ۋالىبولچى ئابلەت باۋۇدۇننىڭ تۇتۇلۇش ۋە لاگېردا كېسەل بولۇش سەۋەبى ھەققىدە ئۇچۇر ۋە پەرەزلەر

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2020-10-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەتراپى سىم تور ۋە قوراللىق ئەسكەرلەر بىلەن قورشالغان «تەربىيەلەش لاگېرى».
ئەتراپى سىم تور ۋە قوراللىق ئەسكەرلەر بىلەن قورشالغان «تەربىيەلەش لاگېرى».
Social Media

بىز ئۇچتۇرپاندا ئىككى يىل لاگېردا يېتىپ، ئىككى قولتۇقىدا قوش ھاسا تاياق بىلەن چىققان سابىق ۋالىبولچى ئابلەت باۋۇدۇن ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا ئالاقىدار كەنت ساقچىسى ئۇنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبىنى ئاشكارىلىدى. ئابلەت باۋۇدۇننىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزگەن تېببىي پەنلەر دوكتورى جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى ئابلەت باۋۇدۇننىڭ كېسەل سەۋەبى ھەققىكى پەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ پەرەزلىرى ئارىسىدا ئابلەت باۋۇدۇننىڭ بەلگىلىك خىمىيەۋىي دورا سىناقلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىق ئېھتىماللىقىنىمۇ چەتكە قاقمىدى.

ۋالىبولچى ئابلەت باۋۇدۇن ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا، ئۇچتۇرپاننىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدىكى بىر كەنت ساقچىسى ئۇنى ساغلام ۋە قاۋۇل بىر ۋالىبولچىدىن قوش ھاسا تاياقلىق بىر بىمارغا ئايلاندۇرغان سەۋەبنىڭ ئاتالمىش قول تېلېفوندىن چىققان بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئابلەت باۋۇدۇن قول تېلېفونىغا «كوەييا» دەپ ئاتىلىدىغان بىر «قانۇنسىز يۇمشاق دېتال» نى چۈشۈرگەنلىكى ئۈچۈن 2016-يىلى تۇتۇپ كېتىلگەن. شۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشتە ئۇنىڭ قىلمىشى دىققەتسىزلىك دەپ قارالغان. ئەمما2017-يىلى لاگېرلار قۇرۇلغاندا مەزكۇر ئەھۋال «سىياسىي مەسىلە» دەپ قارىلىپ، ئابلەت باۋۇدۇن لاگېرغا تاشلانغان. بۇ ساقچى خادىمىمۇ ئابلەت باۋۇدۇننىڭ ئەسلىدە كەنتتە بوغالتىر ۋە كاتىپلىق قىلىۋاتقانلىقى، شۇڭا يېزىقچىلىق ئىشلىرىدا بەزىدە تور مەشغۇلاتلىرىدىن پايدىلىنىدىغانلىقى، ۋە بىلىپ-بىلمەي توردا چەكلەنگەن ماتېرىياللارنى ئېچىپ سالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئابلەت باۋۇدۇننى ۋالىبول مەيدانىدىن چاقىرتىپ ئەكەلگەن ۋە ساقچىلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەن كەنت ئامانلىق مۇدىرى بولسا، ئابلەت باۋۇدۇننىڭ ئاتالمىش «خاتالىقى» نىڭ يالغۇز قانۇنسىز يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرگەنلىكىلا ئەمەس، بەلكى يەنە قول تېلېفونىنى بىر ۋالىبولچى دوستىغا بېرىپ تۇرغانلىقى ۋە ئۇ دوستىنىڭ چەتئەلدىكى تۇغقىنى بىلەن بۇ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى، بۇنىڭ سوراق ۋە تەكشۈرۈش داۋامىدا «چەتئەل بىلەن قانۇنسىز سۆزلىشىشكە ۋاسىتىچى بولۇپ بېرىش» دەپ قارالغانلىقى ۋە شۇ سەۋەبلىكمۇ تۇتۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەزكۇر ساقچى خادىمى ئابلەت باۋۇدۇننىڭ سالامەتلىكىنىڭ نۆۋەتتە ئېچىنىشلىق ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. بۆرەك زەئىپلىشىشنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختالغان تېببىي مۇتەخەسىس-مېدىتسىنا پەنلىرى دوكتورى جۈرئەت ئوبۇل ساغلام بىر ۋالىبولچىنىڭ ئىككى يىل لاگېردا يېتىپ، قوش ھاسا تاياقلىق بولۇپ قېلىشىنىڭ پەۋقۇلئاددە بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. بىز مەزكۇر كەنت ئامانلىق مۇدىرىدىن ئابلەت باۋۇدۇننىڭ لاگېردىكى كامېر ۋە تاماق شارائىتلىرى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. بۇ خادىم ئابلەت باۋۇدۇننىڭ كېپىللىكتە بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

جۈرئەت ئوبۇلنىڭ قارىشىچە، ئابلەت باۋۇدۇن تۈرمىدىكى ئوزۇقلىنىشنىڭ ناچارلىقى سەۋبىدىن بۆرەكتە زەئىپلىشىش تۇغۇلغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. نۆۋەتتە ۋاشىنگتوندىكى بىر دوختۇرخانىدا خىزمەت قىلىۋاتقان دوكتور جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى ئابلەت باۋۇدۇننىڭ لاگېردا قېيىن-قىستاققا ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىنلىكى ۋە تاياق زەربىسىدىن بۆرىكىنىڭ زەخىملەنگەنلىك ئېھتىماللىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ ئاخىرىدا ئابلەت باۋۇدۇننىڭ خىتاي لاگېرلاردا ئېلىپ بېرىۋاتقان بەلگىلىك خىمىيەۋىي دورا سىنىقىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىق ئېھتىماللىقىنىمۇ چەتكە قاقمىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت