خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 3 مىليونغا قەدەر ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى تۇتقۇن قىلىپ لاگېرلارغا سولىغانلىقى 3 يىلدىن بۇيان خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەنقىد قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ لاگېرلارغا يانداش ھالدا قۇرغان زاۋۇتلارغا ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، خىتايلار مەبلەغ سالغان زاۋۇت كارخانىلارغا، كۆپلەپ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ھالدا ئەرزان ئەمگەك كۈچى ئورنىدا يۆتكەۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىپ كەلمەكتە ئىدى.
بۇ سەۋەبلىك ئامېرىكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەردە، خىتايدا ئىشلەنگەن پاختا ۋە باشقا توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرىنىڭ، ئۇيغۇرلار قۇلدەك ئىشلىتىلىۋاتقان بۇ زاۋۇتلارغا باغلانغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشمۇ چاقىرىققا ئايلانماقتا ئىدى.
دەپ مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى نامرات ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ زاۋۇتلاردا ئىنتايىن ياخشى كىرىم قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر رەڭگارەڭ تەشۋىقاتلىرى مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى.
3-ئاپرېل «شىنجاڭ گېزىتى» دا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق، جەنۇبتىن جىڭ ناھىيەسىدىكى توقۇمىچىلىق كارخانىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كېلىپ ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر ئايدا 3-4 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇنىڭدا ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ئادەم ۋە ئىجتىمائىي تارماقلىرى ۋە ئەمگەكچى قوبۇل قىلىدىغان ئىشقا ئورۇنلىشىش كارخانىلىرى ئۈندىدار گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، كۆپ تەرەپلەر بىلەن ماسلىشىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ تۇرمۇشتا يولۇققان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلغانلىقى تەشۋىق قىلىنغان.
ئوخشاش تۈردىكى تەشۋىقاتلارنى 2020-يىل 4-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» دىنمۇ كۆرەلەيمىز. ئۇنىڭدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توقۇمىچىلىق سانائىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. خەۋەردە مىسالغا ئېلىنىشىچە، ئەسلى نامرات ئائىلىدىن بولغان مەرھابا ئىبراھىم يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى توقۇمىچىلىق شىركىتىنىڭ توقۇمىچىلىق ئىشچىسىغا ئايلانغاندىن كېيىن ھەر ئايدا 3000 يۈەندىن ئارتۇق مائاش ئالالايدىكەن.
ئىككى يىل ئىلگىرى، يېڭىسار ناھىيەسىدىكى نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان ئانارگۈل ئىككى يىلغا يېقىن ئالغان تېخنىكا تەربىيەلەش مائارىپىدىن كېيىن، ئۇ 400 دىن ئارتۇق خىزمەتچى ئارىسىدا ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنۈپ، ئارقا ئايلانما سېخىنىڭ مۇدىرى بولغان. ئانارگۈل «مېنىڭ ئايلىق مائاشىم ھازىر 3500 يۈەندىن ئېشىپ كەتتى» دېگەن.
خوتەن شەھىرى قۇمباغ يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق بارات مەمتىمىن 2019-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ خوتەندىكى توقۇمىچىلىق شىركىتىگە كىرىپ ئىشلەشكە باشلىغان. بارات مەمتىمىن مۇنداق دېگەن: «مەن بۇ ماشىنىنى مەشغۇلات قىلىشنى ئۆگەندىم، مەن ھەر ئايدا 3000 يۈەندىن 4000 يۈەنگىچە كىرىم قىلالايمەن».
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مول پاختا بايلىقى ۋە ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە تايىنىپ، ئۇيغۇر رايونى بىر قىسىم دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك شىركەتلىرىنىڭ مەبلەغ سالىدىغان جايىغا ئايلانغاندىن بۇيان، توقۇمىچىلىق سانائىتى تېز تەرەققىي قىلغان. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ئىچىدىكى توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ئۇيغۇر دىيارىغا كەڭ كۆلەمدە يەرلەشكەن بولۇپ ئۇلار سىياسەتنىڭ ئۈستۈنلۈكىنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن. كارخانىلارنىڭ خىزمەت ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە يەرلىك دائىرىلەر ياردەم بەرگەن.
دېمەك خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن تۈرلۈك ئەۋزەل شارائىت ۋە سىياسەتلەر ئارقىلىقلا ئەمەس بەلكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر ئوتتۇرىغا قويغاندەك، ئۇيغۇرلارنى يەنە ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە بۇ زاۋۇتلارغا تەمىنلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خوتەندىكى توقۇمىچىلىق شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى يېن جيەنلىن «خىزمەتچىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 1000 غا يېقىنلىشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە% 95 تىن كۆپرەكى خوتەن يەرلىك خىزمەتچىلىرى. كېيىنكى قەدەمدە شىركەتنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى پىلانلىماقتىمىز» دېگەن. ئۇ يەنە، «2025-يىلغا بارغاندا، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىمىز 350 مىڭ تالغا يېتىدۇ، شىركەتنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 1 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. خىزمەتچى 3000 ئادەمگە يېتىدۇ» دېگەن.
