IPAC: «دۇنيا ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ ۋەھشىيلىكلەرگە سۈكۈت قىلالمايدۇ»

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020.06.29
Iain-Duncan-Smith.jpg ئەنگىلىيە سابىق كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ئىئىن دانكان سىمىس (ئوتتۇرىدا) لوندوندىكى ئاۋام پالاتاسىدا سۆز قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 19-ئۆكتەبىر.
AFP

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تۇغۇت چەكلەش سىياسىتىگە ئائىت يېڭى پاكىتلار 29-ئىيۇن IPAC، يەنى «خىتايغا قارشى پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىكى» تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى.

بۇ پاكىتلار ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ۋەزىيەت تەتقىقاتىدا ئالدىنقى قاتاردىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى بولغان پروفېسسور ئادرىئان زېنزنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىغا ئاساسلانغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئىككى نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلگەن: بىرىنچىدىن، 2015-يىلدىن 2018-يىلغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەشقەر ۋە خوتەندىن ئىبارەت ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان ئىككى چوڭ ۋىلايىتىدە نوپۇسنىڭ ئېشىش نىسبىتى 84 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن. 2019-يىلىدا تېخىمۇ زور تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن. ئىككىنچىدىن، ھۆججەتتە تۇغۇت چەكلەش پىلانىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولىنىدىغانلىقى ئوچۇق-ئاشكارا كۆرسىتىلگەن.

بۇ ھۆججەتلەر ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، «خىتايغا قارشى پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىكى» دىكى ئەزالار ئۆزى تەۋە بولغان ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى جىددىي ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشكە چاقىرىدىغانلىقى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرگەن.

IPAC نىڭ ئاساسلىق قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ئىيان دانكىن سىمىس ئەپەندى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا سۆز قېلىپ مۇنداق دېگەن: «‹جەنۋە ئەھدىنامىسى› دە مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا بويسۇنماستىن مەلۇم بىر ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنى چەكلىشى، ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ ئىپادىسى دەپ كۆرسىتىلگەن. IPAC بىرلىكىدىكى باشقا ئەزالار مەن بىلەن ئوخشاش پىكىردە دەپ ئويلايمەن. ئۇيغۇر خەلقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەھشىي سىياسىتىنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. مەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىزنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا بۇ زۇلۇمنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىشى ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن ئىدىم. ئەپسۇس، مېنىڭ كۆزىتىشىمچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئېغزىنى ئېتىپ بولۇپتۇ. شۇڭا ھېچ بولمىغاندا، ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ بۇ ھۆججەتتە ئاشكارىلانغان جىنايەتلەرگە قارشى ئۆز ئالدىغا قانۇنىي قارار چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

ئادرىيان زېنىزنىڭ دوكلاتىدا مۇنۇلار بايان قېلىنغان: «خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلىنىڭ بېشىدا خىتايلارغا قارىتا تۇغۇت چەكلەش سىياسىتىنى بوشاشتۇرغان، ھەتتا خىتاي ئاھالىلىرىنى ئىككى بالىلىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن. ئۇيغۇر رايونىدا بولسا قاتتىق تۇغۇت چەكلەش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن. بۇ خىل سىياسەت دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئەندىشىگە سالىدۇ.»

دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تۇغۇتنى چەكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر رايونىغا كەڭ كۆلەمدە خىتاي نوپۇسىنى كۆچۈرۈشى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا خىتاي نوپۇسىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ئەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن توي قىلىشقا يول ئىچىپ بېرىپ، ئۇيغۇر كىملىكىنى سۇسلاشتۇرۇپ، خىتايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئويناۋاتقان ئېتنىك ۋە ئىرقىي ھۆكۈمرانلىق ئويۇنىنىڭ بىر پارچىسى.»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 29-ئىيۇن كۈنى «خىتاينىڭ مەجبۇرى پىلانلىق تۇغۇت ۋە مەجبۇرىي ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش سىياسىتى توغرىسىدا» دېگەن تېمىدا مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «دۇنيا بۈگۈن كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان خەۋەرلەرنى تاپشۇرۇپ ئالماقتا. خىتاي كومپارتىيىسى ئىزچىل يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە مەجبۇرىي ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ۋە مەجبۇرىي پىلانلىق تۇغۇت چەكلەش ئۇسۇللىرىنى قوللانماقتا. گېرمانىيەلىك خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ئادرىئان زېنزنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دوكلاتىدا ئاشكارىلانغان مەزمۇنلار خىتاينىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئېچىنىشلىق سىياسىتى بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ ئىنسانلار ھاياتىنىڭ مۇقەددەسلىكىگە ۋە ئىنسانىي قەدىر-قىممەتكە ھېچقانداق ھۆرمەت قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىز خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى بۇ خىل ۋەھشىي قىلمىشلارنى دەرھال ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىرىمىز. دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنى ئامېرىكاغا ئاۋاز قوشۇپ، خىتايدىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىلمىشلارنىڭ توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرىمىز.»

مايك پومپېيو ئۆزىنىڭ شەخسىي تىۋىتتېر ھىسابىدىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىرغان ۋە «تارىخ بىزگە بۈگۈن قىلغان ھەرىكىتىمىزگە قاراپ باھا بېرىدۇ، دەپ يازغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىمۇ ئۆزىنىڭ تىۋىتتىر ھېسابىدا بۇ دوكلاتقا دۇنيانىڭ جىددىي قارىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن بولۇپ، تىۋىتتېر ئارقىلىق مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈرگەن: «مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش، مەجبۇرىي نوپۇسنى كونترول قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇشتىكى ئۇسۇللىرىدۇر. ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قېلىنغان بۇ زوراۋانلىقىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىتاينى ئىنسانىيەتكە قارشى بۇ زوراۋانلىقنى توختىتىشقا چاقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

مەزكۇر دوكلات ھەققىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا مۇنداق دېدى: «خىتاي ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان بۇ پەيتتە ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلات خىتاينڭ ئۇيغۇرلارنى تامامەن يوقىتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىدەك رەزىل مەقسىتىنى دۇنياغا ئاشكارىلىدى.»

IPAC خىتاينىڭ بۇ رەزىل سىياسىتىگە قارشى ئېلان قىلغان باياناتىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېگەن: «دۇنيا كۆز ئالدىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ ۋەھشىيلىكلەرگە سۈكۈت قىلالمايدۇ. IPAC كە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەلۇم مىللەتنى ئېتنىك ۋە ئىرقىي جەھەتتىن يوقىتىش ياكى مەلۇم بىر دىنىي گۇرۇھنى ‹پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن› يوقىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھەر قانداق ئۇرۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش مەجبۇرىيىتى بار.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.