يېڭى دوكلات: «‹قۇرئان› ئۆگىنىشنىڭ 20 يىللىق بەدىلى: ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە دىنىي زىيانكەشلىك»
2024.02.08
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى يېقىندا «قۇرئان ئۆگىنىشكە 20 يىل: ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە دىنىي زىيانكەشلىك» (Twenty Years for Learning the Quran: Uyghur Women and Religious Persecution) ماۋزۇلۇق بىر دوكلات ئېلان قىلغان. بۇ دوكلاتنى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى رەيچېل ھاررىس (Rachel Harris) خانىم بىلەن ئۇيغۇر ئانا تىل پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ بىرلىكتە يېزىپ چىققان. دوكلاتتا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ رەت قىلىنىشى، ئۇلار ئۇچراۋاتقان سىستېمىلىق زىيانكەشلىك ۋە ھەددىدىن ئاشقان ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرى يورۇتۇپ بېرىلگەن.
بىز بۇ دوكلاتنىڭ ئاپتورلىرىنى زىيارەت قىلىپ، مەخسۇس ئۇيغۇر ئايال دىنىي زاتلار ئاساسىي تېما قىلىنغان بۇ دوكلاتنىڭ قانداق ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى سورىدۇق. پروفېسسور رەيچېل ھاررىس خانىم بۇ دوكلاتنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئىلگىرى ئېلان قىلغان «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىماملىرى ۋە دىنىي زاتلىرىغا قاراتقان زىيانكەشلىكى» ماۋزۇلۇق دوكلاتقا تولۇقلىما خاراكتېرلىك بىر دوكلات بولغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ دوكلاتنى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئىلگىرى ئېلان قىلغان دوكلاتنىڭ تولۇقلىمىسى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ دوكلات چىققاندا بىز ئۇيغۇر ئايال دىنىي زاتلىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى رەھبەرلىك ئورنىغا مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنىڭ يوقلۇقىنى، بۇنىڭ تولىمۇ چوڭ بوشلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، بۇ ھەقتە ئايرىم دوكلات يېزىشنى قارار قىلدۇق.»
دوكلاتنىڭ يازغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ بىزگە دېيىشىچە، 2016-2017-يىللىرى باشلانغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇندا ئۇيغۇر ئايال دىنىي زاتلارمۇ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇنغا ۋە ئېغىر قاماق جازالىرىغا ئۇچرىغان ئىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى مۇستەقىللىقىنى قوغداشتىكى مۇھىم ئامىل بولغان ئايال دىنىي زاتلارنىڭ-بۈۋۈم ھەمدە دىنىي ئۇستازلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى مۇھىم مەسىلە ئىكەن.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ قېتىملىق دوكلات ئۇيغۇر ئايال دىنىي زاتلىرى ھەققىدە بولدى. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب بۇ ئاياللار ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ، ئۆرپ-ئادىتىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈلۈشىدە، مەنىۋى مۇستەقىللىقنى ساقلاپ قېلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان. مەسىلەن، ئۇلار تۇغۇت ئانىلىقىدىن تارتىپ، بىر بالا چوڭ بولغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى قىرقىنى چىقىرىش، خەتنە، گۈل چاي دېگەندەك بارلىق مۇراسىملاردا ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. ئۇلار ئۆلۈم-يىتىم بولغاندىمۇ نەزىر-چىراغ ئىشلىرىنىڭ بېشىدا بولىدۇ. ئۇلار بىر مەدەنىيەتنى داۋام قىلغۇزىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى دېگەنلىك، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يوقىتىلىشى دېگەنلىك بولۇپ، بۇمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مۇھىم ئىپادىلىرىنىڭ بىرى.»
دوكلات ئاپتورلىرىنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار بۇ دوكلاتنى تەييارلاپ چىقىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئايال دىنىي زاتلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى ھەر قايسى دەۋرلەر بويىچە تەتقىق قىلىپ چىققان ئىكەن. رەيچېل خانىمنىڭ دېيىشىچە، ئۇيغۇر ئايال دىنىي زاتلىرى دەسلەپكى يىللاردا ئۇيغۇر ئەر دىنىي زاتلىرىدەك تەقىبلەنمىگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ ۋەزىيەت كېيىن ئۆزگەرگەن.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بىز بۇ دوكلاتنى تەييارلاش ئۈچۈن تاكى 1950-يىللاردىن تارتىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئايال دىنىي زاتلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىغا دائىر تارىخىي ماتىرىياللارغا قاراپ چىقتۇق. دىققىتىمىزنى تارتقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئايال دىنىي زاتلارنى ئەر دىنىي زاتلاردەك بەك قاتتىق تەقىبلىمىگەنلىكى بولدى. مەسىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەر دىنىي زاتلارنى، ئىماملارنى ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى مەكتەپلەردە تەربىيەلەپ، ئۇلارنى ھۆكۈمەت مەسجىتلىرىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق كونترۇل قىلغان، بىراق بۈۋۈملەرنى ئۇنداق قىلمىغان. ئەمما ۋەزىيەت كېيىنكى يىللاردىكى ‹دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش› ھەرىكىتى ۋە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇننىڭ باشلىنىشى بىلەن ئۆزگەرگەن.»
ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دە دىنىي سەۋەبلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان 1200 نەپەردىن ئارتۇق ئايالنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ چىققان ھەمدە بىر قىسىم شاھىتلار بىلەن كۆرۈشكەن. بۇ پاكىتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۈۋۈملەر ۋە ئۇستازلارنى، دىنىي تەلىم-تەربىيە ئالغان ئاياللار ۋە ياكى بالىلىرىغا دىن ئۆگەتكەن ئاياللارنى «دىنى ئاشقۇنلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىش» ياكى «دىنىي ئەسەبىي تەشكىلات قۇرۇش» قا ئوخشاش جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى كۆرگەن.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز بۇ دېلولارنى تەكشۈرۈش جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹ئەسەبىي› دەپ قامىغان ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ كىچىك ۋاقتىدا بوۋىسى ياكى مومىسىدىن قۇرئان ئۆگەنگەن ياكى مومىسى بىلەن خەتمىگە قاتناشقان ۋە ياكى بىرەر بۇۋۈمنىڭ چېيىغا بېرىپ ئولتۇرغانلار ئىكەنلىكىنى كۆردۇق. خىتاي ‹دىنىي ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلغان› دەپ ئەيىبلىگەنلەر بولسا كىچىك ۋاقتىدا دىن ئۆگەنگەنلەر ياكى پەرزەنتلىرىگە دىن ئۆگەتكەنلەر ئىكەن. ‹ئەسەبىي تەشكىلاتلارنى قۇرغان› دەپ ئەيىبلەنگەنلەر بولسا ھېكمەت ئېيتقان ئاياللار ئىكەن. خىتاي يەنە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چايلىرىنىمۇ ئەيىبلەپ ئۇلارنى ‹دىنىي تەشكىلات قۇرغان› دېگەن. قىسقىسى، خىتاي دەۋاتقان بۇ ‹ئەسەبىيلىك ۋە رادىكاللىق› ئەيىبلەشلىرىنىڭ خەلقئارالىق ئۆلچەملەردىكى ئەسەبىيلىك ۋە دىنى رادىكاللىق بىلەن قىلچىلىكمۇ ئالاقىسى يوق.»
پروفېسسور رەيچېل ھاررىس خانىم سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئايال رەھبەرلىرىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تۇتقۇن ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقەللىي دىنى ساۋاتلارنى بالىلارغا ئۆگىتىدىغان ئادىتىنى يوق قىلىش، جۈملىدىن دىننى سىقىپ چىقىرىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئاخباراتلىرى داۋاملىق تۈردە ‹بىز ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئىسلام دىنىنىڭ قالاق ئادەتلىرىدىن قۇتۇلدۇردۇق› دېگەننى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. بىراق بىز شاھىتلاردىن ۋە ‹ساقچى ھۆججىتى›دىكى ئۇچۇرلاردىن كۆرگەن ئەمەلىيەت، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مۇھىم رولى بولغان، رەھبەرلىك رولى بولغان ۋە ھەتتا ئىقتىسادىي رولى بولغان ئاياللارنىڭ نىشانغا ئېلىنغانلىقى بولدى. بۇ بىر جەمئىيەتتىكى ئاياللارنىڭ كۈچىگە قىلىنغان ھۇجۇمدىن ئىبارەت.»
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، دىنغا باغلىنىپ قولغا ئېلىنغان ئاياللار ئىچىدە نۇرغۇن ياشانغان ئاياللار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا 80 ياشتىن ئاشقانلار ئىكەن. بۇ ئاياللار 20-30 يىل ئىلگىرى دىن ئۆگەنگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئەينى چاغدىكى يېشى بەش ياكى ئالتە ياش ئەتراپىدا ئىكەن. «شىنجاڭ ساقچى ھۆججىتى» دا تىلغا ئېلىنغان بىر ناھىيەدىنلا 91 ئايال دۆلەت تەرىپىدىن رەسمىي ھالدا بۈۋۈم دەپ تىزىمغا ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان بولسا، قۇرئان ئۆگىنىش، ھىجاپلىنىش قاتارلىقلار «جىنايەت» دەپ بېكىتىلىپ ئېغىر قاماق جازالىرى بىلەن جازالانغان.
رەيچېل ھاررىس خانىم ئۇيغۇر ئايال دىنىي رەھبەرلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، تۈرمىگە تاشلىنىشى ھەم شۇنداقلا بالىلارنىڭ دىنىي تەربىيە بىلەن جەمئىيەتلىشىشىنىڭ جىنايەتلەشتۇرۈلۈشىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ دوكلاتنىڭ غەربتىكى ئاياللار تەشكىلاتلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ مەقسىتىمىز بۇ دوكلات ئارقىلىق غەربتىكى ئاياللار تەشكىلاتلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت. ھازىرغىچە بىز دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللىغانلىقىنى كۆردۇق. بىراق ئاياللار تەشكىلاتلىرى، فېمىنىزم قۇرۇلۇشلىرى سۈكۈتتە قالدى. مەنچە ئايال دىنىي زاتلارنىڭ بېسىمغا ئۇچراش مەسىلىسى فېمىنىزم تەشكىلاتلىرىغىمۇ مۇناسىۋەتلىك مەسىلە.»
مەلۇم بولۇشىچە، 1-فېۋرال كۈنى ئېلان قىلىنغان «‹قۇرئان› ئۆگىنىشنىڭ 20 يىللىق بەدىلى: ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە دىنىي زىيانكەشلىك» ناملىق دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇر ئاياللىرى لاگېر ۋە تۈرمىلەردە ئۇچراۋاتقان جىنسىي پاراكەندىچىلىك، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىش، بالا چۈشۈرۈش ۋە مەجبۇرىي نىكاھلىنىش قاتارلىق مەزمۇنلارمۇ تەكىتلەپ ئۆتۈلگەن.