4-فېۋرال كۈنى قىرغىزىستاننىڭ توقماق شەھىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە تونۇلغان ئۇيغۇر مىلياردېر ئەلىجان ئىبراھىموفنىڭ مېيىتى يەرلىككە قويۇلدى. مەرھۇمنىڭ جىنازى نامىزىغا قىرغىزىستاندا تونۇلغان سىياسەتچىلەردىن ئۆمۈربەك بابانوف، ئىسا ئۆمۈرقۇلوف، پرېزىدېتلىققا نامزات كۆرسىتىلگەن شەخسلەردىن كانات ئىسايېف ۋە ئايمېن كاسېنوف، چۇ ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى مىربېك مىياروف، قىرغىزىستان ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى پەرھات تۇلېندىبايېف، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتنىڭ باش مۇپتىسى مەقسەتبەك توكتومۇشېف، توقماق شەھىرىنىڭ ھۆكۈمەت باشچىسى دانىيار ئامانگېلىدىيېف، توقماق شەھەرلىك كېڭەش ئەزالىرى ۋە پۇقرالار بولۇپ، 2 مىڭدىن ئوشۇق كىشى قاتناشتى.

مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزىغا يەنە قوشنا قازاقىستاندىن تونۇلغان شەخسلەر بىلەن بىر قىسىم كارخانىچىلارمۇ كېلىپ قاتناشتى.
2019-يىل «فوربېس» ژۇرنىلى ئەلىجان ئىبراھىموفنىڭ بايلىقىنى 2 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى دەپ ئېلان قىلغان ھەمدە 2020-يىلى ئۇنى قازاقىستاندىكى ئەڭ باي 5 كارخانىچىنىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزگەنىكەن. ئەلىجان ئىبراھىموفنىڭ ياۋرو-ئاسىيا ئېنىرگىيە شىركىتىدە 20. 7 پىرسەنت پېيى بار ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئەلىجان ئىبراھىموف 1953 يىلى ئۆزبېكىستاندا تۇغۇلۇپ، ياش-ئۆسمۈرلۈك يىللىرى توقماق شەھىرىدە ئۆتكەن. ئاتا تەرەپ تۇغقانلىرىمۇ شۇ شەھەردە ئولتۇرلاشقان. ئەلىجان ئىبراھىموف ئۆز يۇرتى توقماق شەھىرىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئىكەن.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان توقماق شەھىرىنىڭ ئالىي كېڭەش ئەزاسى ۋە تۇڭگان جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى گايسىر ۋانشۇ، كۆزلىرى نەملەنگەن ھالدا «ئەلىجان ئىبراھىموفنىڭ ۋاپاتى توقماق شەھىرى ئۈچۈن چوڭ يوقۇتۇش بولدى.» دېدى.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ئاجايىپ بىر قايغۇلۇق كۈن بولدى، بۇ كىشىنىڭ ئارىمىزدىن كەتكەنلىكى چوڭ بىر يوقىتىش، چۈنكى ئەلىجان ئىبراھىموف ئالىيجاناپ، مەرت، يۇقىرى دەرىجىلىك بىر تونۇلغان كارخانىچى ئىدى. توقماق شەھىرى ئۈچۈن نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلغان ئىدى. مەسىلە، يول ياساش، دوختۇرخانىلارغا يېڭى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئېلىپ بېرىش، كوچا چىراقلىرىنى ئورنىتىش، موھتاج ئائىلىلەرگە ماددىي ياردەم بېرىش، ئاخىرىقى ئالتە يىل داۋامىدا 1940-يىللاردىكى ناتسىست گېرمانىيەسىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقانلارغا مىڭ دوللاردىن سوۋغات بېرىپ تۇرغان ئىدى. ئۇ يەنە ياش تىجارەتچىلەرنى قوللاپ، مەسلىھەت قىلىپ ئۇلارغىمۇ ياردەم قولىنى سۇنغان ئىدى. مەرھۇم ھېچ قاچان مىللەت ياكى دىنىي ئاساستا كىشىلەرنى بۆلمىگەن ئىدى. ئۇ ئەخلاقلىق ۋە ئىسىل خىسلەتلىق ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ ساخاۋەتلىك ئىشلىرى توقماقلىقلارنىڭ يۇرەكلىرىدە مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.»
