توماس شۇلزە: «ئۇيغۇرلار مېنى ئۆز ئاراڭلاردا ساناڭلار، مەن سىلەر بىلەن بىللە!»

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2024.12.05
thomas-schulze-dolqun-eysa.jpg د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى پىروفېسسور توماس شۇلزە (Thomas Schulze) ئەپەندى بىلەن ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ ئالدىدا. 2024-يىلى 4-ئاۋغۇست.
X @Prof_TGSchulze

پىروفېسسور توماس شۇلزە (Thomas Schulze) ئەپەندى 27-نويابىردىن 30-نويابىرغىچە گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن «پىسخىكىلىق داۋالاش ۋە پىسخىكا ئىلمىي جەمئىيىتى» نىڭ يىللىق ئومۇمىي قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي ئازابلىرى توغرىلىق توختىلىپ ئۆتكەنىدى. گېرمانىيەدىكى لۇدۋىگ ماكسىمىلىيان ئۇنىۋېرسىتېتى، ئامېرىكادىكى جونس خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتى، نيۇ-يورك سيراكئۇسە تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ پىروفېسسورى بولغان توماس ئەپەندى ئەسلىدە روھىي كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى باشلانغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي ئازابلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغان ۋە بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشلىرىنى ھازىرغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر كىشى ئىكەن.

پىروفېسسور توماس شۇلزە ئەپەندى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزىنىڭ 1990-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولغاندا ناھايىتى ياخشى تەسىراتتا قايتىپ كەلگەنلىكى، لېكىن ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ قاباھەتلىك تۈس ئالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقىنى ئېنىقلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق. خىتايلار ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى يوقىتىۋاتىدۇ، دىنىي ئېتىقادىدىن ئايرىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ تىنچلىقپەرۋەرلىكنى مەزمۇن قىلىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. خىتايلار ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي گۈزەل قۇرۇلۇشلىرىنى ۋەيران قىلىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتايچە بىنالارنى سېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى خىتايلار ۋە باشقىلارنىڭ ساياھەت قىلىدىغان دېسنىي باغچىسىغا ئايلاندۇرۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار بۇ ساياھەتچىلەرگە ئۇسۇل ئويناپ بېرىشكە مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. خىتاي ئۇيغۇرلارنى بوزەك قىلىپ، ھاقارەتلەپلا قالماي، يەنە ئۆز جىنايەتلىرىنى يالغانچىلىق بىلەن يېپىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار نەدىلا ياشىمىسۇن، خىتايلار دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىكى ساقچى پونكىتلىرى ئارقىلىق ئۇلارنى تۇتۇپ كېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى تامامەن جىنايى قىلمىشلاردۇر! مەنچە، بۇنداق جىنايەتلەر ناتسىستلار زامانىدىن كېيىن دۇنيانىڭ ھېچ بىر يېرىدە يۈز بېرىپ باقمىغان. خىتاي بۇ جىنايەتلەرنى ئۇزۇن مەزگىللىك بىر پىلان بىلەن ئىجرا قىلىۋاتىدۇ.»

پىروفېسسور توماس شۇلزە ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «مەن د ئۇ ق نىڭ بىز بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىغا ۋە بىزنى كېرەكلىك مۇھىم مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىغا مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. بىز يەنە خىتايغا قارشى پارلامېنتلار بىرلىكى ( IPAC )ۋە باشقا تەشكىلاتلار بىلەنمۇ ھەمكارلىشىۋاتىمىز. بۇلار خىتايغا قارشى بۇ كۈرەشنىڭ بىباھا بايلىقلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ سادالىرى بارغانسېرى يۈكسەلمەكتە، ئۇلارنىڭ جامالى بارغانسېرى نۇرلانماقتا ھەمدە مەدەنىي ۋە تىنچ شەكىلدە. مەنچە، بۇ دۇنيا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان بۇ زۇلۇملىرى ئالدىدا بىزنىڭ قايسى تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىمىزنى ئاخىرى بىلىپ يېتىدۇ. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇشى، چېگرا ھالقىپ باستۇرۇشلىرى، مەنچە بۇ دۇنيانى بىرلەشتۈرۈۋاتىدۇ. بۇ يەردە ئەلۋەتتە، مېنىڭمۇ بىر ئۈلۈش ھەسسەم بولىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ كۈچ توپلىشى ۋە روھىي ئازابلىرىنىڭ يېنىكلىشى ئۈچۈن بەلگىلىك تۆھپەم بولىدۇ.»

گېرمانىيە ۋە ئامېرىكا پۇقراسى بولغان پىروفېسسور توماس شۇلزە ئەپەندى سۆزىدە، پۈتۈن دۇنيادىكى ھەققانىيەتنى ياقلىغۇچىلارنى بىرلىشىپ، خىتاينىڭ مۇستەبىتلىكىگە ئورتاق قارشى تۇرۇشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «بىز بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلغاندىلا، خىتايدىن ئىبارەت بۇ ئەجدىھانىڭ نىقابىنى يىرتىپ تاشلىيالايمىز. مەن بۇ ھەرىكىتىمىزنىڭ خىتاي خەلقىگە قارىتىلمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، خىتاي خەلقىمۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ زىيانكەشلىكلىرىگە ئۇچرىماقتا. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ خەلقىنىمۇ خورلاپ، ئېغىر ئازابلىق ھاياتقا مۇپتىلا قىلماقتا. بىز بۇلارغىمۇ ئازادلىق تىلەيمىز. بىز نۆۋەتتە خىتاينىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى موڭغۇللار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق بارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەركىنلىكى ھەم باراۋەرلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز لازىم. ئۇيغۇرلار مېنى ئاراڭلارغا قېتىۋېلىڭلار، مەن سىلەر بىلەن بىرگە!»

پىروفېسسور توماس شۇلزە ئەپەندى سۆزىدە، نېرۋا كېسەللىكلىرى ئىلمى، پىسخولوگىيە ھەمدە روھىي ساغلاملىقنى تەتقىق قىلىدىغان باشقا تەتقىقاتچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىرلىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي ئازابلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بىر پروجېكىت( لايىھە ) بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ھەمدە د ئۇ ق نىڭ بۇ جەھەتتە ھەمكارلاشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان بولۇپ، د ئۇ ق رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىن ئەپەندى پىروفېسسور توماس شۇلزە ئەپەندى بىلەن د ئۇ ق ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.