خەۋەردە يەنە ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ تەكشۈرگۈچىسى باۋ گۇئاڭتۇنىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، رايوننىڭ جەنۇبىدىكى تۆت ۋىلايەتتە نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشكەن. ھالبۇكى يۇقىرىقى خەۋەرلەردە بۇ زاۋۇتلارنىڭ ئىسمى ۋە ئورنى ئېنىق تىلغا ئېلىنمىغان بولغاچقا، بۇ خىتاي زاۋۇتلىرىغا كىرىپ ئىشلەش ئارقىلىق 3 مىڭ يۈەندىن ئارتىق كىرىم قىلىۋاتقان بۇ ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنى زىيارەت قىلىش ئىمكانىيىتىمىز بولمىدى.
ئەمما بىر ھەپتە ئىلگىرى كۈنشەن شەھىرىدىكى كومپيۇتېر قاتتىق دېتال زاپچاسلىرىنى قۇراشتۇرۇش زاۋۇتىدىكى خىزمىتىنى تاشلاپ، لوپنۇر ناھىيەلىك سانائەت باغچىسىدىكى توقۇمىچىلىق كارخانىسىنىڭ سېخىدا ئىشلەشكە كەلگەن 35 ياشلىق بىر خىتاي ئىشچى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.
ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ مەزكۇر شىركەتنىڭ چىقارغان سائىتىگە 35يۈەندىن 40 يۈەنگىچە ئىش ھەققىدىن باشقا ئايروپىلان بېلىتىنى كۆتۈرىدىغانلىقى، يالغۇز كىشىلىك ياتاق ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقئىدەك ئالاھىدە رىغبەتلەندۈرۈش سىياسەتلىرىنىڭ قىزىقتۇرۇشىدا 6 ئاي ۋە ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئىشلەش ئۈچۈن تېز قارار قېلىپ يېتىپ كەلگەن.
ئۇنىڭ دېيىشىچە ئىلگىرى ئۇ كۈنشەندە ئادەتتىكى ئىشچى سالاھىيىتى بىلەن جىق دېگەندىمۇ سائىتىگە 18 يۈەندىن 20 يۈەن ئەتراپىدىكى ئىش ھەققى بەدىلىگە ئىشلەپ كەلگەن. ھېچقانداق ماھارەت ياكى مەخسۇس تېخنىكىسى يوق تۇرۇپ ئۇيغۇر رايونىدا 40 يۈەنلىك سائەتلىك ئىش ھەققى بىلەن ئىشلەش، يەنى ئېيىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 7 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىش، ئۇنىڭ ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەت ئىكەن.
ئۇنىڭ دېيىشىچە ئەگەر بەلگىلەنگەن 8 سائەتتىن سىرت ئارتۇق سائىتىگە 100 يۈەن ئىش ھەققى ۋە باشقا قەرەللىك ھالدا مۇكاپات ئالالايدىكەن. دېمەك ھېچقانداق ئارتۇق ماھارەت ياكى تېخنىكىسى بولمىغان بۇ خىتاي ئىشچىنىڭ يەرلىك ئۇيغۇر ئىشچىلارغا قارىغاندا ئوخشاش ئەمگەكتىن ئالىدىغان تاپاۋىتى بىر ھەسسە پەرقلىنىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەك؟
ئۇ بۇ سوئالغا، ئۇ: «ئىش ھەققىنى مەن بېكىتمەيمەن، ھازىر خىزمەت تونۇشتۇرىدىغان 3 ۋاكالەتچى ئورۇنلارمۇ كۆپ پايدا ئېلىۋاتىدۇ، بەزى ئىشچىلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئېلىۋاتقان مائاشىنىڭ بىر قىسمىنى شۇ تونۇشتۇرغۇچى شىركەتلەر شۈلۈۋالىدۇ. دېگەنلىرىمگە ئىشەنمىسىڭىز باشقىلاردىن سوراپ بېقىڭ، ئىچكىرىدىكى نۇرغۇن زاۋۇت شىركەتلەرنىڭ بۈگۈنكى سائەتلىك مۇقىم ئىش ھەققى 20 يۈەندىن ئاشمايدۇ. شۇڭا مەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ شىنجاڭغا ئىشلەشكە كەلدىم. مەن بىلەن بىللە ئىشلەشكە چىققان نۇرغۇن ئاچا-سىڭىللارمۇ بار» دېدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە زاۋۇتلارغا يۆتكىلىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭغا قارشى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مائاشلىق ئىشلەۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، خىتاي كارخانىلىرىدىكى ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ كەمسىتىلىۋاتقانلىقى، ئىش ھەققىدىمۇ خىتاي ئىشچىلارغا قارىغاندا ھەسسىلەپ تۆۋەن باھادا ئەرزان ئەمگەك كۈچى بولۇشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىدەك ئەھۋالنى ئىنكار قىلالمايدۇ. چۈنكى خىتاينىڭ ھازىرمۇ تاپقىلى بولىدىغان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانلىرى ۋە بۇ ھەقتە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئېلان قىلىۋاتقان ئۇچۇر ۋە تەشۋىقاتلىرىمۇ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ ئادالەتسىزلىك ۋە ھەقسىزلىكلەرنى دەلىللەيدۇ.
0:00 / 0:00