بۇغرا ئەركىن: «ئامېرىكادا رېستوران ئېچىپ تىرىكچىلىك قىلغاچ، مىللەت ئۈچۈن ئاز-تولا خىزمەت قىلىۋاتىمىز»
2021.02.23
ئۇيغۇر رېستۇرانلىرى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم تىجارەت يولى بولۇپلا قالماي، ئۇيغۇرلارنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى باشقىلارغا تونۇتۇشنىڭ مۇھىم كۆزنىكى بولۇپ قالماقتا. بۇنىڭ بىر مىسالى سۈپىتىدە ئامېرىكىنىڭ ۋاشنىگتون رايونى ۋە كالىفورنىيە شتاتىدا ئېچىلغان ئۇيغۇر رېستۇرانلىرىنىڭ ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتىنى ئامېرىكالىقلارغا بىلدۈرۈش بىلەنلا قالماي، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا بىلەن دىپلوماتىك باغلىنىشى ۋە ئۇيغۇر پاجىئەسىنى جامائەتكە بىلدۈرۈشتە تېگىشلىك رول ئويناپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ماقالىلەر ئېلان قىلىنىپ كەلمەكتە.
يېقىندا ئامېرىكادىكى داڭلىق يېمەك-ئىچمەك، مېھمانخانا مۇلازىمىتى تورى بولغان Resy تورىدا لوس ئانژېلىس شەھىرى ئالھامبارا رايونىدىكى دولان رېستورانى ۋە ۋاشىنگتون رايونىدىكى دولان رېستورانى ھەققىدە بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ رېستورانلارنىڭ يەرلىك ئامېرىكا خەلقىگە ئۇيغۇر تائاملىرىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقى يورۇتۇپ بېرىلگەن.
لوس ئانژېلىستىكى دولان رېستورانى خوجايىنى بۇغرا ئەركىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ رېستورانغا مۇناسىۋەتلىك كەچمىشى، تىجارەت غايىسى ھەم مىللىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.
ئۇ، بۇ رېستۇراننى ئېچىشقا سەۋەب بولغان ئاساسلىق ئامىلنىڭ پۈتۈن مىللەتنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇم، يەنى ئۇيغۇر دىيارىدا 2017-يىل ئەۋجىگە چىققان كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە قەبىھ زىيانكەشلىك ئىكەنلىكىنى، ئۆز يۇرتىغا قايتالمىغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكادا قېلىپ بۇ تىجارەتنى باشلىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ 2017-يىل جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەلقئارا سىياسەت ۋە سودا كەسپىدە ماگېستېرلىقتا ئوقۇۋاتقاندا ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە بېيجىڭغا تەتقىقات ئۈچۈن بارغاندا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئاۋارە قىلىشىغا ئۇچرىغان. ئۈرۈمچىگە بارغاندا ئىككى كېچە سوراق قىلىنغان. شۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتنىڭ خەتىرىنى ھېس قىلىپ ئامېرىكىغا قايتىپ كەتكەن. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تۇتۇلۇپ كەتكەن خەۋىرىنى ئاڭلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ئامېرىكىدا قېلىپ ئۆزى ئۈچۈن يول تېپىش قارارىغا كەلگەن ۋە 2019-يىل 1-ئايدا لوس ئانژېلىس شەھىرى ئالھامبارا رايونىدا دولان رېستورانىنى ئاچقان.
بۇغرا ئەركىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ رېستۇراننى ئېچىشنى پىلانلىغاندا ئۇيغۇر تائاملىرىنى ئامېرىكالىقلارغا تونۇتۇشنى مەقسەت قىلغان، شۇنداقلا بۇ تائاملارنىڭ بازار تاپىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنگەن. كورونا ۋىرۇسى يامرىغان مەزگىلدىمۇ ئۇنىڭ سودىسى ياخشى بولغان، لوس ئانژېلىسنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن خېرىدارلار ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېلىپ، بۇ رېستوراندا تاماق يەپ كەتكەن.
بۇغرا ئەركىننىڭ ئېيتىشىچە، دولان رېستورانى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرىدىغان كىچىك كۆزنەك بولۇپ، بۇ يەرگە تاماق يېگىلى كەلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇ ھەقتە بەلگىلىك مەلۇمات ئالالايدىكەن. چۈنكى بۇ رېستوراندا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئىپادىلەيدىغان بېزەكچىلىك، چالغۇ ئەسۋاب، ئەتلەس، نەپس چۆگۈن، چىنە-قاچا قاتارلىق ماددىي ئەشيالار كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىكەن، تېلېۋىزور ئېكرانلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مەنزىرىلىرىگە ماس ھالدا كىرىشتۈرۈلگەن ئۇيغۇر مۇقاملىرى ۋە ناخشا-ئۇسۇللىرى قويۇلۇپ تۇرىدىكەن.
بۇغرا ئەركىننىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتى ئۆز ۋاقتىدا شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرىدىغان يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقان ئۇيغۇر دىيارىدا بارلىققا كېلىپ بۈگۈنگە ئۇلاشقان، كۆپ خىل مەدەنىيەتنىڭ جەۋھەرلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن مەدەنىيەت بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ تائام مەدەنىيىتى بىلەن ئورتاقلىققا، شۇنداقلا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە، باشقىلار ئۇيغۇر تائاملىرىدىن ھۇزۇرلانغاندا بۇ يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىدىكەن.
بۇغرا ئەركىن رېستوران ئېچىش بىلەن بىر ۋاقىتتا خېرىدارلارغا ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن زۇلۇمنى ئاڭلىتىپ كەلگەن. ئالدى بىلەن ئۆز ئائىلىسى دۇچ كەلگەن پاجىئەلەرنى سۆزلەش ئارقىلىق كۆپلىگەن كىشىلەرگە ۋە مۇخبىرلارغا ئۇيغۇر رايونىنىڭ بۈگۈنكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان. ئاندىن رېستوراندا ئىشلەيدىغانلار ئۈچۈن قارا مايكا ئىشلەپ، بۇ مايكىنىڭ ئالدى تەرىپىگە «Google Uyghur» (ئۇيغۇرلارنى گوگۇللاپ باق)، كەينى تەرىپىگە «Close Camps) (لاگېرلارنى تاقا) دېگەن خەتلەرنى باستۇرۇپ، خېرىدارلارنىڭ قىزىقىشنى قوزغىغان. بازفىد مېدىياسى ئۇلارنى زىيارەت قىلىپ تاماق پروگراممىسى ئىشلەپ يۇتۇبقا قويغاندا بۇ مايكىدىكى خەت ئالاھىدە ئۈنۈم ياراتقان.
دولان رېستورانى يەنە 2019-يىل 11-ئايدا خەلقئارالىق كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى لوس ئانژېلىس شۆبىسى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە پائالىيەت ئۆتكۈزگەن، CNN، BBC مۇخبىرلىرىنى كۈتۈۋالغان ۋە ھەر قېتىملىق ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى ئاڭلىتىپ كەلگەن.