ئۇچتۇرپاندىكى بىر ئوقۇتقۇچى قىيىنچىلىقى بار ئىككى ئوقۇغۇچىسىغا ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن 14 يىللىق كېسۋېتىلگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2021.09.08
toqquzaq-birinji-ottura-mektep.jpg ياتاق بىناسى تەربىيەلەش مەركىزىگە ئايلاندۇرۇلغان توققۇزاق بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپ. 2017-يىلى، سېنتەبىر.
RFA/Abduweli Ayup

ئۇيغۇر رايوندا 2017 ‏-يىلىدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان زور تۇتقۇندا، قىلغان خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئىپادىسى» دەپ قارىلىپ كېسىۋېتىلگەنلەرنىڭ سانى ئاز ئەمەس. كۆپىنچە ھاللاردا تىجارەتچىلەر بۇ قالپاق بىلەن «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەن بولسا، ئۇچتۇرپاننىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى كېرەم ئابدۇراخمان قېيىنچىلىقى بار ئىككى ئوقۇغۇچىسىغا ئىقتىسادىي ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن 14 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. دېيىلىشىچە، بۇ كېسىمگە ئۇنىڭ مەزكۇر ئىككى ئوقۇغۇچىسىنىڭ تېلېفونىدىن «چاتاق» چىقىپ قولغا ئېلىنىشى تۈرتكە بولغان ئىكەن.

ئۇچتۇرپانلىق مۇھاجىرلاردىن بىرى ئۆتكەن ھەپتە رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، ئۇچتۇرپاننىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى كېرەم ئابدۇراخماننىڭ قىيىنچىلىقى بار ئىككى ئوقۇغۇچىسىغا ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن 14 يىللىق كېسېىۋېتىلگەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى. ئۇچتۇرپاندىكى ئەدلىيە خادىملىرى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. ئىنكاستا دېيىلىشىچە، مەزكۇر ئىككى ئوقۇغۇچى ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن، باشلانغۇچنىڭ4 ‏-يىللىقىدىلا ئوقۇشنى توختاتقان ۋە قۇرۇلۇشلاردا ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان. بۇ ئىككى ئوقۇغۇچىسنىڭ دەرس نەتىجىلىرىنىڭ ياخشىلىقىدىن خەۋىرى بولغان كېرەم ئابدۇراخمان، ئۇلارنى ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ، ئۈرۈمچى كەسپىي ئوتتۇرا مەكتىپىگە بوغالتىرلىق ۋە ئاشپەزلىك كەسپى بويىچە ئوقۇشقا يولغا سالغان. ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە 1 يىل قالغان مەزگىلىدە، ئىلگىرى ئىشلەتكەن تېلېفوندىن «چاتاق» چىقىپ تۇتۇپ كېتىلگەن. بۇ تۇتقۇن ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىسى كېرەم ئابدۇراخماننىڭمۇ سوراق ئۈستىلىگە كېلىشىگە سەۋەپ بولغان.

خەۋەر ئارخىپلىرىمىزنى ئاختۇرغىنىمىزدا، ئۇچتۇرپان ئىماملىرىدىمدىن ئۈرۈمچى كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇشقا بارغان ۋە تۇتۇپ كېتىلگەن ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ 16 ياش ۋە 17 ياشلىق ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ۋە ئابدۇكېرىم ئابدۇرېھىم ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. شۇ چاغدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا دەلىللىنىشىچە، ئاكىسى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم دەرس ئاڭلاۋاتقان سىنىپىدىن، ئۇكىسى ئابدۇكېرىم ئابدۇللا بولسا پراكتىكا قىلىۋاتقان ئاشخانىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. ئۇلار «تەربىيەلەش» تە 2 يىلچە تۇتۇپ تۇرۇلۇپ، ياشلىرى 18دىن ئاشقاندا 5 يىللىقتىن كېسىۋېتىلگەن.

بىز بۇ ئىككى ئوقۇغۇچىغا ياردەم قىلغان ئوقۇتقۇچىسى كېرەم ئابدۇراخماننىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئۇچتۇرپان ئىماملىرىمدىكى ئالاقىدار كەنت ساقچىسىدىن مەلۇمات سورىدۇق. مەزكۇر خادىم يۇقىرىقى ئىككى ئوقۇغۇچىغا ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغان ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىسمى كېرەم ئابدۇراخمان ئىكەنلىكى ۋە تۇتۇلۇشتىن ئىلىگىرى12 ‏-كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىدە خىزمەت قىلغانلىقىنى دەلىللىدى. كېرەم ئابدۇراخماننىڭ 14 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان بۇ خادىم، ئۇنىڭ كېسىلىشىگە مەزكۇر ئىككى ئوقۇغۇچىغا ياردەم قىلغىنىدىن باشقا يەنە ئايالى تەرەپتىكى تۇغقانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى سىياسىي تۇتقۇن بولۇشىنىڭمۇ سەۋەپ بولغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە سوئاللىرىمىزغا جاۋابەن كېرەم ئابدراخماننىڭ تەكشۈرۈلۈش داۋامىدا پىلاندىن ئارتۇق بىر پەرزەنتى سەۋەبلىكمۇ «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە باغلانغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يۇقۇرىدا ئۇچتۇرپان ئىماملىرىمدا بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئىككى ئوقۇغۇچىسغا ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن 14 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.