نۇرسىمانگۈل ئابدۇرېشىت: «خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ‹ئاتا-ئاناڭ سوت ئارقىلىق كېسىلدى› دېگىنىگە گۇمانىم بار»
2020.06.18
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كونسۇلخانىسى تۈركىيەدىكى مۇھاجىر نۇرسىمانگۈلگە ئاتا-ئانىسىنىڭ 13 ۋە 16 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان ۋاقتىدا ئۇلار ئۈستىدىن 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى سوت ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما نۇرسىمانگۈل بۇلتۇر يۇرتىدىكى تونۇشلىرى ئارقىلىق قولغا چۈشۈرگەن بىر تۈرمە ئۇقتۇرۇشىدا ئۇنىڭ دادىسىنىڭ 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇمشۇق شەھىرىدىكى گەمىلىك تۈرمىسىگە ئەكىلىنگەنلىكى قەيت قىلىنغان. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭغا ئاساسەن نۇرسىمانگۈلنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۈستىدىن سوت ئېچىلمىغانلىقى، تۇمشۇقتىكى تۈرمىگە لاگېردىن ئۇدۇللا يۆتكەلگەنلىك ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
خىتاي كونسۇلخانا خادىمى مۇھاجىر نۇرسىمانگۈلگە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ 2017-يىلى 13-دېكابىر كۈنى سوت ئارقىلىق كېسىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان، ئەمما ئۇ ئۆتكەن يىلى قولىغا چۈشۈرگەن بىر تۈرمە ئۇقتۇرۇشىدا ئۇنىڭ دادىسىنىڭ 2019-يىلى 1-فېۋرال كۈنى تۇمشۇق شەھىرىدىكى گەمىلىك تۈرمىسىگە ئەكىلىنگەنلىكى قەيت قىلىنغان. بۇ ئىككى ئۇقتۇرۇشتا ئارىلىقىدىكى 14 ئاي ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قەيەردە تۇرغانلىقى مەلۇم ئەمەس. نۇرسىمانگۈل بۇ ئېنىقسىزلىققا ئاساسەن دادىسىنىڭ بۇ مەزگىلدە لاگېردا تۇرغانلىقى، دادىسىنىڭ ئۈستىدىن سوتمۇ ئېچىلمىغانلىقى، پەقەت لاگېردىن تۈرمىگە ئۇدۇللا يوللانغانلىق ئېھتىماللىقىنى پەرەز قىلىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، كونسۇلخانا خادىمى نۇرسىمانگۈلنىڭ ئاپىسى ۋە ئىنىسىنىڭمۇ دادىسى بىلەن بىر تۈرمىدە، يەنى يېزا ئىگىلىك 3-دېۋىزىيەسىگە قاراشلىق تۇمشۇقتىكى گەمىلىك تۈرمىسىدە ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلغان.
نۆۋەتتە نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان سابىق ئادۋوكات بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ ئىككى ئۇقتۇرۇشتىكى بەزى زىت ۋە مۈجمەل مەزمۇنلارغا ئاساسەن ئۇقتۇرۇشتا تىلغا ئېلىنغان مەھبۇسلارنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك كېسىلگەنلىكى راست بولسىمۇ، ئۇقتۇرۇشتا دېيىلگەن قانۇن تەرتىپىنىڭ ساختا ئىكەنلىكى، يەنى خەلقئارا جامائەتكە جاۋاب سۈپىتىدە توقۇپ چىقىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شىۋىتسىيەدە ياشاۋاتقان سابىق ساقچى خادىمى يولۋاس ئەپەندىمۇ قانۇنىي تەرتىپ بويىچە سوت ھۆكۈمى چىقىپ بولغاندىن كېيىن مەھكۇملارنىڭ قاماقخانىدىن تۈرمىگە دەرھال يۆتكىلىشى كېرەكلىكىنى، ئەگەر كونسۇلخانا دېگىنىدەك مەزكۇر مەھكۇملار ئۈستىدىن 12-ئايدا سوت ئېچىلغان بولسا، ئۇلار 13 ئايغا قەدەر تۈرمىگە يۆتكەلمىگەن. يولۋاس ئەپەندى يەنە مەزكۇر مەھكۇملارنىڭ تۇمشۇقتىكى گەمىلىك تۈرمىسىگە باشقا تۈرمىدىن يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىگىمۇ ئېھتىماللىق يوق دەپ قارايدۇ.
مەلۇمكى، ئىنساندارچىلىق نۇقتىسىدىن شۇمخەۋەر تاپشۇرۇۋالغۇچى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى يەتكۈزگۈچى ئۈچۈنمۇ بىر ئازابلىق ئىش. ۋاشىنگتوندا ياشاۋاتقان كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى كونسۇلخانا خادىمىنىڭ شۇمخەۋەرنى يەتكۈزۈۋاتقان چاغدىكى ئىنتوناتسىيەسى ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈپ، مەزكۇر خادىمنىڭ نۇرسىمانگۈلگە ئائىلىسىدىكى 6 كىشىدىن 4 كىشىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى ناھايىتى راھەت يوسۇندا يەتكۈزگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ ۋە بۇنىڭدىن بىر مەدەنىيەت ۋە بىر سىستېمىدىكى چۈرۈكلۈكنى كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئىلشات ئەپەندى خىتاي دۆلىتىدە قانۇن دېگەن نەرسىنىڭ بۇرۇندىن بولۇپ باقمىغانلىقى ۋە ھېلىمۇ يوقلۇقىنى، پەقەت ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مىللىي قىرغىنچىلىقنى خەلقئارا جامائەتتىن يوشۇرۇش ئۈچۈنلا قانۇننى نىقاب سۈپىتىدە كىيىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا خىتاي تەرەپنىڭ رەسمىي ئۇقتۇرۇشلىرىنىڭ ساختىپەزلىك بىلەن تولغانلىقى ۋە ئوخشىمىغان ئورگانلىرىنىڭ ئوخشاش بىر مەسىلىدىكى ئۇقتۇرۇشلىرىدا بىر-بىرىگە زىتلىقلارنىڭ داۋاملىق ئۇچراپ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
تاپشۇرۇۋالغان ئۇقتۇرۇشلىرىدىكى يۇقىرىقىدەك زىتلىقلارنى بۇنىڭدىن كېيىن خەلقئارادىكى ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ دىققىتىگە سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن نۇرسىمانگۈل خانىم سۆھبىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا ئائىلىسىدىكى 4 جاننىڭ ۋە ئۇلارغا ئوخشاش قىسمەتتىكى يۇرتداشلىرىنىڭ تۈرمىدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ئاچىسى بىلەن بىرلىكتە بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ مەزمۇت قەدەم بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.