن ئالدى بىلەن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش، ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. يىغىندا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات، مەركىزى ئىستانبۇلدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتۇر پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شاھيار قاتارلىقلار ئېچىلىش سۆزىى سۆزلىدى ھەم بۇ يىغىننى قوللاپ ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن مېھمانلارغا تەشەككۈر ئېيتىش بىلەن بىرگە بۇ يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن تىلەكلىرىنى ئىپادىلىدى.

يىغىندا يەنە ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، مالايشىيا، ھىندونېزىيە قاتارلىقلار دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر، تۈركىيەنىڭ ئىيى ۋە كېلەچەك پارتىيەلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ھەرۋاقىت قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئىككى كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، مالايشىيا، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەت-پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەت-پائالىيەتلەر ئۈستىدە پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھىندونېزىيەنىڭ «PRIMA» نامدىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت ئارافات ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھىندونېزىيەدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ بۇ جەرياندا دۇچ كېلىۋاتقان بىرقانچە مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھىندونېزىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، جۇغراپىيە جەھەتتىنمۇ قەيەردە ياشايدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەيەردە ياشايدىغانلىقىنى كەڭ تۈردە تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى، ھىندونېزىيە خەلقىنى بۇ مەسىلىگە قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ تۈردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ سەزگۈر بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن ھۆكۈمەت تەرەپتىن بەزى سىياسىي توسالغۇلارغا ئۇچرايدىغانلىقىنى، بىراق بۇ توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈش ئۈچۈن بىر يول تاپالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەخمەت ئارافات ئەپەندى سۆزىدە يەنە بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ھىندونېزىيەدە ئېلىپ بارماقچى بولغان پائالىيەتلىرى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ، ھىندونېزىيە خەلقىگە ئۇيغۇرلارنىڭ لەززەتلىك تاماقلىرى ۋە مەدەنىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلەر ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان دىنى ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆزلىگەن نۇتۇق ۋە باياناتلىرىنى تەرجىمە قىلىپ تارقىتىدىغانلىقىنى، ھىندونېزىيەنىڭ مۇھىم سىياسىي رەھبەرلىرى ۋە دىنى ئالىملىرىغا بۇ مەسىلىنى تونۇشتۇرۇپ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ۋە نامايىش ئۇيۇشتۇرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار كۆپلىگەن مەلۇماتلارغا ئېھتىياجى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئەخمەت ئارافات ئەپەندى سۆزىدە يەنە ھىندونېزىيەنىڭ مۇسۇلمان ۋە غەيرىي مۇسۇلمان ھەرساھە كىشىلىرىگە بۇ مەسىلىنى كەڭ تونۇشتۇرۇش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، بۇ مەسىلىنىڭ يالغۇز مۇسۇلمانلارنىڭلا مەسىلىسى بولماستىن بەلكى باشقا دىندىكى كىشىلەرنىڭمۇ مەسىلىسى دېگەن قاراشقا كەلتۈرۈش كېرەكلىكىنى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ دۇنيا تىنچىقلىقى ۋە مەدەنىيەتلىك بىر دۇنيا ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسىلىنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك مەسىلىسى ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنى تەكىتلىدى.

يىغىندا پىكىر بايان قىلغان مالايشىيانىڭ «ABIM»، ۋە «GLOBAL PEACE MISSION» جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن دوكتۇر ئابدۇلرىزاق ئەخمەت، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ، مالايشىيادا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەلۇماتنىڭ بەك ئاز ئىكەنلىكىنى، كۆپىنچە خەلقنىڭ بىلمەيدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقايسى جايلاردا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەشۋىقات ۋاراقلىرى تارقىتىلىشى كېرەكلىكىنى، خۇسۇسەن مەسچىت ۋە مەكتەپلەردە يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

دوكتۇر ئابدۇلرىزاق ئەخمەت ئەپەندى، مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىن ئۇزاق تۇرۇشقا ئورۇنىۋاتقانلىقىنى، بىراق ئۆزلىرى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن سۆزلىشىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مالايشىيا پارلامېنتىدا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قوللايدىغانلىقىنى، ئۇلارغا ھەر ئايلىق ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىشنى باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا يەنە «freeuyghurnow» ھەرىكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئەسلى يەمەنلىك ئامېرىكادا ياشاۋاتقان پائالىيەتچى ئامال ئەلتارەب خانىم پىكىر بايان قىلىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئورتاق پائالىيەت ئېلىپ بېرىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە ئورتاق ھەرىكەت قىلىدىغان بىر ئالاقىلىشىش مۇنبىرى قۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى ئىماملاردىن ئۆزلىرىنىڭ ۋەز-نەسىھەت پروگراممىلىرىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توختىلىشنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىغا تونۇشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى ئۇيغۇرلار دەۋاسى ئۈچۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ بەك مۇھىم ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئۇلارغا ئاڭلىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئىستانبۇلدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىغىن توغرىسىدا توختالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق، خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى، جازا لاگېرلىرى قاتارلىق ھەممە جەھەتتە كەڭ تۈردە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇرېشىت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ يىغىننىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى بولسا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كېلىپ بۇ يىغىنغا قاتناشقان مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ئىرادىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.