ئىگىلىنىشىچە، مەرھۇم ئەلىجان ئىبراھىموف 2020-يىلنىڭ مارت ئېيىدا كورونا ۋىرۇسى كىسېلى قىرغىزىستاندا پەيدا بولغاندا، دەرھال توقماق شەھەرلىك دوختۇرخانىلارغا كېرەكلىك ئاپپاراتلارنى ئېلىپ بەرگەن، ئاۋغۇست ئېيىدا ئۈچ دانە جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنى سوۋغات قىلغان ئىكەن. ئۇ ياش بالىلار ئۈچۈن «شۇڭقار» تەنتەربىيە كۇلۇبىنى قۇرغان، توقماق شەھىرىنىڭ ئاساسلىق كوچلىرىنى رېمونت قىلدۇرۇپ ۋە چىراقلار ئورناتقان. موھتاج ئائىلىلەرگە ماددىي ياردەم بەرگەن، ھەتتا بەزىلەرگە ئۆي سېتىۋېلىپ كۆچۈرۈپ قويغان.
ئەلىجان ئىبراھىموف توقماق شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى قەشقەر شەھىرىدىن ئون يۈرۈش مىللىي كىيىم-كېچەكلەر سېتىۋېلىپ، سوۋغات قىلغان ھەمدە ياشلارنى قوللاش ئۈچۈن نۇرغۇن تەنھەركەت مۇسابىقىلىرى ئۇيۇشتۇرغان. ئەلىجان ئىبراھىموفنىڭ نامىدىن يەنە توقماق شەھىرىدىكى ئىككى مەسچىتتە مىللىي ۋە ئەنەنىۋىي نەزىر-چىراقلارنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بىنالار قۇرۇلۇپ ۋە كېرەكلىك بۇيۇملار سېتىلىپ بېرىلگەن. ھەر يىلى رامىزان ئايلىرىدا ئىپتار پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزگەن.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتنىڭ باش مۇپتىسى مەقسەتبەك توكتومۇشېۋ، ئەلىجان ئىبراھىموفنىڭ قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتنىڭ ئىقتىسادىغا چوڭ ھەسسە قوشقانلىغىنى تىلغا ئېلىپ، مۇنداق دېدى:
«ئەلىجان ئىبراھىموفنى پۈتۈن دۇنيا تونۇيدۇ. بۇ كىشى پۈتۈن قىرغىزىستان پۇقرالىرىغا ياردەم كۆرسەتكەن، مەملىكەتكە چوڭ ھەسسىلەرنى قوشقان. شەخسەن مەن ئۆزۈم نۇرغۇر ئىپتارلىرىغا ۋە باشقا ساخاۋەتلىك پائالىيەتلىرىگە قاتنىشقان ئىدىم. بۇ كىشى ھەقىقەتەنمۇ ۋەتەنپەرۋەر، ئۆز يۇرتىغا كۈيگەن كىشىلەردىن بىرسى ئىدى. بۈگۈن بىز ھەم شاھىد بولۇۋاتىمىز، مەرھۇم چەت مەملىكەتتە جان ئۈزگەن بولسىمۇ، باللىرىغا نەسىھەت قىلىپ، ئۆز ۋەتىنىدە دەپنە بولۇشىنى ئىستىگەن. بۈگۈن مەرھۇمنى ئاخىرىقى سەپىرىگە ئۇزىتىش ئۈچۈن مىڭلىغان كىشىلەر كېلىشتى. مەرھۇمنىڭ روھى جەننەتە بولسۇن، قەبرىسى خەيىرلىق بولسۇن! ھايات شۇنداق ئىكەن، بىز ھەممىمىز بۇ دۇنيادىن كېتىمىز. بىز ئۈچۈن ئۇنىڭ روھى ئۈلگە بولۇش كېرەك، مانا بۈگۈن قازاقستاننىڭ بىرىنچى پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف، ۋە ھازىرقى پرېزىدېنتى توكايېف ۋە باشقىلار ئۆز تەزىيەلىرىنى بىلدۈرىشتى. چۈنكى مەرھۇم پەقەت قىرغىزىستانغا ئەمەس، بەلكى قازاقستانغا ۋە باشقا ئەللەرگە چوڭ خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن ۋە ساخاۋەتلىك ئىشلارنى ئېلىپ بارغان كىشى ئىدى.»
مەلۇم بولۇشىچە، ئەلىجان ئىبراھىموف كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ، بېلگىيەدە 3-فېۋرال كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن.