ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايغا تېگىشكە تەشۋىق قىلىۋاتقان خىتاينىڭ يېڭى تاكتىكا-ئۇسۇللىرى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىدى
2024.11.22
xitay-toy-qilish-xitaylashturush-nikah-uyghur-1920 يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان، خىتاينىڭ «دوۋيىن» قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتايغا تېگىشىدە مىللەت پەرقىنىڭ ھېچبىر توسالغۇ بولالمايدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان ۋىدىيولار كەڭ تارقالماقتا.
Photo: RFA

يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان، خىتاينىڭ «دوۋيىن» قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتايغا تېگىشىدە مىللەت پەرقىنىڭ ھېچبىر توسالغۇ بولالمايدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان ۋىدىيولار كەڭ تارقالماقتا. بۇنى تارقىتىۋاتقانلارنىڭ دېيىشىچە، بۈگۈنكى دۇنيادا ئىككى كىشىنىڭ توي قىلىشى ئۈچۈن جىنس ۋە ئىرق پەرقى ھېچقانداق توسالغۇ بولالمايدىكەن.

بۇ ۋىدىيولاردا، مۇھەببەتنىڭ كۈچىنى ھېچكىم توسالمايدىغان بۇ دۇنيادا خىتاي ئەرلىرىنىڭ خاتىرجەم ھالدا ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئالسا بولىدىغانلىقى، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتايلار بىلەن تويلىشىشنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولىدىغانلىقى، خىتايچە بىلىدىغان ئۇيغۇر قىزلىرىغا تىل پەرقىنىڭ ھەرگىزمۇ توسالغۇ بولمايدىغانلىقى، بىر-بىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلسىلا بولىدىغانلىقى تەشۋىق قىلىنغان. ھەتتا خىتاي ئەرلىرى ئەگەر ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئالسا، كەلگۈسىدە بالىلىرىنىڭ چىرايلىق تۇغۇلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى X تە، بۇ خىلدىكى ۋىدىيولارنىڭ بىرىنى ھەمبەھىرلىگەن ھەمدە بۇ ھەقتىكى قارىشىنى بىلدۈرۈپ مۇنۇلارنى يازغان: «شى جىنپىڭ ۋە خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئۇيغۇر بىلەن باشقا مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى نىكاھ مەسىلىسىگە بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. بولۇپمۇ خىتايلار بىلەن نىكاھلىنىش مەسىلىسى خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ياۋۇز ۋە ۋەھشىيلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. ھالبۇكى، بۇ خىلدىكى ۋىدىيولارنىڭ تارقىلىشى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ تەھدىتى ئاستىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي بىلەن مەجبۇرىي تويلىشىشقا داۋاملىق قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىز ۋاز كەچمەيمىز، ئۇيغۇرلار ۋاز كەچمەيدۇ!»

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتە رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى تەشۋىقاتلىرى ئەسلىدە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنى توي قىلىشقا مەجبۇرلاش سىياسەتلىرىنىڭ كۈتكىنىدەك ئۈنۈم بەرمەيۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى قارشىلىق كۈچىنىمۇ نامايان قىلىدىكەن.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، رۇنې سىتېنبېرگ (Rune Stenberg) نىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى داۋاملىشىۋاتقان يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي يوقىتىش سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ-توي ئادەتلىرىدە جىددىي ئۆزگىرىش ۋە خىرىسلار كېلىپ چىققان. خىتاي نۆۋەتتە مۇستەملىكىچى دۆلەتلەر ئەزەلدىن قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى تۈرلۈك ئۇسۇل ۋە ۋاسىتىلەر بىلەن يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە ئىكەن.

دەرۋەقە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقىنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىلىرىنىڭ بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ-توي ئادەتلىرىگە قىلىۋاتقان بۇزغۇنچىلىقى ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايغا تېگىشكە قىزىقتۇرۇش تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئارقىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدە داۋاملىشىۋاتقان مۇستەملىكىچىلىك ۋە مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ تەسىرى بار دېيىشكە بولىدىكەن.

ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى، ئانالىزچى تېڭ بياۋ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتاي ئەرلىرى بىلەن توي قىلىشىنى تەشۋىق قىلىدىغان ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئاساس يارىتىدىغان بىر قاتار «نىكاھ-توي ئىسلاھاتى» ھەققىدىكى سىياسەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە، «جەنۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق كېلىشىمى» دە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بېرىلگەن ئىزاھاتنىڭ بەزى مەزمۇنى بىلەن باغلىنىشى بارلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئىرقىي قىرغىنچىلىق كېلىشىمىنىڭ بەش ئۆلچىمى بار. مەجبۇرىي نىكاھ بۇ بەش ئۆلچەمنىڭ بىرىگە بىۋاسىتە ماس كەلمەيدۇ. ئەمما ئۇنىڭ بۇنىڭ ئىچىدىكى تۆتىنچى تۈر بىلەن مۇناسىۋىتى بار. بۇ ئىزاھاتلار بولسا كوللېكتىپنى (مىللەت ئەزالىرىنى) ئۆلتۈرۈش؛ كوللېكتىپقا ئېغىر جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن زىيان يەتكۈزۈش؛ كوللېكتىپنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھاياتىنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن بۇزۇش؛ بۇ كوللېكتىپنىڭ بالىلىق بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان تەدبىرلەرنى قوللىنىش، بالىلارنى بىر كوللېكتىپتىن يەنە بىر كوللېكتىپقا مەجبۇرىي يۆتكەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، كوللېكتىپ كۆپىيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بەزى ۋاسىتىلەرنى يولغا قويۇش بار. شۇڭا خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئەرلىرى بىلەن توي قىلىشقا تەشۋىق قىلىشى مانا بۇ تۆتىنچى تۈر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەلۋەتتە، ئىككىنچى تۈر بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭلاشقا، بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، گەرچە خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرى بىۋاسىتە بۇ ئۆلچەملەرنىڭ بىرىگە كىرمىسىمۇ، بۇ مەجبۇرىي ياكى يېرىم مەجبۇرىي نىكاھلىنىش ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدا قىلىۋاتقان باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ داۋاملىشىشى ھېسابلىنىدۇ.»

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ تور چولپانلىرىنى ۋاسىتە قىلىپ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئەرلىرى بىلەن توي قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش تەشۋىقاتلىرىغا سەل قاراشقا بولمايدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار بۇ مەسىلىنى كونكرېت نۇقتىدىن لاگېر ئىچى ۋە سىرتىدا ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچراۋاتقان بېسىم ۋە خورلۇق بىلەن، چوڭ جەھەتتىن بولسا يېڭىچە مۇستەملىكىچىلىك ۋە مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى بىلەن باغلاپ كۆزىتىشى ۋە تەكشۈرۈشى كېرەك ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.