ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسقا قارشى سېھرىي كۈچىنى كۆرسەتمەكتە

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2023.01.06
uyghur-tebabet-tibabet-dorigerlik-1.jpg تۇنجى نۆۋەتلىك خىتاي-ئاسىيا-ياۋروپا يەرمەنكىسىگە خوتەن شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ «ئەنسار» ئۇيغۇر دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتى ئۆزىنىڭ دەستۇر ئالاھىدە چېيى قاتارلىق ئۈچ خىل چاي ۋە 300 نەچچە خىل خام دورىسىنى يەرمەنكىگە قويغان. 2011-يىلى سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
uy.ts.cn

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 4-يانۋار خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى «خىتاي تېبابىتى دورىلىرىنىڭ كورۇنا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنى داۋالاشتىكى ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىش ئۇقتۇرۇشى» چىقىرىپ، خىتاي ئەنئەنىۋى تېبابىتىنى غەرب تېبابىتى دورىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ كورۇنا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ داۋالاشنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئۇقتۇرۇشتا داۋالاش ئاپپاراتلىرى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئورتاق ئالامەتلىرى بولغان يۇقىرى ۋە ئوتتۇر خەتەرلىك بىمارلىرىنى قوبۇل قىلغاندا، كلىنىكىلىق داۋالاشنىڭ پرىنسىپلىرىدىن ئاۋۋال خىتاي تېبابىتىنى ئىشلىتىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

ئۇنىڭدا يەنە: «بۇ تەدبىر ئارقىلىق كېسەللىكنىڭ ئېغىر كېسەلگە ئايلىنىشىنى ئازايتىش؛ يەرلىكنىڭ خىتاي تېبابىتى توغرىسىدىكى ئەمەلى قوللىنىش ئەھۋالىغا ئاساسەن رېتسېپ تەييارلاپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنى داۋالاش، بىمارلارنىڭ دوختۇرخانىدا زىيارەتتە بولۇش ۋە ساقلاش ۋاقتىنى قىسقارتىش، مەسلىھەت سوراش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتەك ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ» دەپ ئىزاھات بېرىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ جايلاردىكى سەھىيە خىزمىتىگە دائىر خەۋەرلىرىدىن مەلۇمكى، ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، خىتايدىكى ھەر دەرىجىلىك سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە مەسئۇل تارماقلىرى يېزا-بازار ساغلاملىق مەركەزلىرىگىچە، پۈتۈن خىتايدا خىتاي تېبابىتى دورىسى ئارقىلىق كورۇنا ۋىرۇسىدىن مۇداپىئە كۆرۈش دولقۇنى قوزغالغان.

جۈملىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا قويغان پارتكون سېكرېتارى ما شىڭرۈي 4-يانۋار، دەرھال سىنلىق يىغىن چاقىرىپ ماس ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان.

2023-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ما شىڭرۇي سىن يىغىنىدا پۈتۈن رايوندىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىشتا، شى جىنپىڭنىڭ قارارى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى پۈتكۈل رايون سىياسىي ھۆكۈم، سىياسىي چۈشىنىش ۋە سىياسىي ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ما شىڭرۇي بارلىق جايلار ۋە تارماقلارنى خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى تېبابىتى ۋە مىللەتلەرنىڭ خاس مىللىي ئەنئەنىۋى تېبابىتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

ئۆتكەن ئاي يۇقىرىى دولقۇنغا كۈتۈرۈلگەن يېڭى يۇقۇم مەزگىلىدە، ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى دوختۇرخانىلاردا قوللىنىش ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەشكە تىرىشتۇق.

ئاقسۇ شەھەرلىك دوختۇرخانىغا قىلغان تېلېفونىمىزغا جاۋاب بەرگەن بىر نۆۋەتچى دوختۇر، ئۆزلىرىنىڭمۇ مەركەزنىڭ تارقاتقان، يۇقۇمنى كونترول قىلىش ۋە ئېغىر ئاغرىقلارنى داۋالاشتا جۇڭگو ئەنئەنىۋى دورىلىرىنى قوللىنىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى، بۇ دوختۇرخانىدا ئاساسلىق زۇكام دانچىسى قاتارلىق دورىلار قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دوختۇر: «شىنجاڭنىڭ مىللىي تېبابەت دورىلىرى ئۆزىنىڭ خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى نامايان قىلىپ كەلدى. بولۇپمۇ تاجسىمان ۋىرۇسنى داۋالاش ۋە كونترول قىلىشقا ئالاھىدە تۆھپە قوشتى. بىز دوختۇرخانىمىزغا كەلگەن ئېغىر يۇقۇمدارلارغا 3 كۈن ئىچىل بۇ دورىلارنى ئىشلىتىپ كۆزىتىش جەريانىدا ئىپادىلەندىكى قىزىتمىسى تۆۋەنلەپ، ئاساسەن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقىش نىسبىتى كۆتۈرۈلمەكتە»، دېدى.

خىتاينىڭ ئاقسۇدىكى بىڭتۇەن-1 دېۋىزىيە دوختۇرخانىسىغا تېلېفون ئۇلاندى. خىتاي سېسترا مەملىكەت بويىچە قايتا يۇقۇم دولقۇنىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇر دىيارى ۋە بىڭتۇەن دوختۇرخانىلىرىدىمۇ يۇقۇمدارلارنىڭ كۆپىيىپ، ئەھۋال قايتا جىددىيلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، رەسمىي بىمار ۋە يۇقۇم سانلىق مەلۇماتىنى ئاشكارىلىمىدى.

ئۇ يەنە يەرلىك ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنى قوللانغاندىن بۇيان، بۇ دورىلارنىڭ كورۇنا ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرىنىڭ كېسىلىنى كونترول قىلىشتا، بولۇپمۇ قىزىتما ۋە يۆتەلگە ئالاھىدە مەنپەئەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما ئۇ ۋىرۇسقا قارشى ئىشىتىۋاتقان ئۇيغۇر دورىلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى تۈزۈك بىلمەيدىغانلىقى ئېيتتى تەرجىمە قىلىپمۇ بېرەلمىدى.

پۈتۈن دۇنيا كورۇنا ۋىرۇسىنىڭ تەكرار ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئۇنىڭغا قارشى تېخى ئۇنۇملۈك بىر دورىمۇ تېپىلمايۋاتقان شارائىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئەنئەنىۋى تېبابىتى رامكسى ئاستىدا ئۇيغۇر دورىگەرلىك ساھەسىنى كۈچەيتىدىغانلىقى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تېبابىتى مۇتەخەسسىسلىرىدە ئەكسىچە ئەندىشە پەيدا قىلماقتا.

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى كەسپىدىكى تەجرىبىلىك تېۋىپلاردىن، 2016-يىلىدىن بۇيان تۈركىيەدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان، ئۇيغۇر تېبابەت ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى، پروفېسسور مۇتەللىپ ئېلى ھاجى ئەمچى ئۇيغۇر تېببىي دورىگەرلىك بايلىقى خىتاينىڭ قولىغا ئۆتكەندىن بۇيان گەرچە زور مىقداردا سانائەتلەشتۈرۈلىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا ھېچ بىر يېڭىلىق قوشۇلمىغانلىقى، ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان زۇكام دانچىسى ۋە زۇكام كۇمىلىچى قاتارلىق دورىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەسلىدىكى ئەنئەنىۋى رېتسېپلار ئاساسىدا ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇتەللىپ ئەمچىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسقا قارشى ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىدىن گۇمان يوق بولۇپ، ئۇ گەرچە مەخسۇس تاجسىمان ۋىرۇسقا قارشى ئىشلەنگەن دورا بولمىسىمۇ، لېكىن زۇكام دانچىسى، زۇكام شەربىتى قاتارلىق ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى دورىلىرى ھازىرغىچە تارقىلىۋاتقان ئۆتكۈر يۇقۇشچان زۇكام ۋە تاجسىمان ۋېرۇس سەۋەبلىك بىمارلاردا كۆرۈلۈۋاتقان، نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ئۆزىنىڭ كارامىتىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتىكەن.

يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇس پۈتۈن دۇنياغا تارالغاندىن بۇيان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تېبابەت خادىملىرى تۈركىيە ۋە باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ ئەنە شۇ خىل ئەنئەنىۋى ئۇسۇل ۋە رېتسېپلار بىلەن داۋالاپ يۇقىرى ئۈنۈم ھاسىل قىلماقتىكەن.

2022-يىلى 24-يانۋار، تەڭرىتاغ تورىنىڭ تارقاتقان خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى دورا سانائىتىنىڭ سېتىش كىرىمى 2021-يىلى تەخمىنەن 8 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.5 ئاشقان. ھازىر رايوندا 64 دورا سانائىتى شىركىتى بار بولۇپ ئەمما بۇ تۈر ۋە كارخانىلارغا ئىگىدارلار ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بار يوقلۇقى مەلۇم ئەمەس.

«بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانى بويىچە، ئۇيغۇر دورىگەرلىكى ساھەسى 2016-يىلى ئۆزبېكىستاندا تارماق شىركەت قۇردى ھەمدە ئارقا-ئارقىدىن زۇكام كاپسۇلى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىنىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەڭ-كۆلەملىك ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى داۋامىدا، بولۇپمۇ 2017-يىلىدىن ئېتىبارەن دوكتور خالمۇرات غوپۇرغا ئوخشاش ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدىكى نۇرغۇنلىغان سەرخىللەرنىڭ سىستېمىلىق باستۇرۇلغانلىقى، پاتېنت ۋە تەتقىقات تۈرلىرىنىڭ تارتىۋېلىنىشقا ئۇچرىغانلىقى ھەر خىل مەنبەلەردىن ئايان بولۇپ كەلمەكتە. دوكتور خالمۇرات غوپۇر تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، 2019-يىلى «شىنجاڭ ئۇيغۇر دورىگەرلىكى» شىركىتى ئىشلەپچىقارغان زۇكام كۇمىلىچىنىڭ سېتىلىشى خىتاينىڭ ئېغىز بوشلۇقى پاتېنتلىق دورا مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە 11-ئورۇنغا تىزىلغان.

مۇتەللىپ ھاجى قاتارلىق ئۇيغۇر تېبابىتى مۇتەخەسسىسلىرى بولسا، خىتاينىڭ تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنى كونترول قىلىشتا، خىتايدىكى ئەنئەنىۋى تېبابەت ۋە دورىلارنى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىشتىن ئىبارەت يېڭى ئىستراتېگىيەسى ھەم بۇنىڭدا «مىللىي تېبابەت دورىلىرى» نامى ئاستىدا ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنى ئېچىشنى ۋە قوللىنىىشنى كۈچەيتىش قارارى بىرقانچە مىڭ يىللىق ئۇيغۇر دورىگەرلىكىنىڭ ھەقىقەتەن داۋالاش ئۈنۈمى يۇقىرى ۋە قىممەتلىك تېببىي بايلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.