رەناگۈل غېنى دادىسى تۈگەپ كەتكەندە قىلغان ئىبادەتلىرى سەۋەبلىك 17 يىللىق كېسىلگەن

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021.08.24
رەناگۈل غېنى دادىسى تۈگەپ كەتكەندە قىلغان ئىبادەتلىرى سەۋەبلىك 17 يىللىق كېسىلگەن ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق قەلبىنۇر غېنىنىڭ ئاچىسى رەناگۈل غېنى. 2017-يىلى، كورلا.
Qelbinur Ghéni teminligen

يېقىنقى 4-5 يىلدىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ياردىمىدە خىتاي ھاكىمىيىتى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامىغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقى مەلۇم. ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق قەلبىنۇر غېنى ئاشۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلەرنى ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئەپەندىگە ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدى.

قەلبىنۇر غېنى ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئەپەندى بىلەن ئۆتكەن يىلى 3-دىكابىردا كۆرۈشكەن. ئۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مايك پومپېيو ئەپەندى بىلەن بولغان سۆھبىتى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇچرىغان تەھدىتلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن پومپېيو ئەپەندىگە ئائىلەمنىڭ ۋە پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ئېيتتىم. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ دۇنيادىلا دوزاخنىڭ كۈنىنى كۆرۈۋاتقانلىقىنى، خەلقئارادىن ياردەم كۈتۈۋاتقانلىقىمىزنى بىلدۈرگەن ئىدىم.»

شۇنىڭدىن كېيىن قەلبىنۇرنىڭ كورلادا تۇرۇشلۇق ئائىلىسى دائىم خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سوراق قىلىشىغا ئۇچرىغان. خىتاي دائىرىلىرى قەلبىنۇرغا بىۋاسىتە ياكى ئائىلىسى ئارقىلىق بېسىم قىلىشقا باشلىغان. ھەتتا قەلبىنۇرغا ئاچىسى رەناگۈل غېنىنىڭ ئاۋازلىق ئۇچۇرىنى يوللىغان بولۇپ، ئاچىسى ئۇنىڭدىن «قالايمىقان ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق» نى تەلەپ قىلغان.

قەلبىنۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاچىسى رەناگۈل غېنى ئەسلىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئىككى بالىنىڭ ئانىسى ئىكەن. ئۇ 2018-يىلى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، قەلبىنۇرنىڭ يېقىندا ئالغان خەۋىرىگە قارىغاندا ئۇ بۇ يىل 5-ئايدا لاگېردىن تۈرمىگە يۆتكەلگەن ئىكەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي ۋە ئائىلە تۇرمۇشىغا ئائىت ئىشلەپ تارقاتقان ۋىدېيولىرى ھەققىدىكى يېڭى دوكلاتىنى ئېلان قىلغان ئىدى. 50 بەتلىك بۇ دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئىشلىگەن تەشۋىقات ۋىدېيولىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن قىسمەتلەر ۋە ئائىلىۋى پاجىئەلەرنى دەلىللەپ چىققان. ۋىدېيوغا چىقىرىلغان ئۇيغۇرلار خىتاي تەرىپىدىن بىر مەزگىل ئىز-دېرەكسىز يوق قىلىۋېتىلگەن بولۇپ، كېيىن خىتاينىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن چەت ئەلدىكى ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى ۋە بارلىق ئۇيغۇرلارغا قارشى سۆزلىتىلگەن ئىدى.

قەلبىنۇر غېنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىسىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ئارقىلىق كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇمۇ نۇرغۇن تەھدىتلەرنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىگە قىلغان تەھدىتلىرى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئۇلار سەن ئەگەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى پائالىيەتلىرىڭنى توختاتمىساڭ ئاچاڭنى، ئاناڭنى بىر ئۆمۈر كۆرەلمەيسەن، دېدى. مەن سۆزلەشنى ئەمدى باشلىدىم، مېنىڭ تېخى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولاقلىق نەۋرە تۇغقانلىرىم بار. ئۇلار ھەر قانچە تەھدىت سالسىمۇ، مېنى سۆزلەشتىن توختىتالمايدۇ.»

ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بۇ يىل 19-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئامېرىكانىڭ نۆۋەتتىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتوني بلىنكېنمۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ تۇنجى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.