82 ياشلىق مۇھاجىر مەمەتتوختى ئىمىن ئاكا، 2017-يىلى ئانا يۇرتى توققۇزاقتا كۆرگەن-بىلگەنلىرى قاتارىدا قوشنىسى ھامۇت دېھقان دېگەن كىشىنىڭ لاگېردىن جەسىتى چىققانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ توققۇزاققا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، ھامۇت دېھقان دېگەن بۇ كىشىنىڭ كېسەلچان ھالەتتە لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ۋە لاگېردا ئاتالمىش «كەسپكە چىققان» ۋاقتىدا ئىش ئۈستىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى دەلىللەندى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، مۇھاجىر مەمەتتوختى ئىمىن ئاكىنىڭ يۇرت زىيارتى داۋامىدا كۆرگەنلىرىگە ئاساسەن بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا 2017-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىلا لاگېر سەۋەبلىك كۆپلىگەن پاجىئەلەر يۈز بېرىشكە باشلىغان. ئەمما ئاھالىلەر ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىكى سەۋەبىدىن كۆرگەن-بىلگەنلىرىلا ئەمەس، بەلكى بېشىدىن كەچۈرگەنلىرىنىمۇ ئېغىزغا ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان. ئۇ توققۇزاق لەنگەردىكى قوشنىسى ھامۇت دېھقان دېگەن كىشىنىڭ لاگېردا جان ئۈزگەنلىكىنى، پەقەت قوشنىسىنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ چىقىۋاتقان ساقچىلارنىڭ سۈرلۈك قىياپىتى ۋە ھازىدار ئائىلە ئەزالىرىنىڭ غەمكىن چىرايىدىنلا بىلەلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە توققۇزاق لەنگەرنىڭ 2-كەنت ئاھالىسى بولغان ھامۇت دېھقاننىڭ فامىلىسى تۇردى بولۇپ، ئۇ 2017-يىلىنىڭ بېشىدا لاگېرغا ئەكىتىلگەن ۋە كېيىن ئۈرۈمچىدىكى بىر لاگېر ياكى تۈرمىگە يۆتكەلگەن.
تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا خادىملاردىن بىرىنىڭ پاش قىلىشىچە، ھامۇت دېھقان لاگېرغا ئەكىتىلىشتىن بۇرۇنلا كېسەلچان ھالەتتە ئىكەن. لاگېردىكى مەزگىلىدە سالامەتلىكى سەۋەبلىك ئۇنىڭغا «يېنىك ئىش» دەپ قارالغان ناۋايلىق ئۆگىتىلگەن. ئۇ لاگېردىن «كەسپكە چىققان» مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىكى بىر مەجبۇرىي ئەمگەك مەيدانىدا ناۋايلىق قىلىۋاتقان مەزگىلىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان. توققۇزاق لەنگەردىكى 2-كەنت ئامانلىق مۇدىرى ئۆز كەنتىدە لاگېردا ئەڭ دەسلەپتە ئۆلگەن كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا «ھامۇت دېھقان» دەپ جاۋاپ بەردى ۋە ئۇنىڭ لاگېردا جان ئۈزگىنىگە 3 يىلدىن ئاشقانلىقىنى دەلىللىدى.
مۇھاجىر مەمەتتوختى ئىمىن ئاكا، ھامۇت دېھقاننىڭ 40 ياشلار چامىسىدا ئىكەنلىكى، ئايالى تۇراخان ئىمىننىڭ 3 بالىسى بىلەن تۇل قالغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى. مەزكۇر ئامانلىق مۇدىرى بۇ ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى. ھامۇت دېھقاننىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن كەنت خادىمىنىڭ پاش قىلىشىچە، ھامۇت دېھقان كېسچلچان ھالەتتە لاگېرغا ئېلىپ مېڭىلغاندا، ئايالى تۇراخان ئىمىن ساقچىلارغا يىغلاپ يالۋۇرۇپ، يولدشىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بارغانسېرى يامانلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى، ئېغىر ئەمگەك ياكى «تەربىيە» نى كۆتۈرەلمەيدىغانلىقى ۋە ئائىلىدىن ئايرىلسا ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىكەن. ئەمما ساقچىلار ھامۇت دېھقانغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىدىنىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، لاگېرغا ئېلىپ كەتكەن. دېيىلىشىچە، لاگېردا ئۇنىڭ سالامەتلىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئەڭ دەسلەپتە «كەسپ» كە چىقىرىلغان، يەنى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر مەجبۇرىي ئەمگەك ئورنىغا يۆتكەلگەن.
ئىلگىرى زىيارتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر لاگېر ساقچىسى، لاگېر تۇتقۇنلىرى لاگېرغا ئەكىتىلىشتىن بۇرۇن دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈلىدىغانلىقى ۋە كېسىلى بايقالسا، داۋالاپ ساقايتىلىپ ئاندىن لاگېرغا ئاپىرىلىدىغانلىقىنى، يەنى لاگېرغا بېرىشىنىڭ كېچىكىدىغانلىقى، ئەمما بېرىشتىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى پاش قىلغان ئىدى. ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ھامۇت دېھقان دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىپ تەكشۈرۈلۈش باسقۇچىدىن ئۆتكۈزۈلمەيلا لاگېرغا ئەكىتىلگەن ۋە ئۇنىڭغا «ئېتىبار» سۈپىتىدە «كەسپ» ئۆگىتىلگەن ۋە سېلىنغان ناۋايلىق ئىشى ئۈستىدە جان ئۈزگەن.
ئىگىلەشلىرىمىزىدىن ھامۇت دېھقاننىڭ نېمە كېسىلى بارلىقى، ناۋايخانىدا ئىش ئۈستىدە قانداق بىر ئەھۋالدا جان ئۈزگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. مۇھاجىر مەمەتوختى ئىمىن ئاكىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھامۇت دېھقاننىڭ جەسىتى ئۈرۈمچىدىن ئەكىلىنگەن ۋە جەسەت كۆكىرىپ كېتىلگەن ھالەتتە ئائىلىسىگە تاپشۇرۇلغان. مەزكۇر ئائىلىنىڭ ھازا ئېچىشى ۋە نەزىر ئۆتكۈزىشىگە يول قويۇلمىغان.
يۇقۇرىدا توققۇزاق لاگېرىدا 40 ياشلار چامىسىدىكى ھامۇت دېھقان ئىسىملىك كىشىنىڭ 2017-يىلى كېسەلچان ھالەتتە لاگېرغا ئەكىتىلگەنلىكى ۋە ئۈرۈمچىدىكى بىر بىر مەجبۇرىي ئەمگەك مەيدانىدا ئىش ئۈستىدە جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.