توققۇزاقنىڭ بىر كەنتىدىن مەمەتياسىن ئۇرايىم قاتارلىق 57 كىشىنىڭ 10 يىللىقتىن يۇقىرى كېسىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2020-05-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
2017‏-يىلىنىڭ بېشىدا تۇتۇلۇپ كېتىلىپ، 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەن مەمەتياسىن ئۇرايىمنىڭ قولغا ئېلىنىشتىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى سۈرىتى.
2017‏-يىلىنىڭ بېشىدا تۇتۇلۇپ كېتىلىپ، 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەن مەمەتياسىن ئۇرايىمنىڭ قولغا ئېلىنىشتىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى سۈرىتى.
Oqurmen teminligen

تۈركىيەدىكى توققۇزاقلىق مۇھاجىرلاردىن بىرى توققۇزاقنىڭ ئوغۇساق يېزا غوجىلا كەنتىدىكى دوستى مەمەتياسىن ئۇرايىمنىڭ 2017‏-يىلىنىڭ بېشىدا تۇتۇلۇپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقانلىقى، ئەمما ئاقىۋىتىدىن ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمايۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا ئوغۇساقنىڭ بىر كەنتىدىنلا مەمەتياسىن ئۇرايىم قاتارلىق 57 كىشىنىڭ 10 يىللىقتىن يۇقىرى كېسىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

توققۇزاقلىق مۇھاجىرنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ يىل 38 ياشلارغا كىرگەن مەمەتياسىن ئۇرايىم كۈنبويى ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولسىمۇ، داۋاملىق پاكىز كىيىنىپ يۈرۈشى، قولۇم-قوشنا ۋە مەھەللە-كۆي بىلەن مۇناسىۋەتتە ئارتۇقچە گەپ-سۆز ۋە تالاش-تارتىشلاردىن ئۇزاق تۇرۇشى، ئائىلىسىدىن باشقا ئىشلارغا بەك كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەسلىكى قاتارلىق تەرەپلىرى بىلەن مەھەللە جامائىتىگە تونۇلغان. شۇڭا 2017-يىلىنىڭ بېشىدا مەمەتياسىن ئۇرايىم «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەندە بۇ ئەھۋال مەھەللە جامائىتىگە تاسادىپىي ۋە ھەيران قالارلىق بىر ۋەقە بولۇپ تۇيۇلغان.

ئىنكاس قىلىنىشىچە، مەمەتياسىن ئۇرايىم تۇتۇلۇشنىڭ ئالدىدا دېھقانچىلىقتىن ئېشىنغان كۈنلىرى توققۇزاق تەۋەلىكىدىكى زاۋۇت ياكى مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەمچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان. شۇڭا بىز مەمەتياسىن ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن توققۇزاقنىڭ ئوغۇساق بازىرىدىكى بىر تۈركۈم ئىش ئورۇنلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى ئوغۇساقتا ھېچقانداق بىر ئىشقا ئارىلاشمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ سەۋەبسىز تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە كېسىۋېتىلگەنلەرنىڭ يالغۇز مەمەتياسىن ئۇرايىم ئەمەسلىكى، ئوغۇساقنىڭ ھەر بىر كەنتىدىن يۈزلەرچە كىشىنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكى يەنە يۈزلەرچە كىشىنىڭ «تەربىيەلەش» تە ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن توققۇزاق ناھىيەلىك ج. خ. قوماندانلىق مەركىزىگە تېلېفون قىلدۇق ۋە ئۇلاردىن ئوغۇساقنىڭ غوجىلا كەنتى يەنى 9‏-كەنتتىنلا جەمئىي قانچە كىشى كېسىلىپ كەتكەنلىكىنى سورىدۇق. ئالاقىدار خادىم ئارخىپتىكى تىزىملىككە قاراپ تۇرۇپ مۇشۇ بىر كەنتتىنلا 57 كىشىنىڭ كېسىلىپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. بۇ خادىمنىڭ بايانلىرىدىن بۇ 57 كىشىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ 25-40 ياش ئارىسىدا ئىكەنلىكى، ئاز بىر قىسمىنىڭ 40-55 ياش ئارىسىدا ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ 57 كىشى ئىچىدىكى مەمەتياسىن ئۇرايىم قول تېلېفونىدا ئاتالمىش «زىيانلىق ئۇچۇر» تارقاتقانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغان.

ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا مەمەتياسىن ئۇرايىم تەۋە بولغان 9-كەنت 1-مەھەللىدە بىر كوچىدىنلا 10 كىشىنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. بۇ مەھەللە باشلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەمەتياسىن ئۇرايىم ئەڭ دەسلەپتە توققۇزاق ئوپالدىكى لاگېرغا ئەكېتىلگەن. مەھەللە كادىرلىرىدىن بىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەمەتياسىن ئۇرايىم تۇتۇپ ئەكېتىلىپ بىر يىلدىن كېيىن ئائىلىسى بىلەن ئېكراندا كۆرۈشتۈرۈلگەن. مەمەتياسىن ئۇرايىمنىڭ ئېكراندىكى ئاجىز قىياپىتى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى چۆچۈتكەن.

يەنە ئاشكارىلىنىشىچە، 5‏-كەنتتىن كېسىۋېتىلگەن 57 كىشى ئارىسىدا ئاياللارمۇ بار بولۇپ، بۇلارمۇ پەقەت قول تېلېفونىدا تاپشۇرۇپ ئالغان ياكى يوللىغان ئۇچۇرلىرىدا «مەسىلە» كۆرۈلگەنلىكى ئۈچۈن كېسىۋېتىلگەن.

مەزكۇر 57 مەھبۇسنىڭ تۆۋىنى 10 يىللىق، يۇقىرىسى 25 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى توققۇزاق ئوپالدىكى لاگېردا 1-2 يىلچە تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن بەزىلىرى ئۈرۈمچىدىكى، بەزىلىرى قەشقەردىكى تۈرمىلەرگە يۆتكەلگەن. مەمەتياسىن ئۇرايىم نۆۋەتتە قەشقەردىكى مۇش تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتىكەن.

ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئوغۇساق بازىرىنىڭ 2017-يىلىدىكى ئومۇمى نوپۇسى 20500 بولۇپ، 57 ئەزاسى 10 يىللىقتىن يۇقىرى كېسىۋېتىلگەن، ئۇنىڭ 5‏-كەنتى 400 چە ئائىلە 2000 چە نوپۇستىن تەشكىللەنگەن. ئەمما بۇ كەنتتىن قانچە كىشىنىڭ 10 يىللىقتىن تۆۋەن كېسىلگەنلىكى ۋە قانچە كىشىنىڭ تېخى لاگېردا ئىكەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت